56 - سۈرە ۋاقىئە ()

|

(1) قىيامەت قايىم بولغان چاغدا[1]،

(2) ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ[2].

(3) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].

(4) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].

(5) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].

(6) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].

(7) سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر[7].

(8) (بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر[8].

(9) (ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر)[9].

(10) (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر[10].

(11) ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر[11ـ12].

(12) ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر[11ـ12].

(13) بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، [13]

(14) كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر[ـ14].

(15) ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ[15ـ16].

(16) ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ[15ـ16].

(17) (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ[17ـ18].

(18) (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ[17ـ18].

(19) ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ[19].

(20) ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ[20ـ21].

(21) ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ[20ـ21].

(22) ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ[22].

(23) بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر[23].

(24) ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ[24ـ25].

(25) ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ[24ـ25].

(26) سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ[26].

(27) سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟[27]

(28) ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

(29) ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

(30) ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

(31) ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

(32) ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

(33) ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

(34) ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

(35) شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق[35ـ37].

(36) شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق[35ـ37].

(37) شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق[35ـ37].

(38) بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر[38].

(39) بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر[39].

(40) كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر[40].

(41) بەختسىزلەر (يەنى نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟[41]

(42) ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42ـ44].

(43) ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42ـ44].

(44) ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42ـ44].

(45) چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى[45].

(46) ئۇلار چوڭ گۇناھتا (يەنى كۇفرىدا) چىڭ تۇرغان ئىدى[46].

(47) ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى[47ـ48].

(48) ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى[47ـ48].

(49) ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ[49ـ50].

(50) ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ[49ـ50].

(51) ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار![51]

(52) چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر[52].

(53) ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر[53].

(54) ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»[54ـ55].

(55) ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»[54ـ55].

(56) مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر[56].

(57) (ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟[57]

(58) سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ![58]

(59) ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق؟[59]

(60) بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز[60ـ61].

(61) بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز[60ـ61].

(62) شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە ئاللاھنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟[62]

(63) سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ![63]

(64) ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟)[64].

(65) ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار[65].

(66) سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)[66ـ67].

(67) سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)[66ـ67].

(68) سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ![68]

(69) ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟[69]

(70) ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟[70]

(71) سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ![71]

(72) ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟[72]

(73) ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق[73].

(74) ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن[74].

(75) يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن[75].

(76) شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر[76].

(77) شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر[77].

(78) كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر[78].

(79) ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ[79].

(80) ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[80].

(81) (ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟[81]

(82) (سىلەر ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا (رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟[82]

(83) جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر[83ـ84].

(84) جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر[83ـ84].

(85) بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)[85].

(86) ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار[86ـ87].

(87) ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار[86ـ87].

(88) ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ[88ـ89].

(89) ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ[88ـ89].

(90) ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ. [90ـ91]

(91) ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ. [90ـ91]

(92) ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ[92ـ93].

(93) ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ[92ـ93].

(94) جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ[94].

(95) شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر[95].

(96) ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن[96].