(1) ئاسمان يېرىلغان چاغدا[1]،
(2) يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
(3) دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا[3]،
(4) قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا[4]،
(5) ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ[5].
(6) ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟[6]
(7) ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى[7].
(8) سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى[8].
(9) ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر[9].
(10) ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار[10].
(11) ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ[11].
(12) ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[12].
(13) مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ[13]،
(14) كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ[14].
(15) ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ[15].
(16) ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ[16].
(17) قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[17]
(18) قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[18]
(19) ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر[19].