20 - سۈرە تاھا ()

|

(1) سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى.

(2) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قۇرئان كەرىمنى سېنى جاپاغا سېلىش ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە ئەپسۇسلاندۇرۇش ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق.

(3) بۇ قۇرئاننى پەقەت ئاللاھدىن قورقۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلارغا ۋەز-نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.

(4) بۇ قۇرئان كەرىم زېمىننى ياراتقان، ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان كاتتا .زاتنىڭ تەرىپىدىن نازىل قېلىنغاندۇر

(5) ئاللاھ تائالا ئەرىشنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ كاتتىلىق، يۈكسەكلىكىگە لايىق .رەۋىشتە ئالى بولدى ۋە قارار ئالدى

(6) ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە زېمىننىڭ ئاستىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قېلىش ۋە تەدبىر قېلىش جەھەتتە .يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر

(7) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچكەنچىلىك مەخپى ئىشلارنىمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.

(8) ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ئەڭ .گۈزەل ۋە مۇكەممەل ئىسىملىرى بار

(9) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن ساڭا ئىمراننىڭ ئوغلى مۇسا .ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكى كەلمىدىمۇ؟

(10) ئۆز ۋاقتىدا مۇسا سەپەر ئۈستىدە ئوتنى كۆردى، ئائىلىسىدىكىلەرگە: مۇشۇ جايىڭلاردا تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوت يورۇقۇنى كۆردۈم، مەن ئۇ ئوتتىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوتنىڭ يېنىدا ماڭا توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان بىرەر كىشىنى ئۇچىرتىپ قېلىشىم .مۇمكىن دېدى

(11) مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا دەپ نىدا قىلدى

(12) مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، مەن بىلەن سۆزلۈشۈشكە تەييا بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئايىغىڭنى سالغىن، ھەقىقەتەن .سەن مۇقەددەس ۋادىدا تۇرىۋاتىسەن

(13) ئى مۇسا! مەن سېنى ئەلچىلىكىمنى يەتكۈزۈشكە تاللىدىم، ساڭا قىلىنغان ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن.

(14) مەن ھەقىقەتەن ئىبادەتكە لايىق ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلغىن. مېنى زىكىر قېلىش ئۈچۈن نامازنى مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلغىن.

(15) ھەقىقەتەن قىيامەت شەكسىز بولىدۇ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەخلۇقلاردىن ھېچ كىشى بىلمەيدىغان دەرىجىدە مەخپى تۇتتۇم، لېكىن ئۇلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىدۇ. قىيامەتتە ھەر بىر ئىنسان ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.

(16) كاپىرلاردىن بولغان قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتا نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان، شۇنىڭ سەۋەبىدىن ھالاك بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەر سېنى قىيامەتنى تەستىقلاشتىن ۋە ياخشى .ئەمەللەر بىلەن ئۇنىڭغا تەييارلىق قېلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن

(17) .ئى مۇسا ئوڭ قولۇڭدىكى ئاۋۇ نېمە نەرسە ئۇ؟

(18) مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئۇ مېنىڭ ھاسام، مانغاندا ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىش ئۈچۈن دەرەخ قاقىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا پايدىلىنىمەن.

(19) .ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا! ئۇنى تاشلىغىن دېدى

(20) مۇسا ئۇنى تاشلىدى، ئۇ ناھايتى يەڭگىل ۋە تېز كېتىۋاتقان بىر يىلانغا .ئۆزگەردى

(21) ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ھاساڭنى تۇتقىن، ئۇنىڭ يىلانغا ئايلانغانلىقىدىن قورقمىغىن، ئۇنى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ھاسىلىق ھالىتىگە .قايتۇرىمىز دېدى

(22) قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن، ئاندىن ئۇ ئاق كېسەل بولماستىن ئاپپاق ۋە نۇرلۇق ھالەتتە چېقىدۇ، بۇ سېنىڭ ئىككىنچى مۆجىزەڭدۇر.

(23) ئى مۇسا ساڭا بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى بىلدۈرىدىغان چوڭ مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بۇ ئىككى ئالامەتنى كۆرسەتتۇق.

(24) ئى مۇسا! پىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن كۇپۇرلىقتا ۋە .ئاللاھقا گەردەنكەشلىك قىلىشتا بەك ھەددىدىن ئاشتى

(25) مۇسا ئەلەيسھىسسالام: پەرۋەردىگارىم! ئەزىيەتلەرنى كۆتۈرەلىگۈدەك .مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن دېدى

(26) .مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن

(27) .مېنى سۆزنى چۈشۈنۈشلۈك بايان قىلىشقا قادىر قىلغىن

(28) سېنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپەڭنى يەتكۈزگۈنۈمدە مېنىڭ سۆزۈمنى .چۈشەنسۇن

(29) ماڭا ئائىلەمدىن مېنىڭ ئىشلىرىمغا ياردەم بېرىدىغان بىر ياردەمچى تەيىن قىلغىن.

(30) قېرىندىشىم ھارۇن ئىبنى ئىمراننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن.

(31) ئۇنىڭ بىلەن مېنى كۇچلاندۇرغىن

(32) مېنىڭ ئەلچىلىك ئىشىمدا ئۇنى ماڭا ياردەمچى قىلغىن

(33) بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز.

(34) ساڭا كۆپ زىكىر ئېيتقايمىز

(35) سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزدىن ھېچ .نەرسە ساڭا مەخپى قالمايدۇ

(36) ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا! سەن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بېرىلدى، دېدى.

(37) .ھەقىقەتەن ساڭا يەنە بىر قېتىم نېئمەت بەرگەن ئىدۇق

(38) ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ئىلھام ئارقىلىق سېنى پىرئەۋننىڭ ھىلە-مىكرىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت ئىشنى ئىلھام قىلدۇق.

(39) مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا ئىلھام قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا: مۇسانى تۇققاندىن كېيىن ساندۇققا سالغىن، ساندۇقنى دېڭىزغا تاشلىغىن، دېڭىز ساندۇقنى بىزنىڭ بۇيرىقىمىز بىلەن قىرغاققا ئەچىقىدۇ. بۇنى مېنىڭ ۋە مۇسانىڭ دۈشمىنى بولغان پىرئەۋن ئالىدۇ، ئۇ مېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈم، مۇھاپىزەت قىلىشىم ۋە ئاسرىشىم ئاستىدا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان سۆيگۈنى ئاتا قىلدىم.

(40) ئۆز ۋاقتىدا ھەمشىرەڭ ساندۇققا ئەگىشىپ بىرگە ماڭدى، ساندۇقنى ئالغان كىشىلەرگە: ئۇ بالىنى ئېمىتىپ، ئاسراپ تەربىيلەيدىغان بىرسىنى كۆرسۈتۈپ قويايمۇ دېدى. بىز ساڭا مەرھەمەت قىلىپ ئاناڭنى خۇرسەن بولسۇن ۋە سېنىڭ ئۈچۈن قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئاناڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق. سەن بىرىنى قويۇپ قىبتىنى ئۆلتۈردىڭ، سېنى بۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مەرھەمەت قىلدۇق. ھەر قېتىمدا سېنى بارلىق سىناقلاردىن خالاس قىلدۇق، يۇرتۇڭدىن چېقىپ مەديەندە بىر قانچە يىل تۇردۇڭ. ئاندىن ئى مۇسا! سەن بىلەن سۆزلىشىش تەقدىر قېلىنغان بۇ جايغا كەلدىڭ.

(41) مەن ساڭا نازىل قىلغان ۋەھيىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشۇڭ ئۈچۈن .پەيغەمبەرلىككە تاللىدىم

(42) ئى مۇسا سەن ۋە قېرىندىشىڭ ھارۇن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قېلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ دەۋىتىمدىن ۋە مېنى زىكىر قىلىشتىن بوشىشىپ قالماڭلار.

(43) ئى مۇسا ۋە ھارۇن! پىرئەۋۇننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن .كۇپرىلىقتا ۋە ئاللاھقا گەردەنكەشلىك قىلىشتا بەك ھەددىدىن ئاشتى

(44) ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلماي مۇلايىملىق بىلەن سۆز قىلىڭلار، بەلىكم ئۇ ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى ئاللاھدىن قورقۇپ تەۋبە قىلىشى .مۇمكىن

(45) مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالام: بىز دەۋەتنى تاماملاشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىزنى جازالىشىدىن ياكى يەنىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىزنى ئۆلتۈرۈش ۋە باشقا ئازابلار بىلەن زۇلۇم قىلىشىدىن قورقىمىز، دېدى.

(46) ئاللاھ ئۇ ئىككەيلەنگە: سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ياردەم بېرىش ۋە كۇچلاندۇرۇشتا سىلەر بىلەن بىرگە، سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەتنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن دېدى.

(47) سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئى پىرئەۋن! بىز سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى ھايات قويۇش بىلەن ئۇلارنى ئازابلىمىغىن، بىز ساڭا ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يۇلىغا ئەگەشكەن ۋە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئامانلىق .بولىدىغان پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق دەڭلار

(48) ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپ بولىدىغانلىقىنى ۋەھيى قىلدى.

(49) پىرئەۋن ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلىپ: ئى مۇسا! سىلەر ئىككىڭلار ئۆزەڭلارنى ماڭا ئەۋەتتى دەپ قارىغان پەرۋەردىگارىڭلار زادى كىم؟دېدى.

(50) مۇسا: پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق بىر زاتكى، ھەر بىر نەرسىگە ئۆزىگە مۇناسىپ شەكىل ۋە سۈرەتنى ئاتا قىلدى، ئاندىن مەخلۇقاتلارغا ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىدىن مەقسەت قېلىنغان كۆرسەتمىلەرنى بايان قىلىپ .بەردى دېدى

(51) پىرئەۋن: ئىلگىرى كاپىر ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟، دېدى.

