(1) ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن[1].
(2) تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟[2]
(3) ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر[3].
(4) ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار[4].
(5) ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن[5].
(6) ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى[6].
(7) ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ[7].
(8) شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر[8].
(9) سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)[9]،
(10) ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر[10].
(11) يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى[11]،
(12) يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى[12]،
(13) قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر[13]،
(14) ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر[14].
(15) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ[15].
(16) مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن[16].
(17) (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)[17].