قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ9/8/1430-ھىجرىيە2009-يىلى07-ئاينىڭ31-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا تىل ۋە ئەۋرەتنى ساقلاشنىڭ ئەھمىيىتى، مۇسۇلماننىڭ تىلى ۋە ئەۋرىتىنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىشى جەننەتكە نائىل بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكى، ئىنساننىڭ پىتنە ۋە ئەخلاقسىزلىققا چۇشۇپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

تىل ۋە ئەۋرەتنى ساقلاشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 07-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "تىلى بىلەن ئەۋرىتىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۆمىن ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، شان-شەرىپى ۋە قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا، پاھىشە ۋە چەكلەنگەن ئىشلارغا يۈزلەنمەيدۇ، ناچار-پەسكەشلىك ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشمايدۇ بەلكى  گۇناھ-مەسىيەتلەرنى تەرك قىلىش بىلەن نەپسىنى ساقلاپ روھىنى پاكلايدۇ. ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ھايۋانلارچە شەھۋانىيەتكە قىزىقتۇرىدىغان ھەرخىل ۋاسىتىلەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش پەقەت ئۆزىنىڭ ئەۋرىتىنى چەكلەنگەن ناچار-پاھىشە ئىشلاردىن ساقلاش، كۆرۈش  ۋە ئاڭلاش دۇرۇس بولمىغان ئىشلاردىن يىراقلىشىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.» نۇر سۈرىسى 30- 31-ئايەتلەر.

مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەۋرىتىڭنى ئايالىڭ ۋە دېدەك-چۆرىلىرىڭدىن باشقا ئاياللاردىن ساقلىغىن.»[تىرمىزى رىۋايىتى] سەھل ئىبنى سەئدى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئېغىزى بىلەن ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشقا كېپىللىك قىلىدىكەن، مەن ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەت بىلەن كېپىللىك قىلىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىنسانلارنى جەننەتكە ئەڭ كۆپ كىرگۈزىدىغان ئامىل قايسى ؟ دەپ سورىغانتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋادارلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق دېدى. ئىنسانلارنى دوزاخقا ئەڭ كۆپ كىرگۈزىدىغان ئامىل قايسى؟ دەپ سورىغانتى، تىل بىلەن ئەۋرەت دېدى.» [تىرمىزى رىۋايىتى]. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «لۇت ئەلەيھسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ قىلىقىنى قىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن دېدى.» (يەنى بەچچىۋازلىق قىلغۇچىلار) [ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايىتى]. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىر قېتىم كۈن تۇتۇلۇپ قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدى. كېيىن خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى! ئۆزىنىڭ قۇللىرى ۋە دېدەكلىرىنىڭ زىنا-پاھىشە قىلىشىنى ئاللاھدىنمۇ بەكراق كۈنلىگۈچى كىشى يوق. ئى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى! ئەگەر سىلەر مەن بىلگەن ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار!. دىققەت قىلىڭلار! مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى يەتكۈزدۈم.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئۇنىڭ جازاسى، ئازابى، غەزەبى ۋە ئىنتىقامىدىن ھەزەر قىلىڭلار.

ئىسلام شەرىئىتى پاھىشە ئىشلارنىڭ مەنبىيىنى كەسكىن يوق قىلدى ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چەكلىدى، ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يوللارنى توستى. ئەرلەرنى ئاياللاردىن، ئاياللارنى ئەرلەردىن ئاگاھلاندۇردى. ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن ئەرلەرگە ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىنمۇ زىيانلىقراق پىتنە قالمىدى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. ئەبى سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ۋە ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىڭلار، بەنى ئىسرائىل تۈنجى بولۇپ ئاياللارنىڭ پىتنىسىگە يولۇققان.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئۇقبەتە ئىبنى ئامىر ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يالغۇز ئاياللارنىڭ يېنىغا كېرىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار! دېگەندە، ئەنسارىيلاردىن بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! بۇنىڭدىن ئەرنىڭ ئەر تۇققانلىرىنى مەقسەت قىلاملا؟ دېگەنتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھە-ئە! بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك خەتەرلىك.» دېدى [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «مەھرەمسىز ئەھۋالدا ئايال يات ئەر بىلەن يالغۇز جايدا تۇرمىسۇن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].  ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئەۋرەت بولۇپ، سىرىتقا چېقىپ قالسا شەيتان ئۇنى كىشىلەرگە ئاشكارا كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى ئىچكىرى ئۆيىدىكى ۋاقتىدۇر.»[ئىبنى ھەببان رىۋايىتى].

ئەبى مۇسا رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئەتىر چېچىپ ئەرلەر ئارىسىدىن ماڭسا، ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ پۇراقتىن ھىدلانسا، ئۇ ئايال مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلغان ئايالغا ئوخشاش دەپ بەك يامان سۆزنى ئېيتقان.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى]. ئۇمرەتە بىنتى ئابدۇرەھمان ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاياللارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرگەن بولسا، بەنى ئىسرائىل ئاياللىرى چەكلەنگەندەك ئۇلارنى مەسچىتكە بېرىشتىنمۇ چەكلەيتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن سالام بەرگەندە ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن بۇرۇن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بىر ئاز تۇراتتى.»[ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].  

مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ نەپسىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاشقا تىرىشىشى لازىم. ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كىشىدىن ئۆز دائىرسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بولدىمۇ ياكى بۇيرۇقىنى ئادا قىلدىمۇ قىلمىدىمۇ دېگەنگە ئوخشاش ئىشلاردىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ئائىلىرىڭلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئىززەت-ئابرۇيىنى ھىمايە قىلساڭلار، قىز-ئاياللىرىڭنى ھارام ئىشلاردىن كۈنلىسەڭلار، پەرىشتىلەر سىلەرنى پاكىز ھالەتتە ۋاپات تاپتۇرىدۇ، پاكىز ھالەتتە قەبرىدىن قوزغايدۇ، قىيامەت كۈنى سىلەرگە تىنچ ئامانلىق بولىدۇ. مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىڭلار دېيىلىدۇ.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز