(1) كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1]،
(2) يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
(3) تاغلار گۇمران بولغان چاغدا[3]،
(4) بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4]،
(5) ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5]،
(6) دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6]،
(7) جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا[7]،
(8) تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
(9) تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
(10) نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10]،
(11) ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11]،
(12) دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12]،
(13) جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا[13]،
(14) ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ[14].
(15) كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
(16) كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
(17) قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن[17]،
(18) يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن[18].
(19) قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر[19].
(20) ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر[20].
(21) پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر[21].
(22) سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر[22].
(23) ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى[23].
(24) ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر[24].
(25) ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر[25].
(26) قەيەرگە بارىسىلەر؟[26]
(27) ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر[27].
(28) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر[28].
(29) پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە[29].