(52) مۇسائەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەھۋۇلمەھپۇزدا پۈتۈكلىكتۇر، .پەرۋەردىگارىم مەلۇماتلاردا خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇپ قالمايدۇ

(53) پەرۋەردىگارىم سىلەرگە زېمىننى يېيىپ ياشاشقا لايىق قىلىپ بەردى، زېمىندا سىلەر ئۈچۈن مېڭىشقا يارايدىغان نۇرغۇن يوللارنى قىلدى، ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈردى. يامغۇر سۈيى سەۋەبى بىلەن زېمىندىن .ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈك-زىرائەتلەرنى چېقاردى

(54) ئى ئىنسانلار! سىلەرگە زېمىندىن چېقىرىپ بەرگەن پاكىزە نەرسىلەردىن يەڭلار، چارۋېلىرىڭلارنى بېقىڭلار، مۇشۇ زىكىر قىلىنغان نېمەتلەردە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە تەڭداشسىز قۇدىرىتىنى .نامايەن قىلىدىغان دەلىللەر بار

(55) سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىننىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتۇق، ۋاپات بولغان ۋاقتىڭلاردا سىلەرنى دەپنى قىلىش بىلەن زېمىنغا قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قىيامەت كۈنىدە تېرىلدۇرۇپ زېمىندىن چېقىرىمىز.

(56) ھەقىقەتەن پىرئەۋنغا بىزنىڭ توققۇز تۈرلۈك مۆجىزىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتۇق، ئۇنى كۆردى ۋە ئىنكار قىلدى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى.

(57) پىرئەۋن: ئى مۇسا! سەن ئېلىپ كەلگەن سېھىر بىلەن بىزنى مىسىردىن چېقىرىۋېتىپ مىسىرنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۆزۈڭنىڭ قېلىۋىلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟، دېدى.

(58) ئى مۇسا! سېنىڭ ئېلىپ كەلگەن سېھرىڭگە ئوخشاش سېھرىنى ئېلىپ كېلىمىز، سېنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇچرىشىدىغان بىر ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بېكىتكىن، بىزمۇ ۋە سەنمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايمىز. بۇ .ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇرھال مۇناسىپ جاي بولسۇن

(59) مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنغا: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ۋەدە قېلىنغان ۋاقىت بايرام كۈنى بولسۇن، كىشىلەر بايرام قىلىش ئۈچۈن .چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن دېدى

(60) پىرئەۋن قايتىپ ئۆزىنىڭ ھىلە-مىكىر، چارە-تەدبىرلىرىنى توپلىدى، ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە غەلبە قېلىش ئۈمىدى بىلەن بەلگىلەنگەن جايغا .كەلدى

(61) مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنغا ۋەز-نەسىھەت قېلىپ: دىققەت قىلىڭلار، سېھرى قىلىپ كىشىلەرنى ئالداش بىلەن ئاللاھقا يالغاننى توقۇماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن تۈپ-يىلتىزىڭلاردىن يوق قىلىۋېتىدۇ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشى چوقۇم زىيان تارتىدۇ، .دېدى

(62) سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز-ئارا يوشۇرۇن دەتالاش قېلىشتى.

(63) سېھرىگەرلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە يوشۇرۇن: ھەقىقەتەن مۇسا ۋە ھارۇن بۇ ئىككىسى سېھرىگەر، بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ ئېلىپ كەلگەن سېھرىسى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چېقىرىۋەتمەكچى، ھايات يۆلىنىشىڭلارنى ئۆزگەرتمەكچى ۋە تەرەققى قىلغان دىنىڭلارنى يوق قىلماقچى دېدى.

(64) ئىشىڭلارنى پۇختىلاڭلار، ھەرگىز ئىختىلاپلاشماڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ مەيدانغا چۈشۈڭلار، ئېلىپ كەلگەن سېھرىڭلارنى بىراقلا ئوتتۇرغا تاشلاڭلار، بۈگۈن قارشى تەرەپتىن غەلبە قىلغان كىشى .چوقۇم مەقسەتكە يەتكەن بولىدۇ

(65) سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئى مۇسا! ئىككى ئىشنىڭ بېرىنى تاللىغىن، ياكى سەن سېھرىدىن تەييارلىغان نەرسەڭنى تاشلىغىن ياكى بىز تەييارلىغان نەرسىلىرىمىزنى بۇرۇن تاشلايلى، دېدى.

(66) مۇسا ئەلەيھىسسالام: بەلكى سىلەر تەييارلىغان سېھرىنى بۇرۇن تاشلاڭلار دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سېھرىنى تاشلىدى، ئۇلارنىڭ تاشلىغان ئارغامچا ۋە ھاسىلىرى سېھرىنىڭ تەسىرىدىن مۇسا .ئەلەيھىسسالامغا تىز ھەرىكەتلىنىۋاتقان يىلاندەك بېلىندى

(67) ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالام كۆڭلىدە قورقۇنچ ھېس .قىلدى

(68) ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ: ئى مۇسا! ساڭا خىيال قېلىنغان نەرسىدىن قورقمىغىن، ھەقىقەتەن سەن غەلبە-نۇسرەت بىلەن ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن دېدى.

(69) ئوڭ قولۇڭدىكى ھاسىنى تاشلىغىن، ھاسا يىلانغا ئايلىنىپ سېھرىدىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى يۈتىۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى پەقەت سېھرىگەرلەرنىڭ ھىلە-مىكرىسىدۇر، سېھرىگەرلەر قەيەردە بولسا تەلەپ .قىلغان نەرسىسى بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ

(70) مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى تاشلىغان ئېدى، ھاسا يىلانغا ئايلىنىپ ئۇلارنىڭ سېھىرلىرىنى يۈتىۋەتتى، سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ سېھىر ئەمەس، شەكسىز ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولغان مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئاللاھقا سەجدە قىلىپ: بىز مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۇق دېيىشتى.

(71) پىرئەۋن سېھرىگەرلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلارغا تەھدىد قېلىپ: مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارمۇ؟ ئى سېھرىگەرلەر! ھەقىقەتەن مۇسا سىلەرگە سېھرى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، سىلەردىن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپتىن قول-پۇتۇڭلارنى چوقۇم كېسىپ تاشلايمەن. سىلەرنىڭ بەدەنلىرىڭلارنى سىلەر ئۆلگەنگە قەدەر خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن. سىلەر باشقىلارغا ئىبرەت بولىسىلەر، شۇ ۋاقىتتا قايسىمىزنىڭ ئازابى كۈچلۈك ۋە داۋاملاشقۇچى ئىكەنلىكىنى يەنى مېنىڭ ئازابىممۇ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلىسىلەر!؟، دېدى.

(72) سېھرىگەرلەر پىرئەۋنغا: ئى پىرئەۋن! بىز ھەرگىزمۇ ساڭا ئەگىشىشنى تاللاپ، بىزگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىزنى ياراتقان ئاللاھقا ئەگىشىشنى تەرك قىلمايمىز. بىزنى نېمە قىلساڭ قىلغىن، پەقەت مۇشۇ دۇنيادىلا سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايسەن، ئاندىن سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭ يوق بولىدۇ، دېدى.

(73) بىز پەرۋەردىگارىمىزغا بىزنىڭ ئىلگىرى سادىر قىلغان كۇپىر ۋە باشقا گۇناھلىرىمىزنى ۋە سېنىڭ بىزنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى يېڭىۋىلىش ئۈچۈن ئۈگىنىشكە ۋە مەشىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان سېھرىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈم قىلسۇن دەپ ئىمان ئېيتتۇق. ئاللاھنىڭ مۇكاپىتى سېنىڭ ۋەدە قىلغان مۇكاپىتىڭدىن ياخشىدۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى سېنىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان جازالىشىڭدىن قاتتىق ۋە داۋام قىلغۇچىدۇر.

(74) ئىشنىڭ خۇلاسىسى: كىمكى قىيامەت كۈنى ئاللاھقا كاپىر بولغان ھالەتتە كېلىدىكەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن جەھەننەم بار، ئۇ مەڭگۈ تۇرىشى بېكىتىلگەن ھالەتتە جەھەننەمگە كېرگۈزىلىدۇ، ئازابتىن راھەتلىنىش ئۈچۈن ئۇ يەردە ھەرگىز ئۆلمەيدۇ ۋە راھەت ياشاش ئۈچۈن تېرگۈزۈلمەيدۇ.

(75) كىمكى قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالەتتە كېلىدىكەن، ئاشۇ كاتتا سۈپەتلەر بىلەن .سۈپەتلەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ئالى دەرىجىلەر بار

(76) ئاشۇ ئالى دەرىجىلەر بولسا دائىم تۇرىدىغان جەننەت بولۇپ، جەننەتنىڭ قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردە ئەبەدى قالىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ مۇكاپات ئۆزىنى كۇپىردىن ۋە ئاسىيلىقتىن پاك تۇتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ مۇكاپاتىدۇر.

(77) شەك-شۈبھىسىز بىز مۇساغا ۋەھيى قېلىپ: مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماستىن مىسىردىن ئېلىپ چېققىن، ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇلارغا دېڭىزدا بىر قۇرۇق يول قىلىپ بەرگىن، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ساڭا يېتىشىۋېلىشىدىن .قورقمىغىن ۋە دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ قورقمىغىن

(78) پىرئەۋن ئەسكەرلىرى بىلەن بىرگە ئۇلارنى قوغلىدى، دېڭىز ئۇنى ۋە ئەسكەرلىرىنى ھەقىقىتىنى پەقەت ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئورىۋالدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇغا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى، مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلار قۇتۇلۇپ قالدى.

