رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئەر ئايالى بىلەن ئوينىشىش جەريانىدا ئايال ئېغىز ئىچىشنى مەقسەت قىلىپ، ئىختىيارلىقنى ئەرگە بەرگەن بولسا، مۇشۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلامدۇ؟
مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
قىسقىچە چۈشەنچە
رامزاندا بامدات نامىزىدىن كىيىن ئەر كىشى ئايالى بىلەن ئويناشتى، ئايالى: ئۇنداق قىلماڭ روزام بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ تەكرار دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەر قويىۋەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئايال ئېرىگە كەينىنى قىلىپ ئەرنى ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى، ۋە كۆڭلىدە: ئېغىز ئىچىۋىتەي خالىغىنىنى قىلسۇن، گۇناھى ئۆزىگە بولسۇن دەپ ئويلىدى. شۇنداق ئويلاپ تۇرۇشى ئېرى ھېچ ئىش قىلماستىن ئايالىنى قويۇۋەتتى، ئايال كۆڭلىدە بۇ سۆزنى قىلغاندا، پەقەت خاتالىقىنى ئېرىگە يۈكلەپ، گۇناھتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى، ئۇ ئايال ئىپتار قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە يېمىدى ۋە ئىچمىدى. كۆڭلىدە ئويلىغان سۆزنىڭ سەۋەبىدىن روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى ئۇ پەقەت كۆڭۈلدە ئويلىغان سۆز بولۇپ قالامدۇ؟ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىش سەۋەبىدىن ئويلىغىنىم، ئىپتار قىلغانلىق بولامدۇ ياكى پەقەت ئويلىغان سۆز بولامدۇ؟ بەزى ۋاقىتتا كۆڭۈلدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسە روزىنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە ئوچۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
Follow us: