103 - سۈرە ئەسر ()

|

(1) ئاللاھ تائالا دىگەر ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) شەكسىزكى ئىنسان نۇقسان ۋە ھالاكەت ئىچىدىدۇر.

(3) لېكىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، ئۆزئارا ھەقكە ۋە ھەق ئۈستىدە سەۋرچان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشقانلار بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.