1 - سۈرە پاتىھە ()

|

(1) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[1].

(2) جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر[2].

(3) ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر[3].

(4) قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر[4].

(5) (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز[5].

(6) بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن[6].

(7) غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)[7].