19 - سۈرە مەريەم ()

|

(1) سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى.

(2) بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان رەھمىتىنىڭ ۋەقەلىكى بولۇپ، بۇنى ئىبرەت يۈزىسىدىن ساڭا بايان .قىلىپ بېرىمىز

(3) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا ئىجابەتكە يېقىن بولسۇن ئۈچۈن مەخپى .دۇئا قىلدى

(4) ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئاجىزلاپ قالدىم، چېچىم ئاقاردى، ساڭا قىلغان دۇئايىمدا ئۈمىتسىز بولۇپ باقمىدىم، بەلكى ھەرقاچان ساڭا دۇئا قىلسام دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدىڭ.

(5) مەن تۇغقانلىرىمنىڭ مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ دىننىڭ ھەققىنى ئورۇندىيالماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم، ئايالىم تۇغماس، ھوزۇرۇڭدىن ماڭا ياردەم بېرىدىغان بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن.

(6) ئۇ مەندىن پەيغەمبەرلىككە ۋارىس بولىدۇ، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋارىس بولىدۇ. ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنى دىندا، ئەخلاقتا ۋە .ئىلىمدە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن

(7) ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا: ئى زەكەرىيا! بىز ساڭا سېنى خۇرسەن قېلىدىغان خەۋەر بېرىمىز، بىز سېنىڭ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلدۇق. ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت بېرىمىز، بۇ ئىسىمنى ئىلگىرى بۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە نېسىپ قىلمىغان ئېدۇق .دېدى

(8) زەكەرىيا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ھەيران قىلىپ: مېنىڭ قانداق بالام بولىدۇ؟ ئايالىم تۇغماس، مەن قېرىپ ئاجىزلاپ بەك ياشىنىپ كەتكەن .تۇرسام؟ دېدى

(9) پەرىشتە: ئىش سەن ئېيتقاندەك، ئايالىڭ تۇغماس، سەن ياشىنىپ ئاجىزلاپ بەك قېرىپ كەتتىڭ، لېكىن پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەھيانى تۇغماس ئانىدىن، بەك قېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەن دادىدىن يارىتىشى ئاساندۇر. ئى زەكەرىيا بۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنىمۇ يوقتىن بار قىلدى يەنى تىلغا ئېلىنمايدىغان يوقلىقتىن ياراتتى.

(10) زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! پەرىشتە ماڭا بىشارەت بەرگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئارام تاپىدىغان بىر ئالامەت قىلغىن دېدى. ئاللاھ: ساڭا بىشارەت بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى؛ سەن ساق- سالامەت تۇرۇپ ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلىشقا قادىر .بولالمايسەن دېدى

(11) زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇيدىغان جايىدىن قەۋمىنىڭ يېنىغا چېقىپ، ئۇلارغا سۆزلىمەستىن ئىشارەت قىلىپ: ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئاللاھقا كۆپ تەسبىھ ئېيتىڭلار دېدى.

(12) زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يەھيا تۇغۇلدى، ئۇ چوڭ بولغاندا يەنى بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنىڭغا: ئى يەھيا! تەۋراتنى تېرىشىپ ياخشى ئۈگەنگىن دېدۇق، ئۇنىڭغا بالىلىق يېشىدىلا ئەقىل، ئىلىم، تېرىشچانلىق ۋە ئىرادە ئاتا قىلدۇق.

(13) بىز مېھرىبانلىقىمىز بىلەن ئۇنى مەرھەمەتلىك قىلدۇق، ئۇنى گۇناھلاردىن پاك قىلدۇق، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن .يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلاردىن بولدى

(14) ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئېھسان قېلىدىغان كۆيۈمچان ئېدى، ئاللاھقا ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلمايتتى. پەرۋەردىگارىغا ۋە .ئاتا-ئانىسىغا ئاسىيلىق قىلمايتتى

(15) ئۇنىڭغا ئۇ تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان ۋە ھاياتلىقتىن چېقىدىغان كۈندە ۋە قىيامەتتە ھايات تېرگۈزىلىدىغان كۈندە ئاللاھ تەرىپىدىن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئورۇن ئىنسان بېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئورۇندۇر. بۇنىڭدىن ئامان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىدە .قورقۇنچ يوقتۇر

(16) -ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ ئۇلارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر جايدا .يالغۇز تۇردى

(17) ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى قەۋمىنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن قەۋمىنىڭ ئارىسىدا بىر پەردە تارتتى، بىز ئۇنىڭغا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى مۇكەممەل بىر كىشىنىڭ شەكلىدە ئەۋەتتۇق، .مەريەم ئۇنىڭ يامانلىق قېلىشىدىن ئەنسىرىدى

(18) مەريەم ئۆزىگە يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان بېجىرىم بىر ئىنساننى كۆرگەن ۋاقىتتا: ئى ئىنسان! ئەگەر سەن ئاللاھتىن ھەقىقى قورقۇدىغان بولساڭ سېنىڭدىن ماڭا يامانلىق يېتىپ قېلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ .تېلەيمەن، دېدى

(19) جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: مەن ئىنسان ئەمەس، ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا پاك بىر پەرزەنت ئاتا قىلىش ئۈچۈن .ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن دېدى

(20) مەريەم ھەيران قىلىپ: مېنىڭ قانداق بالام بولىدۇ؟، مەن ياتلىق بولمىغان ۋە پاھىشە قىلىش بىلەن بىرەر ئەر ماڭا يېقىنلاشمىغان تۇرسا .قانداقمۇ بالام بولسۇن، دېدى

(21) جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىش سەن دېگەندەك، ساڭا ھېچقانداق بىر ئەركەك زاتى يېقىنلاشمىدى ۋە سەن پاھىشىمۇ قىلمىدىڭ، لېكىن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: ئاتىسىز بىر بالىنى پەيدا قىلىش ماڭا ئاساندۇر. ساڭا بېرىلگەن بۇ بالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قېلىدىغان بىر بەلگە بولىدۇ. بۇ بالا بىزدىن ساڭا ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا رەھمەتتۇر. ساڭا تەقدىر قىلىنغان بۇ بالا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتىۋېتىلگەن دېدى.

(22) ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرىشتە روھنى پۈۋلىگەندىن كېيىن مەريەم .ھامىلدار بولدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن يىراق بىر جايغا كەتتى

(23) ئۇنى قاتتىق تولغاق تۇتتى، ئۇ بىر قۇرۇپ قالغان خورما دەرىخىگە يۆلىنىۋالدى، مەريەم: كاشكى مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ!، ماڭا يامان گۇمان قېلىنغاندىن كۆرە تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەمچۇ كاشكى!، دېدى.

(24) ئىسا مەريەمنىڭ قەدىمى ئاستىدىن نىدا قېلىپ: قايغۇرمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىىڭ ئېچىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئاستىڭدىن بىر ئېرىق قىلدى، دېدى. (بۇ ئايەتتىكى چاقىرغۇچىنى كۆپچىلىك تەپسىر ئۆلىمالىرى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن، چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار چاقىرغۇچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ قارىغان. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار چاقىرغۇچى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراشنى كۇچلاندۇرغان. چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارغاندا سۆزلىگەنلىكى قۇرئاندا بايان قىلىنغان، ئەمما تۇغۇلۇپلا سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ رىۋايەت يوق. بۇ تەپسىرنى تۈزگۈچى ئۆلىمالار چاقىرغۇچى ئىسا ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراش بويىچە بايان قىلغان-ت)

(25) خورما دەرىخىنى چىڭ تۇتۇپ ئېرغىتقىن، شۇ ۋاقىتتىلا ساڭا پىشقان .خورمىلار چۈشىدۇ دېدى

(26) يېڭى مېۋىدىن يېگىن، سۇدىن ئېچكىن، تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن كۆڭلۈڭ خۇرسەن بولسۇن غەم قىلمىغىن، ئىنسانلاردىن بىرەر كىشىنى كۆرسەڭ، بۇ بوۋاق توغرۇلۇق سورىسا، ئۇ كىشىگە: مەن بۈگۈن ھېچ كىشىگە سۆز قىلماسلىق توغرىسىدا پەرۋەردىگارىمغا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ئىنسانلاردىن ھېچ كىشىگە سۆز قىلمايمەن دېگىن.

(27) مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، قەۋمى ئۇنىڭ بوۋاق كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! سەن بەك غەلىتە ئىش قىلدىڭ، دادىسى يوق بىر بالىنى ئېلىپ كەلدىڭ دېدى

(28) ئى ئىبادەتتە ھارۇنغا ئوخشىغۇچى قىز! (ھارۇن ياخشى ئادەم ئىدى) سېنىڭ داداڭ زىناخور ئادەم ئەمەس ئېدى، ئاناڭمۇ پاھىشە ئايال ئەمەس ئېدى، سەن تەقۋادارلىق بىلەن تونۇلغان پاك ئائىلىنىڭ قىزى ئېدىڭ، دادىسى يوق بالىنى قانداق ئېلىپ كەلدىڭ؟، دېدى.

