ئايالىم ئۆتكەن يىلى رامزاندا ھەيزدارلىق سەۋەبى بىلەن روزا تۇتالمىغان ئىدى، بۇ يىل رامزان كېلىشتىن بۇرۇن تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى ھامىلدار بولۇپ قالدى. دوختۇر ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبى ۋ ە تۆرەلمىنىڭ نورمال يېتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە قەتئى روزا تۇتماسلىقنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم قازا روزىسىنى تۇتمىدى. بۇ كۈنلەرنىڭ روزىسىنى قانداق قىلىدۇ؟ رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئۆتكەنكى رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.