44 - سۈرە دۇخان ()

|

(1) ھا، مىم[1].

(2) روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن[2].

(3) بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدردە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق[3].

(4) ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ[4].

(5) (شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق[5].

(6) (شۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[6].

(7) ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[7].

(8) ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالالايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[8].

(9) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنگۈچى ئەمەس)، بەلكى ئۇلار (قىيامەتتىن) شەكتە بولۇپ (ھەقنى ئىستىھزا قىلىپ) ئوينايدۇ[9].

(10) (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن[10].

(11) (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر[11].

(12) (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز» (دەيدۇ)[12].

(13) (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى)[13].

(14) ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن) دۇر، مەجنۇندۇر» دېدى[14].

(15) بىز ھەقىقەتەن ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر[15].

(16) ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز[16].

(17) ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى[17].

(18) (مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى) «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەر[18].

(19) ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم[19].

(20) مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن[20].

(21) ئەگەر ماڭا ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار مېنى (ئۆز ھالىمغا) قويۇۋېتىڭلار»[21].

(22) مۇسا پەرۋەردىگارىغا: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى[22].

(23) (ئاللاھ ئېيتتى) «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر[23].

(24) دېڭىزنى تىپتىنچ (يەنى سەن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇق ھالىتى بويىچە) قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر»[24].

(25) ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى[25ـ26].

(26) ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى[25ـ26].

(27) ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇردى[27].

(28) شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا) مىراس قىلىپ بەردۇق[28].

(29) ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى[29].

(30) شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].

(31) شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى[30 ـ 31].

(32) ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق[32].

(33) ئۇلارغا (يەنى تەپەككۇر قىلغۇچىلارغا) روشەن سىناق بار نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق[33].

(34) بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) چوقۇم ئېيتىدۇ:[34]

(35) «پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار»[35ـ36].

(36) «پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار»[35ـ36].

(37) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۈچلۈكمۇ ياكى تۈببە قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (نۇرغۇن) قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى[37].

(38) ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق[38].

(39) ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[39].

(40) باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ (ھېسابى ئۈچۈن) تەيىنلەنگەن ۋاقىتتۇر[40].

(41) ئۇ كۈندە دوست دوستقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ[41].

(42) پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[42].

(43) زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر[43ـ44].

(44) زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر[43ـ44].

(45) ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ[45ـ46].

(46) ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ[45ـ46].

(47) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ[47ـ48].

(48) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ[47ـ48].

(49) (ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ[49].

(50) بۇ (ئازاب) ھەقىقەتەن (ھايات ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ[50].

(51) تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ[51].

(52) باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ[52].

(53) ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر ـ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ[53].

(54) (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز[54].

(55) ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ[55].

(56) ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ[56].

(57) (بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر[57].

(58) ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق[58].

(59) (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار (سېنىڭ ھالاك بولۇشۇڭنى) كۈتكۈچىدۇر[59].