كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

بۆلۇم سانى: 7

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلاپ كېتىش، دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش، ئەخلاقى، سىياسى، ئىجتىمائىي، ئائىلە ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە يۇز بىرىۋاتقان زالالەت يوللىرى، خۇددى جەمئىيىتىمىزدە دىنى ھەقىقەتپەرۋەر دەۋەتچى زىيالىلار يوق بولۇپ كەتكىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋەتچىلىك ئىشلىرىدا زور دەرىجىدە چېكىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە دىنى زاتلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىمايۋاتقانلىقى، دەۋەت مىللەتنى ئىسلاھ قىلىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپى ساغلام ئەقىدىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئومۇمىي تۈرلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارنىڭ ھاكىمىيەت دەۋرىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «تەقۋالىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتى» ناملىق بۇ لېنتىدا، تەقۋالىقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقى چۇشەنچىسى، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كورسىتىدىغان تەسىرى، ئۇنىڭ بىلەن مۆمىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ تەقۋالىق بىلەن زېچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن ئىسپاتلاپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «رامىزان ئېيى مۇبارەك ئايدۇر» ناملىق بۇ لېنتىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى، رامىزاندا خالىس ئاللاھ رىزالىقىنى ئۆمۈت قىلىپ ، ۋاقىتلىرىنى ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۈچۈن، ئەۋۋەلقى 10كۈنلىرىنىڭ رەھمەت،ئوتتۇرىدىكى 10 كۈنلىرىنىڭ مەغپىرەت، ئاخىرقى 10 كۈنلىرىنىڭ دوزاختىن ئازات بولىدىغان ئاي ئىكەنلىكى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان ئېيىدىن كىيىنمۇ ، ئۇ ئايدا ھاسىل قىلىنغان پەزىلەتلەرنى داۋاملىق چىكىنمەستىن تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە تايىنىپ تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : كىرەم قاري تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    بۇ لېنتا مەشھۇر دىنى ئىسلىھاتچىلىرىمىزدىن بولغان دەۋەتچى كىرەم قارىمنىڭ سوزلىگەن لېكسىيەسى بولۇپ قانداق قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىمانىمىز مۇستەھكەم بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاللاھغا تولۇق ئىمان ئېيىتقان بولىمىز؟ رۇھانىيىتىمىز بىلەن مەۋجۇدېيىتىمىز قانداق قىلغاندا بىرىكىدۇ؟ ، دىگەن مەزمۇندا شەرئى ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشۈنۇشلۇك قىلىپ يورۇتۇپ بىرىدۇ. قېنى مەرھەمەت ئاڭلاپ ھۆزۇرلىنىڭ!