97 - سۈرە قەدر ()

|

(1) بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق[1].

(2) شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟[2]

(3) شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر[3].

(4) پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ[4].

(5) شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر[5].