قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 16/11/1429 ھىجرى 2008-يىلى-11-ئاينىڭ-14 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا دىئالوگنىڭ ئەھمىيىتى، دىئالوگنىڭ شەرتلىرى ۋە ئاساسلىرى، ئىسلامدىكى كەڭرىچىلىك، ئىسلام دىنىنىڭ باشقا ساماۋى دىنلارغا بولغان ئارتۇقچىلىقى، ۋەزىيەتتە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەمەس بەلكى دىئالوگ بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە دىنلار ئارا دىئالوگ تۇرغۇزۇشقا دائىر مەسىلىلەر ئۇستىدە توختىلىدۇ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىئالوگ بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

 

2008- يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ھازىرقى زامان كىشىلىرى دىن مەدەنىيەت ۋە سىياسى بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بىر زاماندا ياشاۋاتىدۇ، ھېچقانداق بىر دىن ياكى مىللەت دۇنيا قىيىنچىلىقىنى يالغۇز ھەل قىلىپ كېتىمەن دېيىشى قىيىن، ئۇنداق ئىكەن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى  ئورتاق ھەل قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

بىز ئۆزگىرىشلەر كۆپ بولۇۋاتقان، دىنى، مەدەنىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەسىلىلەر بىر بىرىگە كىرىشپ كەتكەن بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. خەلقئارا ئالاقە، باردى كەلدىلەرنىڭ بىربىرىگە كىرىشىپ كېتىشى،  مەلۇمات بايلىقىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى، ھەرقانداق بىر دىن ئەھلىنىڭ دۇنيا قىيىنچىلىقىنى يالغۇز ھەل قىلىمەن دېيىشىگە يول قويمايدۇ، دۇنيا قىيىنچىلىقىنى بارلىق تەرەپ بىردەك ئولتۇرۇپ چىقىش يولى ئىزدەش كېرەك. دىنلار، مەدەنىيەتلەر ئارا سۈركىلىش، ئۆچمەنلىك، بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىشقا يول قويۇلماسلىقى كېرەك.

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن دۇنيا رەھبەرلىرى، ئاقىللار ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا لايىق يول خەرىتىسى تۈزۈپ، رېئاللىق روھى ئاستىدا غايە نىشان خەرىتىسىنى سىزىپ جاھاندىكى ئۆزگىرىشلەرگە لايىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بەرپا قىلىش لازىم. گىلوباللىشىش تۈزۈمىنى باشقىلارغا تېڭىش، باشقا بىر مىللەتنىڭ ھايات مودېلىنى زورلاش، باشقىلارغا ئالدىن باھا بېرىشتەك ئىشلار ھەممىسى ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولغاندا ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقىي سۈرىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ،  ياخشىلىق ۋە تەقۋا ئۈستىدە ھەمكارلىق پرىنسىپى ئۈچۈن مەيدان ئېچىلىدۇ. گۇناھ-مەسىيەت، زۇلۇم، تاجاۋۇزلۇققا قارشى كۈچ بىرلىكى تۇرغۇزىلىدۇ. تىنچلىق ئىچىدە ياشاش، ئىنسانىي ئورتاقلىق تەرەپلىرىنى نامايەن قىلىش، مۆتىدىللىق، ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە قويغان دىن، تىل، ئىرق ئوخشاشماسلىق قانۇنىيىتى، ئىنسانىي ئورتاقلىق مەنپەئەتى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىمدۇر.

دىئالوگ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ساماۋى دىنلارنىڭ بىر يوليورۇقى، پەيغەمبەرلەرنىڭ پرىنسىپىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىشى دىئالوگ، تونۇشۇش، ئارىلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. دىئالوگ پەقەتلا سۆھبەتكە چاقىرىش ئەمەس بەلكى ھەمكارلىق ۋە جاھاننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشۈش دېمەكتۇر. دىئالوگ ئارقىلىق قارشى تەرەپنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، بىرلىشىش ۋە ئايرىلىش نۇقتىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. دىئالوگ ئارقىلىقلا ھەمكارلىق نۇقتىلىرىنى بەلگىلەش مۇمكىن. دىئالوگ دېمەك پىكىر، مەلۇمات، ھەقىقەت ۋە ماھارەت ئالماشتۇرۇش دېمەكتۇر.شۇنداق قىلغاندا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىنسانىي ئورتاقلىق چۈشەنچىسىنى مېڭىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇمكىن. باشقىلار بىلەن جېدەللەشكەندە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشتەك ئىسلام پرىنسىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەقىقىي پىشقان دىئالوگ باشقىلارنى چۈشىنىش بىلەن ئالدىن ھۆكۈم چىقارماسىلىق بىلەن، ئادالەتتىن ئىبارەت ئورتاق پرىنسىپىنى قوللىنىش بىلەن نامايەن بولىدۇ.

مۇسۇلمانلاردىكى دىئالوگ پرىنسىپى بولسا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئىمانى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك تەرجىمىھالىغا نەزەر سېلىش بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.

دىئالوگ نېمە ئۈچۈن ئىنسانىي ھەقلىرىدىن مەھرۇم، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشنى مۇداپىئە قىلىش ئارقىلىق باشلانمىسۇن؟ ھەق ئۈچۈن باتىلغا قارشى كۆرەش قىلىش ئارقىلىق بولمىسۇن؟ بىز تەلەپ قىلىدىغان دىئالوگ ئېسىل ئەخلاقنى تارقىتىش، تىنچلىققا، ياخشىلىققا چاقىرىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈندۇر.

ئىنسانىيەت ئوتتۇرىدا چىقىشىپ ياشاش، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىي غايە، مۇستەھكەم ئەقىدىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بولمايدۇ. بىزنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپىمىز بولغان دىنى قائىدە-پىرىنسىپلىرىمىزغا نوقسان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز دىنلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشنىمۇ خالىمايمىز. مەقسىتىمىز ئۇ ئەمەس. مەقسىتىمىز، ئىنسانىيەت مەنپەئەتىدە ئورتاقلىشىش، ئىنسانلىق شەرىپىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىنىشتىن توسۇش، ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتۇر. ئىككى ھەرەم خادىمى ئوتتۇرىغا قويغان دىئالوگ چۈشەنچىسى تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلىپ يەرلىك ساھەدىن ھالقىپ مىللەتلەر ئارا مىنبەرلەرگىچە ئۇلاشتى. بۇنىڭدىن مەقسەت ھەقنى ئۈستۈن قىلىش، ياخشىلىق ۋە ئادالەت ئۈچۈن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى شوئار قىلغان ھالدا باشقىلارنىڭ ئىسلامغا قارىتا خاتا چۈشەنچىسىنى يوقىتىپ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىنى نامايەن قىلىشتۇر.

ئاللاھ بىزلەرنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزسۇن! زۇلۇم، تەڭسىزلىككە قارشى ئاۋازىمىزنى ئۇستۇن قىلسۇن. ئادالەتپەرۋەر ئىنسانلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى نېسىپ قىلسۇن ئامىن!.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز