88 - سۈرە غاشىيە ()

|

(1) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى[1].

(2) بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر[2].

(3) ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر[3].

(4) ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ[4].

(5) (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ[5].

(6) ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ[6].

(7) زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ[7].

(8) بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر[8].

(9) بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر[9].

(10) ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر[10].

(11) ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ[11].

(12) ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ[12].

(13) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

(14) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

(15) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

(16) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

(17) ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى[17]،

(18) ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى[18]،

(19) تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى[19]،

(20) زېمىن قانداق يېيىتىلدى[20].

(21) سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن[21].

(22) سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن[22].

(23) لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن[23]،

(24) ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ[24].

(25) ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ[25].

(26) ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز[26].