87 - سۈرە ئەئلا ()

|

(1) ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن[1].

(2) ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى[2].

(3) مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى[3].

(4) ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى[4].

(5) ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى[5].

(6) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7].

(7) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7].

(8) سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز[8].

(9) ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن[9].

(10) ئاللاھتىن (قورققان) ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ[10].

(11) ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ[11].

(12) ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[12].

(13) ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ[13].

(14) (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى[14].

(15) ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى[15].

(16) سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر[16].

(17) ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر[17].

(18) بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19].

(19) بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19].