105 - سۈرە پىل ()
|
(1) پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[1]
(2) ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟[2]
(3) ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى[3].
(4) قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ[4]،
(5) ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى[5].