(1) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي ئاللاھقا كاپىر بولغۇچىلار!
(2) مەن ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنمايمەن.
(3) سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلغان زاتقا ئىبادەت قىلىپ باقمىدىڭلار. ئۇ زات يەككە - يېگانە ئاللاھتۇر.
(4) سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن.
(5) سىلەر مەن ئىبادەت قىلغان زاتقا ئىبادەت قىلىپ باقمىدىڭلار. ئۇ زات يەككە - يېگانە ئاللاھتۇر.
(6) سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەيدا قىلىۋالغان دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭمۇ ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان دىنىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر.