31 - سۈرە لوقمان ()

|

(1) بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

(2) ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەر ھېكمەت بىلەن سۆزلەيدىغان كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.

(3) قۇرئان پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقلىرىنى ۋە بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.

(4) ئۇلار نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىش، ھېساب، مۇكاپات ۋە جازالارنىڭ بارلىقىغا چىن پۈتىدۇ.

(5) بۇ سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ھەمدە ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن يىراق بولۇش ئارقىلىق نىجات تاپقۇچىلاردۇر.

(6) نەزر ئىبنى ھارىسقا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن باشقىلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئاخىرەتتە خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

(7) ناۋادا ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە گوياكى قۇلىقى پاڭ بوپقېلىپ ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاشتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇنى كۈتۈۋاتقان دەرتلىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن.

(8) شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نېئمەتلىك جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئاللاھ تەييارلىغان نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

(9) ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. ئاللاھ غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ئەھكاملارنى يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

(10) ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتى، زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتى، يەر يۈزىدە تۈرلۈك جانلىقلارنى ياراتتى. بىز ئاسماندىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، زېمىندا ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا پايدىلىق، ھەر تۈرلۈك كۆركەم ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.

(11) مانا بۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدۇر. ئى مۇشرىكلار! ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار نېمىنى ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ھەقىقەتتىن روشەن ئازغۇنلۇقتىدۇر. چۈنكى ئۇلار ھېچنەرسىنى يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىمۇ يارالغۇچى بولغان نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارىغا شېرىك قىلىشىدۇ.

(12) بىز لوقماننى دىندا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان قابىلىيەت ئاتا قىلدۇق ھەمدە دېدۇقكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ئىتائىتىگە مۇۋەپپقەق قىلغانلىقىغا شۈكرى قىلغىن. كىمكى پەرۋەردىگارىغا شۈكرى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ شۈكرىسى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ شۈكرىسىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، كۇپۇرلۇق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە، ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىقتۇر.

(13) ئەي پەيغەمبەر! سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۆز ۋقتىدا لوقمان ئوغلىنى ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شەكسىزكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دوزاختا مەڭگۈ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغان چوڭ گۇناھنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىگە ئېغىر زۇلۇم قىلىشتۇر، دېدى.

(14) بىز ئىنساننى ئاللاھقا ئاسىي بولمايدىغان ئىشلاردا ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولۇشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ جاپا - مۇشەققەتتە قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئەمچەكتىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ئىككى يىل كېتىدۇ. بىز ئۇنىڭغا دېدۇقكى: ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغىن، ئاندىن ئاتا - ئاناڭنىڭ سېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنى ئۈچۈن مىننەتدار بولغىن. ئاخىرى قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، ئاندىن مەن ھەر كىمگە لايىقىدا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.

(15) ئەگەر ئاتا - ئاناڭ يولسىزلىق قىلىپ سېنى ئاللاھقا باشقا نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، بۇ ئىشتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. چۈنكى ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارغا دۇنيادا ۋاپادارلىق، سىلە - رەھىم ۋە ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ھەمراھ بولغىن. تەۋھىد ۋە ئىتائەت بىلەن ماڭا قايتقانلارنىڭ يولىدىن ماڭغىن. ئاندىن قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار يالغۇز مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر. مەن سىلەرگە دۇنيادا قىلغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.

(16) ئى ئوغۇلچىقىم! ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىچا چاغلىق كىچىك، ھېچكىم بىلەلمەيدىغان قورام تاشنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى چوقۇم كەلتۈرىدۇ، ئاندىن بەندىلەرگە ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھەر قانچە ئىنچىكە نەرسىلەرمۇ مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ بارلىق نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئورنىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

(17) ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگىن، بېشىڭغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن. سەن يۇقىرىدا بۇيرۇلغان ئىشلار ھەقىقەتەن ئاللاھ قىلىشىڭنى تەكىتلىگەن ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر، شۇڭا بۇنىڭدا سېنىڭ ئىختىيارلىقىڭ بولمايدۇ.

(18) كىشلەردىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا ئۆزۈڭگە تەمەننا قىلىپ، كۆرەڭلەپ ماڭمىغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن غادىيىپ ماڭغان، ئېرىشكەن نېئمەتلەر بىلەن كىشىلەرگە مەنمەنچىلىك قىلغان ۋە ئاللاھقا شۈكرى قىلمايدىغانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

(19) تەمكىنلىك بىلەن ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەس قىلغىن، باشقىلارنى بىئارام قىلىدىغان دەرىجىدە ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلمىغىن. شەكسىزكى ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى بولغاچقا ئەڭ زېرىكەرلىك ئاۋازدۇر.

(20) ئەي ئىنسانلار! بىلمەمسىلەر ۋە كۆرمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى قۇياشنى، ئاينى ۋە باشقا پىلانېتالارنى پايدىلىنىش قولاي ھالەتتە يارىتىپ بەردى، ئۇ يەر يۈزىدىكى جانىۋارلار، دەل - دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلارغا) سۇندى، تەقى - تۇرقى ۋە قىياپەتنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئوخشاش كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان نېئمەتلەرنى، ئەقىل ۋە ئىلىمگە ئوخشاش مەخپىي، كۆرۈنمەيدىغان نېئمەتلەرنى مۇكەممەل قىلدى. مۇشۇنداق نېئمەتلەرگە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگە ياكى ئۆتكۈر ئەقىلگە تايانغان ئىلمىي ئاساسسىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان روشەن كىتابسىز ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ھەققىدە دەتالاش قىلىدۇ.

(21) ناۋادا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىدە دەتالاش قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىيگە ئەگىشىڭلار، دېيىلسە، ئۇلار: بىز ئۇنىڭغا ئەگەشمەيمىز، ئەكسىچە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىكى يولىغا ئەگىشىمىز، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى شەيتان بۇتلارغا چوقۇندۇرۇش ئارقىلىق ئازدۇرۇپ، قىيامەت كۈنىدىكى دوزاخ ئوتىغا چاقىرغان بولسىمۇ يەنىلا شۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟

(22) ئىبادىتىنى ئاللاھقا خالىس، ئەمىلىنى ئېھسان بىلەن قىلغان ھالدا ئاللاھقا يۈزلەنگەن كىشى نىجات تېپىشنى ئۈمىد قىلغانلار ئېسىلىدىغان ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئېسىلغان تۇتقىنىڭ ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى يالغۇز ئاللاھ تەرەپكە بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(23) ئەي پەيغەمبەر! كاپىر بولغانلارنىڭ كۇپرىسى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن. ئۇلار قىيامەت كۈنى يالغۇز بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن بىز ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان يامانلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ھەمدە يامانلىقلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(24) ئۇلارنى دۇنيادا ئاتا قىلغان ھۇزۇر - ھالاۋەتلەردىن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئېغىر ئازابقا، يەنى دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلىمىز.

(25) ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن بۇ مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارغا: جىمى ھەمدۇسانا سىلەرگە قارشى دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرگەن ئاللاھقا خاستۇر، دېگىن. ئۇلارنىڭ تولىسى نادان بولغاچقا ھەمدۇسانانىڭ كىمگە لايىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.

(26) يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتۈن نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. شۈبھىسىزكى ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەدھىيەگە سازاۋەردۇر.

(27) ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىلىپ، قەلەم قىلىنغان بولسا، دېڭىز سىياھ بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى چەكسىز بولغانلىقتىن تۈگەپ قالمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئاللاھنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

(28) ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ (دەسلەپكى) يارىتىلىشىڭلار ھەمدە قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشۈڭلار بەئەينى بىر جاننىڭ يارىتىلىشى ھەم قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگىلا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر ئاۋازنى ئاڭلىشى يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىشىغا پۇتلاشمايدۇ. ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر نەرسىنى كۆرۈشى يەنە بىر نەرسىنى كۆرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بىر جاننى يارىتىشى ياكى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشى يەنە بىرىنى يارىتىشىغا ۋە قايتا تىرىلدۈرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ.

(29) ئاللاھنىڭ كۈندۈزنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كېچىنى قىسقارتقانلىقىنى، كېچىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كۈندۈزنى قىسقارتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ قۇياش بىلەن ئاينىڭ مېڭىش دائىرىسىنى بېكىتتى. شۇڭا ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۆز ئوربىتىلىرىدا مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(30) ئاشۇ پىلانلاش ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئاللاھنىڭ بىردىنبىر ھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ زاتىدا، سۈپىتىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ھەق زاتتۇر. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر قىلچە ئاساسى يوق ئويدۇرما ئىلاھلاردۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن زاتىدا، ئىدارە قىلىشى ۋە بەلگىلىشىدە پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن ئالىيدۇركى، ھېچكىم ئاللاھتىن ئۈستۈن ئەمەس، ئاللاھ ھەر قانداق نەرسىدىن بۈيۈكتۇر.

(31) كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە بويسۇندۇرۇشى بىلەن دېڭىزدا ئۈزىدۇ. -ئى ئىنسانلار!- (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) سىلەرگە ئۆز قۇدرىتى ۋە مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى بۇنىڭدا ئۇچرىغان مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغۇچى ھەم ئېرىشكەن نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلغۇچى ھەر قانداق بەندە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر بار.

(32) ئۇلارنى تاغدەك ۋە بۇلۇتلاردەك دۇلقۇنلار ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان چاغدا ئۇلار ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىپ، غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نورمالراقلىرى (نېئمەتكە) شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ئىنكار قىلىدىغانلىرىمۇ بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت -مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرسا ئۇنىڭغا شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ئەھدە قىلىپ- ئاندىن پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نېئمەتكە شۈكۈر قىلماي، تۇزكورلۇق قىلىدىغان خىيانەتكارلارلا ئىنكار قىلىدۇ.

(33) ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار، ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا قىلچە ئەسقاتمايدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا سىلەرنى ھاياتىي دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرى ھەرگىز ئالداپ قويمىسۇن ھەمدە شەيتان ئاللاھنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ۋە سىلەردىن ئازابنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالدىمىسۇن.

(34) شەكسىز قىيامەتنىڭ ئىلمى يالغۇز ئاللاھنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ، يامغۇرنى ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ياغدۇرىدۇ، بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ قىز - ئوغۇللىقىنى، بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىنىمۇ بىلىدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىدىغانلىقىنى، قەيەردە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئاشۇلارنىڭ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.