(1) (كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[1]،
(2) (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[2]،
(3) (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[3]،
(4) (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[4]،
(5) (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)[5].
(6) بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ[6].
(7) ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ[7].
(8) بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ[8].
(9) شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ[9].
(10) ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)[10]
(11) ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»[11]
(12) ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»[12].
(13) بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14].
(14) بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14].
(15) ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟[15]
(16) ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:[16]
(17) «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[17].
(18) ئۇنىڭغا :<كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن>پاك بولۇشنى خالامسەن.18
(19) سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن ـ دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»[19].
(20) مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى[20].
(21) پىرئەۋن (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى[21].
(22) ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى[22].
(23) (ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ[23]
(24) دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»[24].
(25) ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى[25].
(26) شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ[26].
(27) سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى[27].
(28) ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى[28].
(29) ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى[29].
(30) شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى[30].
(31) زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى[31].
(32) تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى[32].
(33) ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى)[33].
(34) قىيامەت كەلگەندە[34]،
(35) (شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى ـ يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ[35].
(36) قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ[36].
(37) كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن[37]،
(38) دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن[38]،
(39) ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ[39].
(40) پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك[40]،
(41) ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ[41].
(42) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ[42].
(43) سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟[43]
(44) ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر[44].
(45) سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر[45].
(46) ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)[46].