(1) (ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار![1]
(2) سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن[2].
(3) سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر[3].
(4) سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق[4].
(5) سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق[5].
(6) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»[6].