كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Merit of Morals

بۆلۇم سانى: 4

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئامانەت ۋە خىيانەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى ۋە چەكلىنىشى مۇھىم بولغان ئىشلاردىن، ئامانەت ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئىبادەتتىكى ئامانەت، خىزمەت ۋە تىجارەتتىكى ئامانەت، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ پەزلى، خىيانەت ۋە خىيانەت قىلغۇچىغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان جازا، مۇسۇلماننىڭ ئامانەتدارلىق بىلەن سۈپەتلىنىشى ئىماننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «راستچىللىق دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە راستچىللىق پەزىلەتنىڭ مەنبىيى، مۇسۇلماننىڭ راستچىللىق بىلەن ئەخلاقلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئىسلام دىنىنىڭ راستچىللىق ئۇستىگە بەرپا قىلىنغانلىقى، ئاللاھ تائالا جانابى رەسۇلۇللاھنى راستچىللىقتا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «كەمتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، كەمتەرلىكنىڭ پەزلى ۋە ئەھمىيىتى، مۇسۇلماننىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلىنىشى، كەمتەرلىكتە ئوتتۇراھاللىقنى لازىم تۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقى، كەمتەرلىك بىلەن ئەخلاقلانغۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە گۈزەل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.