قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا سالاملىشىشنىڭ پەزلى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ بۈيۈك سۈننەتنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، سالاملىشىشنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەدەب-ئەخلاقلىرى، قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان ھەرۋاقىت تەبەسسۇمنى لازىم تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

ئۆز-ئارا سالاملىشىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

يەككە- يىگانە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەمدۇ- سانا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.

سالاملىشىش-ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلانغان، قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان قەدىمى سۈننەتلەرنىڭ بىرى. سالام جەننەت ئەھلىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئېيتىدىغان سۆزىدۇر . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر-بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: (ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم) دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.» [يۇنۇس سۈرىسى، 10- ئايەت].

پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى، تەقۋادارلارنىڭ سىماسى، ساپ- ساغلام ئىنسانلارنىڭ ئادىتى بولۇپ شەكىللەنگەن بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپە زامانىمىزغا كەلگەندە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى يېتىمسىرەش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىرلىرى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا ئىسلام بۇيرىغان سالامنى بەرمەيدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر پەقەت ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەرگىلا سالام قىلىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تونۇمايدىغان بىرسىنىڭ قىلغان سالامىدىن تەئەججۈپلىنىدۇ، ھەتتا، تېڭىرقىغان ھالدا "مېنى تونۇمسىز؟!" دەپ سوراشتىنمۇ يانمايدۇ.

ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى قەلبلەرنىڭ ئۆز ئارا يىراقلىشىپ كېتىشى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇساپىلەرنىڭ ئېچىلىشى، پىرقە ۋە چېچىلاڭغۇلۇقلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىر ئادەم مۆمىن بولمىغۇچىلىك جەننەتكە كىرمەيدۇ. بىر- بىرىنى ياخشى كۆرمىگۈچىلىك مۆمىن بولمايدۇ، مەن سىلەرنى ئۇنى قىلساڭلار بىر- بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويمايمۇ؟ سىلەر ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئىسلامدا قايسى ئەمەل ياخشى؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كەمبەغەللەرگە تائام بېرىش، تونىغان ـ تونىمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىش» دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇنىڭدەك تونۇش ياكى دوست-بۇرادەرلەرگىلا ئەمەس، بەلكى، بارلىق مۇسۇلمانلارغا سالام بېرىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارە قىلىدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بازارغا كۆپ باراتتى ۋە «بىز بازارغا ئۇچرىغانلىكى كىشى بىلەن سالاملىشىۋېلىش ئۈچۈن بارىمىز.» دەيتتى.

سالام- مۇسۇلمان كىشىنىڭ كەمتەرلىكى ۋە باشقىلارغا بولغان مېھرى- مۇھەببىتىگە ئىشارە قىلىدۇ، قەلبىنىڭ ھەسەتتىن، چىدىماسلىقتىن، ئۆچ- ئاداۋەتتىن، چوڭچىلىق ۋە باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش قاتارلىقلاردىن خالىي ئىكەنلىكىدىن خوش بېشارەت بېرىدۇ. سالاملىشىش مۇسۇلمانلارنىڭ بىر- بىرلىرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەققىدۇر. سالاملىشىش تونۇشۇش، يېقىنلىشىش ۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇش بىلەن بىرگە، ياخشى ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش، جەننەتكە كىرىشنىڭمۇ كۈچلۈك ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر. سالاملىشىشنىڭ ئومۇملىشىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ جانلىنىشى دېمەكتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر: سالام قايتۇرۇش، كېسەل يوقلاش، جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بېرىش. چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرۈپ "ئەلھەمدۇلىللاھ" دېسە "يەرھەمۇكۇمۇللاھ" دېيىش.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

سالام قىلىنغان كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلغان ھالدا سالامنى ئىلىك ئېلىشى ۋاجىپتۇر. ئەبۇسەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يول بويىدا ئولتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار دېدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! بىزگە يول بويىدا ئولتۇرماي ئامال يوق. بىز ئۇ يەردە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالىمىز، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئولتۇرىمىز دەپ تۇرۇۋالساڭلار، يولنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، دېدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! يولنىڭ ھەققى نېمە؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۆزنى (ھارام ئىشلاردىن) يىغىش ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىش، سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش، دەپ جاۋاب بەردى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي -ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن- مۇنداق دەيدۇ: "بىرىنچى بولۇپ سالام قىلىش سۈننەت، سالامنى ئىلىك ئېلىپ، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش بولسا ۋاجىپتۇر. سالام قىلىدىغان كىشىلەر كۆپ بولغان تەقدىردە سالام قىلىش سۈننەت كۇپايىدۇر، يەنى بىر قىسىملىرى سالام قىلسا، باشقىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ۋەزىپە ئادا بولغان بولىدۇ، ئەگەر سالام قىلىنغان كىشى يالغۇز بىر كىشى بولغان تەقدىردە سالامغا جاۋاب بېرىشى لازىم بولىدۇ. ئەمما سالام قىلىنغان كىشىلەر كۆپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش پەرز كۇپايىدۇر، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ سالامنى ئىلىك ئېلىپ، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى نەتىجىسىدە قالغانلىرىنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىنغان بولىدۇ. ئەمما، كوللېكتىپ ھالدا سالام بېرىپ، كوللېكتىپ ھالدا جاۋاب قايتۇرۇش ئەڭ ياخشىدۇر.

سالام بېرىشنىڭ ئۇسۇلى:

نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «سالامنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېيىشتۇر. ئەگەر سالام قىلىنغان كىشى يالغۇز بىرلا كىشى بولغان تەقدىردە "ئەسسالامۇ ئەلەيكە" دېسىمۇ بولىدۇ. يەنىلا، پەرىشتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسۇن ئۈچۈن "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېيىش ئەڭ ياخشىدۇر. تېخىمۇ تولۇقراقى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ» دېيىش، ھەتتا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ» دېيىشتۇر. «سالامۇن ئەلەيكۇم» دېيىشمۇ جائىزدۇر.

سالامنى ئىلىك ئېلىشنىڭ ئۇسۇلى:

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «سالامنى ئىلىك ئېلىشنىڭ ئۇسۇلىغا كەلسەك، ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇكەممىلى "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ" دېيىشتۇر. "ئەلەيكۇم" دىن ئىلگىرى "ۋە" قوشۇلۇپ كېلىدۇ. "ۋە" قوشمىغان ھالدا دېسىمۇ بولىۋېرىدۇ. يەنە "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام" ياكى "ئەلەيكۇم ئەسسالام" دېيىش ئارقىلىق سالامنى ئىلىك ئېلىشمۇ جائىز. ئەمما "ئەلەيكۇم" دەپلا جاۋاب بېرىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر. بىراق، "ۋە" نى قوشۇپ "ۋەئەلەيكۇم" دېيىشنىڭ جائىزلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار.»

سالامنىڭ دەرىجىلىرى:

سالام ئۈچ باسقۇچقا ئايرىلىدۇ: ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ياخشىسى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ» دۇر، بۇنىڭدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغىنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ» دېيىشتۇر. بۇنىڭدىن تۆۋەنراقى بولسا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىش ئارقىلىق سالام قىلىشتۇر. مۇسۇلمان كىشى قىلغان سالامىنىڭ ئۇرامىغا قاراپ تۇلۇق ياكى ئازراق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا سالام قايتۇردى، ئاندىن ئۇ ئادەم ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئون ساۋاب» دېدى. يەنە بىر كىشى كېلىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى، ئاندىن ئۇ ئادەم ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يىگىرمە ساۋاب» دېدى. ئاندىن يەنە بىر ئادەم كېلىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ۋە بەرىكاتەھۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام قايتۇردى، ئاندىن ئۇ ئادەم ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئوتتۇز ساۋاب» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].

سالاملىشىشنىڭ ئەدەب- قائىدىلىرى:

1- يولدا ئىككى كىشى ئۇچىرىشىپ قالغان تەقدىردە، ئاتلىق، ئۇلاغلىق كىشى پىيادە كىشىگە، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا، كىچىكلەر چوڭلارغا سالام قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بەرسۇن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. ئىمام بۇخارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە : «كىچىك چوڭغا» دېيىلگەن.

2- مۇسۇلمان كىشىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىدىغان سالىمى «ئەسسالام» بىلەن باشلىنىشى، «خەيىرلىك سەھەر»، «مەرھابا» ۋەياكى «ئەلو» بولماسلىقى لازىم. ئەمما سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى خالىغان بارلىق يوللۇق ئەھۋال سوراش ئىبارىلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

3- مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە سالام قىلىپ كىرىشى ياخشىدۇر. چۈنكى، سالام بەرىكەت كەلتۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۆيۈڭگە كىرسەڭ سالام قىلىپ كىرگىن، بۇ قىلغىنىڭ سەن ۋە ئائىلەڭ ئۈچۈن بەرىكەت بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى]. ئۆيدە ئادەم بولمىغان تەقدىردىمۇ «بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە سالام» دېيىشى لازىم. [مۇسلىم رىۋايىتى] .

