92 - سۈرە لەيل ()

|

(1) قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى[1]،

(2) يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى[2]،

(3) ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى[3]،

(4) سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر[4].

(5) (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك[5ـ6]،

(6) (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك[5ـ6]،

(7) ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز[7].

(8) بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك[8ـ9]،

(9) بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك[8ـ9]،

(10) بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز[10].

(11) ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ[11].

(12) توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك ـ شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز[12].

(13) دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر[13].

(14) سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم[14].

(15) ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ[15ـ16].

(16) ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ[15ـ16].

(17) پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ[17ـ18].

(18) پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ[17ـ18].

(19) ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر[19ـ20].

(20) ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر[19ـ20].

(21) ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ[21].