مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم - بارلىق ھۆججەتلەر
بۆلۇم سانى: 52
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 2000 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى، مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئامانەت ۋە خىيانەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى ۋە چەكلىنىشى مۇھىم بولغان ئىشلاردىن، ئامانەت ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئىبادەتتىكى ئامانەت، خىزمەت ۋە تىجارەتتىكى ئامانەت، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ پەزلى، خىيانەت ۋە خىيانەت قىلغۇچىغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان جازا، مۇسۇلماننىڭ ئامانەتدارلىق بىلەن سۈپەتلىنىشى ئىماننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە راستچىللىق پەزىلەتنىڭ مەنبىيى، مۇسۇلماننىڭ راستچىللىق بىلەن ئەخلاقلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئىسلام دىنىنىڭ راستچىللىق ئۇستىگە بەرپا قىلىنغانلىقى، ئاللاھ تائالا جانابى رەسۇلۇللاھنى راستچىللىقتا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، كەمتەرلىكنىڭ پەزلى ۋە ئەھمىيىتى، مۇسۇلماننىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلىنىشى، كەمتەرلىكتە ئوتتۇراھاللىقنى لازىم تۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقى، كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلانغۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە گۈزەل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر، ئېھساننىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەكلىكى، ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئەخلاق بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئاڭلىغۇچىلارغا ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئىسلام دىنى نېمە ئۈچۈن ئىسلام نامى بىلەن ئاتالغان؟
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاپتور ماقالىسىدا نېمە ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە چوشقىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى، چوشقا زۇكۇمىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، ئىنسانىيەت بۇنىڭغا ئوخشاش بالا-مۇسىبەتلەرگە نېمە ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقا ئۇچرايدىغانلىقى، مۇسۇلمانلار بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دىنىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، بەلكى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بالايى-ئاپەتلەر ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن سىگنال بولىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، روزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھىكمەت، روزىنىڭ سالامەتلىككە دائىر پايدىلىرى ۋە روزىدارلار ئۈچۈن مۇھىم بەزى نەسىھەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا، تىببىي ئىلىملارنىڭ يەكۈنلىشى بىلەن ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاپتور ماقالىسىدا مۇسۇلمان قىز-خانىملارنىڭ ئائىلىدىكى رولى، ئىبادەت مەۋسۇملىرىدىكى ئەھمىيىتى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ روزا، تەھەججۈد نامازلىرىنى خاتىرجەم ئادا قىلىشى ئۈچۈن قانداق ياردەمدە بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا بوي سۇنۇش، ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۇش، كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ھېسداشلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا قانداق قىلغاندا ئائىلىسىدە چاقنىغان يۇلتۇز بولۇپ ئاللاھ رازىلىقىنى قازىنىشتا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە بولامدۇ؟ مەسىلەن بىراۋ ئەتە شۇنداق قىلىمەن، كېلىدىغان ئايدا شۇنداق قىلىمەن، كېلەر يىلدا شۇنداق قىلىمەن دېگەنگە ئوخشاش پىلانلارنى تۈزىدۇ. بۇ دىنىمىزدا توغرىمۇ؟
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدۇ، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ئۆبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان يالغان ۋە تۆھمەتلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بۇ فىلىمگە رەددىيە قايتۇرۇشنى دىنىمنى، پەيغەمبىرىمنى قوغداش يولىدىكى ئىمانى بۇرچۇم دەپ بىلىپ بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىمۇ يورۇتۇپ بىرىشنى توغرا تىپىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئۆلگەنلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خوشاللىقى، غەمكىنلىكى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولامدۇ ؟ مۇسۇلماننىڭ روھى دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كېلەمدۇ؟ ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى 40 كۈنگىچە جان ئۆزگەن جايغا كېلىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار بۇ راستمۇ؟ھاياتلار ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى ھىس قىلىمىزمۇ؟ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلەرچۇ؟
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەلھەمەد تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بەزى مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرى قىز تۇغۇلسا دەرتلىنىدۇ، ھەتتا ئەگەر ئايالى قىز تۇغسا تالاق قىلىش بىلەن تەھدىد قىلغانلارمۇ بار. بۇ ھەقتە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسەڭلار؟.
- ئۇيغۇرچە لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە» ناملىق بۇ لىېكسىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكى،مۇھەممەد ئەلەيىسسالامغا ۋەھىي ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەنلىكى،ئۇنىڭ مۈجىزە ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكى، ئىسلام شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسى مەنبە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
جازانە قىلىش ئومۇملاشقان غەيرىي ئىسلامىي مەملىكەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولامدۇ؟ دىگەن سۇئالغا سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا دائىمىي كومىتېتى جاۋاپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مەسئۇد سەبرى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
پەزىلەتلىك جەمئىيەت قەدىمدە كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ياشاپ كەلگەن شىرىن خىيال بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغۋار نىشان سانىلىپ كەلدى. ھەركىم پەزىلەتلىك بۇ جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدا ياشاشنى تىلەيدىغان بولغان ئىدى. كۆڭۈل راھەتلىنىدىغان مۇنداق بىر جەمئىيەتنى كىممۇ ئارمان قىلمىسۇن؟!
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ ۋە پەزىلەتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا ، قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ، قۇرئان ئوقۇغاندا نېمە ئىشلارغا ئەمەل قىلىشىنىڭ كېرەكلىكى ، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنى يادلاشنىڭ پەزىلىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم دەپ قارالغان قۇرئانغا دائىر بەزى مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئىسپاتلاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق ۋە ئېخچام ھالدا يورۇتۇپ بىرىدۇ.