(79) پىرئەۋن ئۆز قەۋمىگە كۇپىرنى چېرايلىق كۆرسۈتۈش بىلەن ئۇلارنى .ئازدۇردى، باتىل بىلەن ئالدىدى، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىمىدى

(80) بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىدىن قۇتقازغاندىن كېيىن ئۇلارغا: ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ھەقىقەتەن بىز سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقازدۇق، تۇر تېغىنىڭ يېنىدىكى جىلغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلىشىش توغرىسىدا سىلەرگە ۋەدە بەردۇق. چۆلدە سىلەرگە بىزنىڭ نېمەتلىرىمىزدىن ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق ئېچىملىك بىلەن، گۆشىنىڭ تەمى بۇدۇنىگە ئوخشايدىغان كىچىك قۇشنىڭ كاۋىپىنى ئىنئام قىلدۇق.

(81) بىز سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن پاك ھالال يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، سىلەرگە يېيىش دۇرۇس قىلىپ بەرگەن يېمەكلىكتىن باشقا يېيىش چەكلەنگەن يېمەكلىككە ئۆتمەڭلار. ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە مېنىڭ غەزىبىم چۈشىدۇ، مېنىڭ غەزىبىمگە دۇچار بولغان كىشى ھالاك بولىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختسىز بولىدۇ.

(82) ماڭا تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئاندىن ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرغان كىشىنى ئەپۇ قىلىمەن ۋە كۆپ .مەغپىرەت قىلىمەن

(83) ئى مۇسا! قەۋمىڭدىن ئالدىراپ ئۇلارنى كەينىڭدە قويۇپ ئىلگىرى .كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟

(84) مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئۇلار كەينىمدىن ماڭا يېتىشىپ كىلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن قەۋمىمدىن ئىلگىرى ئالدىراپ بۇ يەرگە كەلدىم دېدى.

(85) ئاللاھ تائالا: سەن قەۋمىڭنى كەينىڭدە قويۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى موزايغا ئىبادەت قىلدۇرۇش بىلەن سىنىدۇق. سامىرىي ئۇلارنى موزايغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئازدۇردى.

(86) مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلغانلىقىغا غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇلارغا قايغۇرۇپ قايتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئى قەۋم! ئاللاھ سىلەرگە تەۋراتنى نازىل قىلىپ، سىلەرنى جەننەتكە كېرگۈزۈش بىلەن چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ ياكى سىلەر ۋەدىنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ!؟ ياكى سىلەر مۇشۇ قىلمىشىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى ۋە ئازابى چۈشۈشنى خالامسىلەر؟. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مەن قايتىپ كېلىپ بولغۇچە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ تائىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇشتىن ئىبارەت ماڭا .بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟

(87) مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى: ئى مۇسا! بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزگە ئىختىيارلىقىمىز بىلەن خىلاپلىق قىلمىدۇق بەلكى مەجبۇر قالدۇق، ھەقىقەتەن بىزنى بۇنداق قىلىشقا پىرئەۋن قەۋمىدىن ئالغان زىبۇ-زىنەتلەر تۈرتكە بولدى. سامىرىي ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىنىڭ تۇۋۇقىدىن ئالغان توپىنى ئازگالغا تاشلىغاندەك، بىزمۇ ئۇنىڭدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى بىر ئازگالغا تاشلىدۇق.

(88) سامىرى ئۇلارغا ئاشۇ زىبۇ-زىنەتلەردىن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئۈچۈن جانسىز بىر موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بەردى، ئۇنىڭدىن كالىنىڭ مۆرىگىنىگە ئوخشاش ئاۋاز چېقاتتى، سامىرىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن پىتنىگە چۈشۈپ ئېزىپ كەتكەنلەر: بۇ سىلەرنىڭ ۋە مۇسانىڭ ئىلاھى، مۇسا ئۇنتۇپ قىلىپ ئىلاھىنى بۇيەردە قويۇپ كەتتى، دېدى.

(89) موزاينىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلار ئۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆز قىلالمايدىغانلىقى، سۆزلىرىگە جاۋاپمۇ بېرەلمەيدىغانلىقى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىن بىرەر زىياننى توسالمايدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغىمۇ ھېچ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ!؟.

(90) شەكسىزكى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھارۇن ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئالتۇندىن موزاي ياساش ۋە ئۇنىڭ مۆرىشى پەقەت سىلەرنى سىناش ۋە كاپىردىن مۆئمىننى ئايرىش ئۈچۈندۇر. ئى قەۋمىم! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك زاتتۇر. سىلەرگە مەرھەمەت قىلىش تۈگۈل پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان موزاي قانداقمۇ ئىلاھ بولىدۇ؟، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ماڭىلا ئەگىشىڭلار. ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشنى تەرك قىلىش بىلەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار، دېدى.

(91) موزايغا ئىبادەت قىلىش بىلەن قايمۇققانلار: مۇسا بىزنىڭ يىنىمىزغا .قايتىپ كەلگۈچە قەدەر موزايغا ئىبادەت قىلغاچ تۇرۇمىز دېيىشتى

(92) مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ موزايغا چوقۇنۇش بىلەن ئېزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭدا ئۇلارنى چەكلەشتىن ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى؟، دېدى.

(93) ئۇلارنى شۇ ھالەتتە قويۇپ ماڭا ئەگىشەمسەن؟، مېنىڭ سېنى ئۇلارنى ئىدارە قىلىشقا ئىزباسار قىلغان ۋاقتىدىكى بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ!؟.

(94) مۇسا ئەلەيھىسسالام قېرىندىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭ ساقىلى ۋە چېچىدىن تارتىپ سۆرىگەندە، ھارۇن ئۇنىڭغا شەپقەت قېلىشىنى سوراپ: قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە قېلىشىمدا ئۈزرەم بار، مەن ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويسام ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈۋەتتىڭ دېيىشىڭدىن ۋە سېنىڭ ئۇلار توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقۇڭنى ساقلىيالماسلىقىمدىن قورۇقتۇم دېدى.

(95) مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرىيغا: ئى سامىرى! ساڭا نېمە بولدى؟ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟ دېدى.

(96) سامىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، جەبرائىلنى ئات ئۈستۈدە كۆردۈم، ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپا ئالدىم، ئۇ توپىنى ئېرىتىلگەن زىبۇ-زىنەتتىن ياسالغان موزايغا چاچتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ مۆرىگىنىدەك ئاۋاز چىقتى، شۇنىڭدەك بۇ .قىلمىشىمنى نەپسىم ماڭا چىرايلىق كۆرسەتتى دېدى

(97) مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرىغا: سەن بارغىن! ھايات ياشىغان مۇددىتىڭدە كۆرگەنلا كىشىگە ماڭا يېقىنلاشماڭلار، مەنمۇ يېقىنلاشمايمەن دېگىن، يالغۇز ياشىغايسەن، شەكسىزكى ساڭا قىيامەتتە ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت بار، ئۇ ۋاقىتتا ھېساب بېرىسەن ۋە جازالىنىسەن، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ. سەن ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتىپ ئاندىن ئۇنىڭ تەسىرى قالماسلىق ئۈچۈن كۈلىنى دېڭىزغا چىچىۋېتىمىز دېدى.

(98) ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ھەقىقى مەبۇدىڭلار ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بولمىغان يەككە-يېگانە ئاللاھتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ھېچ نەرسە ساقىت بولمايدۇ.

(99) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋن ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنىڭ خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەنگە ئوخشاش، ساڭا تەسەللى بولسۇن دەپ سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز. بىز ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى .ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالغۇچىلار نەسىھەت ئالىدۇ

(100) كىمكى ساڭا نازىل قېلىنغان بۇ قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدىكەن، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمايدىكەن، ئۇ كىشىگە قىيامەت كۈنى ئېغىر گۇناھ يۈكلىنىدۇ، دەرتلىك ئازابقا ھەقلىق .بولىدۇ

(101) ئۇ گۇناھى ئۈچۈن دائىم ئازابتا بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۈستىگە .ئالغان بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان

(102) بۇ پەرىشتە قەبىردىن قوزغاش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالىدىغان كۈندۈر. ئۇ كۈندە ئۇچرىغان ئىشلارنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىن كاپىرلارنى رەڭگى قارىداپ كۆزلىرى كۆكۈرۈپ .كەتكەن ھالەتتە يېغىمىز

(103) ئۇلار پىچىرلىشىپ ئۆلگەندىن كېيىن بەرزەختە پەقەت ئون كۈنلا .تۇردۇڭلار دېيىشىدۇ

(104) ئۇلارنىڭ مەخپى نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بېلىمىز، بىزدىن ھېچ نەرسە يوقالمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئەقىل-پەراسەتلىكلىرى: سىلەر بەرزەختە كۆپ ئەمەس پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلا دەيدۇ.

(105) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار سەندىن قىيامەت كۈنىدە تاغلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سورايدۇ؟، ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىم تاغنى تېگىدىن يۈلۈپ كۈكۈم تالقان قېلىپ چېچىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توزاندا بولۇپ كېتىدۇ.

(106) تاغنى كۆتۈرگەن زېمىنلارنى ئۈستىدە نە بىنا، نە ئۆسۈملۈك بولمىغان .تۈزلەڭ ھالەتتە قويىمىز

(107) ئى زېمىنغا قارىغۇچى! زېمىن تەپ-تەكشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە .نە ئىگىزلىك ۋە نە چوڭقۇرلۇقنى كۆرەلمەيسەن

(108) ئۇ كۈندە كىشىلەر يېغىلىش مەيدانىغا چاقىرغۇچىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن قىڭغىر كەتمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيبىتىدىن قورقۇپ ئاۋازلار بېسىقىدۇ، ئۇ كۈندە پەقەت پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن.