4- قارشى تەرەپتىكى كىشىنى بىئارام قىلمىغۇدەك، ئۇيقۇدىكى ئادەمنى ئويغۇتىۋەتمىگۈدەك ئاۋازدا سالام قىلىش لازىم. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسدە مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىرى كېلىپ ئۇخلاپ قالغانلار ئويغانمىغىدەك، ئويغاقلار ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى] .

5 - قىسقا مۇددەت ئايرىلغان تەقدىردىمۇ سالامنى تەكرار قىلىش ياخشىدۇر. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قاچانكى بىرەرسىڭلار بۇرادىرىگە ئۇچراپ قالسا ئۇنىڭغا سالام قىلسۇن، گەرچە ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى دەرەخ ياكى تام ياكى يوغان تاش ئايرىۋېتىپ قايتا ئۇچراشسىمۇ قايتا سالام بەرسۇن». [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى] .

6- كۆپلىگەن ئۆلىمالار ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىگە، پىتنە بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىغان تەقدىردە ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە سالام قىلىشىنى جائىز، دەپ قارىغان. ئايال كىشى مەھرەملىرىگە سالام قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ سالاملىرىغا جاۋاب بېرىشى ۋاجىپتۇر. ئوخشاشلا، ئەر كىشىمۇ ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىگە سالام قىلالايدۇ ۋە سالاملارنى ئىلىك ئېلىشى ۋاجىپتۇر. پىتنە بولمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولالىغان ئەھۋال ئاستىدا يات ئايال كىشىگە قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، يامان كۆز بىلەن قارىماسلىق ۋە گەپ- سۆزلەردە ئىچكىرىلەپ كەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا سالام قىلىنسا ۋە سالامى ئىلىك ئېلىنسا مەسىلە يوق.

7- قول ئارقىلىق ئىشارەتلىشىپ سالاملىشىش كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملىشىپ قالدى. ئەگەر سالام قىلىنىدىغان كىشى يىراقتا بولسا، سىزنى ئاڭلىمىغۇدەك يەردە بولسا سالامنى ئېغىزدا دېيىش بىلەن بىرگە ئىما- ئىشارەت ئارقىلىق سالام قىلسا مەسىلە يوق. بۇنداق ئەھۋالدا قىلىنغان ئىشارەت سالامنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. سالامنى ئىلىك ئېلىشمۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما ئاڭلىغۇدەك يەردە بولسا، سالامنى ئاڭلىغۇدەك ئېغىزاكى قىلىش لازىم.

8- بىرەر سورۇندا ئولتۇرغان كىشىنىڭ تۇرۇپ كېتىدىغان چېغىدا سالام قىلىشى ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرەرسىڭلار بىرەر سورۇنغا بارسا سالام قىلسۇن. ئۇ سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولسىمۇ سالام قىلسۇن. ئاۋۋالقى سالام كېيىنكى سالامدىن ئارتۇق ئەمەس (خوشلاشقاندا بەرگەن سالام كۆرۈشكەندە بەرگەن سالامدىن قېلىشمايدۇ)». [ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].

9- سالاملاشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە قولىڭىزنى مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزغا سۇنۇشىڭىز ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىپ سالاملاشسا ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈلىدۇ». [ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].

10- سالاملاشقاندا خوشچىراي بولۇشقا ۋە كۈلۈمسىرەشكە ئەھمىيەت بىرىڭ. «سەن كىچىككىنە بىر ياخشىلىقنىمۇ ئاددىي كۆرمە، ھەتتاكى بۇرادىرىڭگە ئىللىق چىراي بىلەن ئۇچراشقىنىڭمۇ (تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدىغان) ياخشىلىقتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى].

11- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلغان ھالدا سەبىلەرگە سالام قىلىش ياخشىدۇر. بۇنداق قىلغاندا ئۇلار قېيىن ئەھۋالدا قالمايدۇ، قەلبلىرىدە ئىشەنچ ۋە ئىسلام تەلىماتلىرى يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ.

12- كاپىرلارغا ئەۋۋەل سالام قىلماسلىق كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىي ياكى خىرىستىيانلارغا بۇرۇن سالام بەرمەڭلار، ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە يولدا ئۇچرىشىپ قالساڭلار، ئۇلارنى يولنىڭ چېتىگە قىستاڭلار» [مۇسلىم رىۋايىتى]. يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىرەر ئەھلى كىتاب سىلەرگە سالام بەرسە سىلەر "ۋە ئەلەيكۇم" دەڭلار». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، قەلبلەرنىڭ يېقىنلىشىشى، روھلارنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى ۋە ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ سۈننەتنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇڭلار.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز