(1) بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،
(2) بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،
(3) بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،
(4) ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4
(5) ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى[5].
(6) ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
(7) ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
(8) ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[8ـ9].
(9) ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[8ـ9].
(10) مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ[10].
(11) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر[11].
(12) پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر[12].
(13) ئاللاھ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ[13].
(14) ئاللاھ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر[14]،
(15) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر[15]،
(16) خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر[16].
(17) (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟[17ـ18]
(18) (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟[17ـ18]
(19) (قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ[19].
(20) ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر[20].
(21) بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر[21ـ22].
(22) بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر[21ـ22].