93 - سۈرە زۇھا ()

|

(1) چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى[1]،

(2) قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[2]،

(3) (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق[3].

(4) ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر[4]،

(5) پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن[5].

(6) ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟[6]

(7) قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟[7]

(8) سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟[8]

(9) يېتىمنى خارلىما[9].

(10) سائىلغا قوپاللىق قىلما[10].

(11) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)[11].