ئا.قاراقاش - ماقالىلار
بۆلۇم سانى: 4
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا.قاراقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش ۋە ئۇنى تەربىيەتچىلىكتە، ئىسىم ـ سۈپەتتە يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، سۆز ياكى ھەرىكەتتە بولسۇن ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر زات ئاللاھ دەپ بىلىش قاتارلىقلار ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ بارلىق نىزاملىرى، ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ بىخلىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا.قاراقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتقانلىقى، ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىقلارنى يارىتىش ۋە كەشىپىياتلارنى ئېچىش كېرەك ئكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە
«ﮬﻪﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ؟» ناملىق بۇ ماقالىدا ھەجنىڭ ماھېيىتىنى قانداق چۈشۇنىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا بىر نەچچە نوقتىدا توختىلىدۇ:1- ھەجنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەركانلىرىنىڭ ماھېيىتى.2- ئاللاھقا مۇتلەق تەسلىم بولۇشنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى. 3-مۇسۇلماننىڭ ھاياتقا يېڭى سەھىپە ئېچىشقا پۇرسەت ئىكەنلىكى.4-ئىسلام شەرىئىتىدىكى بەلگىمىلەرنى ئادا قىلىشتىكى ئەمەلى ۋاسىتە ئىكەنلىكى.5- شەيتانلارغا تاش ئېتىش،چاچ چۈشۈرتۇش،ئاللاھ يولىدا قان قىلىش قاتارلىقلاردىكى ھېكمەت.6- ئىنسان ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش بىلەن جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى قۇرئان سۈننەتكە ئۈيغۇن ھالدا بايان قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا.قاراقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا، نامازنى تەرك قىلغۇچى قىيامەت كۈنىدە فىرئەۋن ۋە ھامانلار بىلەن ھەشر قىلىنىدىغانلىقى. نامازنى تەرك قىلغۇچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە ئاتا قىلغان ھەۋزى كەۋسەردىن سۇ ئىچەلمەيدىغانلىقى، ؛كىمكى نامازنى تولۇۇق ئادا قىلسا، قىيامەت كۈنىدە نامىزى نۇر ۋە ھۆججەت بولۇپ نىجاتلىققا ئىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان سۇننەتكە ئاساسلىنىپ بايان قىلىدۇ .