99 - سۈرە زەلزەلە ()

|

(1) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە[1]،

(2) زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا[2]،

(3) ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە[3]،

(4) بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ[4].

(5) (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر[5].

(6) بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ[6].

(7) كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ[7].

(8) كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[8].