(1) (كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي![1].
(2) ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى[2].
(3) ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)[3].
(4) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ[4].
(5) ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[5]
(6) ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].
(7) ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].
(8) ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ[8].
(9) ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ[9].