(109) بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ شاپائەت قېلىشقا رۇخسەت قىلغان ۋە شاپائەت ئۈچۈن ئاللاھ سۆزىدىن رازى بولغان كىشىدىن باشقا ھېچقانداق .ئىنساننىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ

(110) ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ كىلىچىكىدىكى ۋە ئۆتمۈشىدىكى، شۇنداقلا قىيامەتكە ئالاقىدار بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ. ئۇلار بولسا ئاللاھنىڭ زاتى سىپاتىغا ئالاقىدار بولغان ئىلىملاردىن ھېچ نېمىنى .بىلمەيدۇ

(111) قىيامەتتە گۇناھكار بەندىلەرنىڭ يۈزى خار بولىدۇ. ۋاپات بولمايدىغان مەڭگۈ ھايات بولغان، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى، تەدبىر قىلغۇچى ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچى ئاللاھتۇر. كىمكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن گۇناھ ئىشلىسە، ئاخىرەتتە ھالاكەتكە دۇچار بولۇپ زىيان تارتىدۇ.

(112) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى تولۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئۇ قىلمىغان گۇناھىنىڭ سەۋەبىدىن ئازابلىنىش ۋە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ كىمەيتىلىنىشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن زۇلۇم قېلىنىشتىن قورقمايدۇ.

(113) ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى نازىل قىلغانغا ئوخشاش بۇ قۇرئاننى ئوچۇق ئەرەب تېلىدا نازىل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمدە تەھدىد قىلىش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ئازابنىڭ تۈرلىرىنى .بايان قىلدۇق

(114) ئاللاھ تائالا زاتىدا ۋە سۈپىتىدە ئالىدۇر، مۇقەددەستۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. ھەممە نەرسىگە ئىگە بولغۇچى ئۆزى ۋە سۆزى ھەق پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇ زات مۈشرىكلار سۈپەتلىگەن بارلىق سۈپەتلەردىن ئالىدۇر ۋە پاكتۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! جەبرائىل ساڭا قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇ تولۇق يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى قۇرئاننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇشقا ئالدىرىمىغىن. ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا تەلىم بەرگەن نەرسىدە ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن دېگىن.

(115) بىز ئىلگىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئۇنى بۇنىڭدىن چەكلىدۇق ۋە ئاقىۋېتىنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ بەردۇق. ئۇ تەۋسىيەنى ئۇنتۇپ قىلىپ سەۋىر قىلالماستىن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، ئۇنىڭدا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى .مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇستەھكەم چېڭ ئىرادىنى كۆرمىدۇق

(116) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار دېگەندە، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. بۇ ۋاقىتتا ئىبلىس گەرچە پەرىشتىلەر بىلەن بىللە بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزى پەرىشتىلەردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، ئەگەر ئۇ پەرىشتىلەر تىپىدىن بولغان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمايتتى.

(117) بىز: ئى ئادەم! ھەقىقەتەن ئىبلىس سېنىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ ۋەسۋەسە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇش بىلەن سېنىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ جەننەتتىن چېقىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولمىسۇن، ئۇ ۋاقىتتا .سەن جاپا-مۇشەققەتكە قالىسەن دېدۇق

(118) ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سېنى جەننەتتە ئاچ قويمايدۇ يېمەك بېرىدۇ، .يالىڭاچ قويمايدۇ كىيىم بېرىدۇ

(119) سېنى ئۇسسۇز قويمايدۇ سۇ بېرىدۇ، كۈن نۇرىدا قويمايدۇ سايە .چۈشۈرۈپ بېرىدۇ

(120) شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ۋەسۋەسە قىلىپ: ئى ئادەم! سېنى مىۋېسىنى يېگەن كىشى ئەبەدى ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ياشايدىغان دەرەخنى كۆرسۈتۈپ قويايمۇ ۋە ئۈزۈلمەيدىغان ۋە زاۋال تاپماي .داۋاملىشىدىغان پادىشاھلىققا ئىگە قىلىپ قويايمۇ؟دېدى

(121) ئادەم بىلەن ھەۋا يېيىشى چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋېسىدىن يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يۆگەكلىك بولغان ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇ ئىككىسى جەننەتنىڭ دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا باشلىدى. ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ دەرەخنىڭ مىۋېسىدىن يېيىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىق بىلەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلدى. ئۇ .قىلىش دۇرۇس بولمىغان ئىشنى قىلىپ سالدى

(122) ئاندىن ئاللاھ ئۇنى تاللىدى، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، توغرا يولغا .مۇۋەپپەق قىلدى

(123) ئاللاھ تائالا ئادەم بىلەن ھاۋاغا سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىبلىس ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار. ئىبلىس سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار، سىلەرمۇ ئۇنىڭ دۈشمىنى، سىلەرگە مېنىڭ توغرا يولۇمنىڭ بايانى كەلسە، سىلەردىن كىمكى مېنىڭ توغرا يولۇمغا ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا ھەق يولدىن ئېزىپ كەتمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولۇش بىلەن .بەختسىز بولمايدۇ. بەلكى ئۇ كىشنى ئاللاھ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ

(124) كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنى قوبۇل قىلمىسا ۋە چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمىسا، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە بەرزەخ ھاياتى سېقىلىش ۋە خاتىرجەمسىزلىكتە بولىدۇ، ئۇنى بىز كۆزى كۆر ھالەتتە قىيامەت .مەيدانىغا سۈرۈپ ئەكىلىمىز

(125) ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچى بۇ كاپىر: ئى پەرۋەردىگارىم! نېمە ئۈچۈن مېنى بۈگۈن كۆر ھالەتتە تىرىلدۇردىڭ، مېنىڭ دۇنيادا كۆزۈم كۆرىدىغان تۇرسا؟، دەيدۇ.

(126) ئاللاھ تائالا كاپىرغا رەددىيە بېرىپ: سەن دۇنيادىمۇ شۇنداق قىلغان، ھەقىقەتەن ساڭا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز كەلگەندە، سەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش بۈگۈن سەن تەرك ئېتىلىپ ئازابقا دۇچار بولىسەن، دېدى.

(127) ھەددىدىن ئىشىپ چەكلەنگەن شەيتانى ھەۋەسكە چۆمگەن، پەرۋەردىگارىدىن ئوچۇق دەلىللەر كەلسىمۇ بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقان بەدبەختلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان جازالار بىلەن ئازابلايمىز. ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە بېرىدىغان جازاسى دۇنيادىكى جاپا-مۇشەققەتتىن، بەرزەخ ھاياتىدىكى قېيىنچىلىقتىن ئېغىر، ئېچىنىشلىق ۋە ئەبەدىيدۇر.

(128) مۇشرىكلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئاشكارا بولمىدىمۇ؟، ئۇلار ئاشۇ ھالاك قېلىنغۇچى ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدىن ماڭىدۇ، ئۇلارغا يەتكەن ئازابنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوچۇق كۆرىدۇ، ئاشۇ كۆپ مىللەتلەرگە يەتكەن ھالاكەت، .ۋەيرانچىلىق ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەتتۇر

(129) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭ ھېچ كىشىنى قىلمىشىغا دەلىل-ئىسپات تۇرغۇزۇشتىن ئىلگىرى ئازابلىمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئازاب ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىمىگەن بولسا ئېدى، ئۇلار ئازابقا ھەقلىق .بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەرھال ھالاك بولغان بولاتتى

(130) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! يالغانچىلارنىڭ سېنى باتىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن سۆزلىرىگە سەۋىر قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە بامدات ۋاقتىدا كۈن چېقىشتىن ئىلگىرى، ئەسىر ۋاقتىدا كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى، شام-خۇپتەن ۋاقتىدا كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرى، پېشىن ۋاقتىدا كۈندۈزنىڭ ئاۋۋالقى قىسمى ئاخىرلىشىپ كۈن ئىگىلگەندە، شام نامىزىدا كۈندۈزنىڭ ئىككىنچى قىسمى تامام بولغاندا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد .قىلىپ تەسبىھ ئېيتقىن

(131) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىز تۈرلۈك يالغانچى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلىۋاتقان ۋە ئۇلار مەنپەئەتلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ زىننەتلىرىگە قارىمىغىن، بۇ ئۇلارنى سىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇلار ئۈچۈن قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالغۇچىدۇر. سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ۋەدە قىلغان سەن رازى بولغۇدەك ساۋابى ئۇلارنىڭ دۇنيادا مەلۇم مۇددەت مەنپەئەتلىنىپ يوق بولىدىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۈزۈلمەيدۇ داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.

(132) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئائىلەڭدىكىلەرنى ۋە ئۈممىتىڭنى ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغىن، سەن بۇنى ئادا قىلىشتا چىدامچان بولغىن، سەندىن ئۆزۇڭ ۋە باشقىلار ئۈچۈن رىزىق تەلەپ قىلمايمىز، ساڭا رىزىق بېرىشكە بىز كىپىل. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ماختالغۇچى ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھتىن قورقىدىغان تەقۋادارلار ئۈچۈندۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدۇ.

(133) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ئاشۇ يالغانچى كاپىرلار: مۇھەممەد پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن راس پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان بىر مۆجىزە كەلتۈرگەن بولسا! دەيدۇ، ئاشۇ قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىم كەلمىدىمۇ؟.

(134) ئەگەر بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىۋاتقان يالغانچى كاپىرلارنى ئۇلارنىڭ كارپىرلىقى ۋە گەردەنكەشلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىشتىن ۋە كىتاب نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ھالاك قىلساق، ئەلۋەتتە ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ئۈزۈر ئېيتىپ: پەرۋەردىگارىمىز! دۇنيادا بىزگە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ، سېنىڭ ئازابىڭ سەۋەبىدىن بىزگە خار ۋە زەبۇنلۇق چۈشۈشتىن ئىلگىرى، بىز ئۇ پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ ۋە ئىلىپ كەلگەن ئايەتلىرىگە ئەگەشكەن بولاتتۇق دەيتتى.

(135) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاشۇ يالغانچىلارغا: بىز ۋە سىلەر ھەربىرىمىز ئاللاھدىن ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتمەكتىمىز. كىم توغرا يول ئىگىسى؟ كىم ھىدايەت تاپقۇچى؟ بىزمۇ ياكى سىلەرمۇ؟ بۇنى چوقۇم بىلىسىلەر، دېگىن.