89 - سۈرە پەجر ()

|

(1) سۈبھى بىلەن، [1]

(2) [2](زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن،

(3) قۇربانلىق كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن، [3]

(4) (كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەرىكىتى بىلەن) ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى، (كاپىرلارغا چوقۇم ئازاب قىلىمىز) [4]

(5) ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك)قەسەم بارمۇ؟. [5]

(6) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].

(7) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].

(8) بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى[8].

(9) شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى[9].

(10) شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى[10].

(11) ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى[11].

(12) ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى[12].

(13) پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى[13].

(14) پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر[14].

(15) پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ[15].

(16) پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ[16].

(17) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر[17].

(18) بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر[18].

(19) مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر[19].

(20) مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر[20].

(21) (ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا[21].

(22) پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا[22].

(23) (گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن[23].

(24) ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»[24]

(25) شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ[25].

(26) ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ[26].

(27) ئى ئارام تاپقۇچى جان![27]

(28) سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن[28].

(29) سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن[29].

(30) مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن[30].