(29) مەريەم قۇچاقتىكى ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشارەت قىلدى، قەۋمى ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا: قۇچاقتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز .دېدى

(30) ئىسا ئەلەيھىسسالام: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن. ئاللاھ ماڭا ئىنجىلنى بېرىدۇ ۋە مېنى پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەر قىلىدۇ دېدى.

(31) قەيەردە بولسام بەندىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قىلدى، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن مېنى نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە .بۇيرىدى

(32) مېنى ئانامغا ياخشىلىق قېلىدىغان قىلدى. مېنى پەرۋەردىگارىمغا ئىتائەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قېلىدىغان قىلمىدى.

(33) مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، قىيامەت كۈنى تېرىلگەندە شەيتان ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ پىتنىسىدىن ئامان بولىمەن. بۇ قورقۇنۇچلۇق ئۈچ ئورۇندا شەيتان ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

(34) ئاشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچى مەريەم ئوغلى ئىسادۇر. بۇ ئۇنىڭ توغرىسىدىكى ھەق سۆزدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا .ئىختىلاپ قېلىشىپ شەك قىلىدىغان ئازغۇنلارنىڭ سۆزى ئەمەستۇر

(35) ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە ئۇنىڭ بالىسى بولۇش لايىق بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بالىدىن ۋە ھەمراھتىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر. بىر ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلسا ئاللاھنىڭ بول دېيىشى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ ئىش شەرتسىز بولىدۇ. شانۇ- شەۋكىتى بۇنداق كاتتا بولغان زات بالىسى .بولۇشتىن پاكتۇر

(36) ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇ سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممەيلەننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىڭلار. ئەنە ئاشۇ سىلەرنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا .ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدۇر

(37) ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلار ئىختىلاپ قىلىشتى، قەۋمىدىكى كىشىلەر ئىككى پىرقىگە ئۆرۈلدى، بەزىسى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېدى، يەھۇدىيلارغا ئوخشاش يەنە بىر پىرقە ئۇنىڭغا كاپىر بولدى، شۇنىڭدەك بەزى پىرقىلەر ھەددىدىن ئېشىپ: ئۇنى ئاللاھ دېدى، يەنە بىر قىسىملىرى: ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دېدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئالىدۇر، قىيامەت كۈنىدىكى كاتتا ھېساب ۋە جازا مەيدانىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ .قىلىشقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي

(38) بۈگۈن يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلارنى نېمە بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرۈدىغان قېلىۋەتتى؟!، ئۇلار كۆردى، كۆرۈشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئاڭلىدى، ئاڭلاشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، لېكىن زالىملار دۇنيادا توغرا يولدىن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئېدى. ئۇلار ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلماي زۇلۇم قىلىپ تۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قىيامەت بولدى.

(39) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلارنى ھەسرەت-نادامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈندە يامان ئىش قىلغۇچى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلسا، ياخشى ئىش قىلغۇچى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ نام-ئەمەل سەھىپىسى يېپىلغان ۋە ھېسابلىرى تاماملانغان، ھەر بىر ئىنسان ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ياشاۋاتقان ھاياتتىن مەغرۇرلانغان، ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ئېدى، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيتتى.

(40) بىز خالايىق يوق بولغاندىن كېيىنمۇ زېمىنغا ۋارىسلىق قېلىمىز، زېمىندىكىلەر يوق بولۇپ بىز قالغاندىن كېيىن زېمىندىكى نەرسىلەرگە يەنىلا بىز ئىگە بولىمىز، خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىمىز، ھېساب ۋە جازا .ئۈچۈن قىيامەت كۈنى .يالغۇز بىزنىڭ تەرىپىمىزگە قايتىدۇ

(41) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن بەك راستچىل، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن .بىر پەيغەمبەر ئېدى

(42) ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم دادىسى ئازەرگە: ئى دادا! سەن نېمە ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ، چاقىرساڭ ئاڭلىمايدىغان، ئىبادەت قىلساڭ كۆرمەيدىغان ۋە سەندىن زىياننى يوق قىلالمايدىغان، پايدا كەلتۈرەلمەيدىغان بۇتقا ئىبادەت قىلىسەن؟ دېدى.

(43) ئى دادا! ھەقىقەتەن ماڭا ۋەھيى ئارقىلىق سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر .نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەن

(44) ئى دادا! سەن شەيتانغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇنمىغىن، ھەقىقەتەن شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت سەجدىسى قىلىشقا بۇيرۇلغاندا ئۇنىڭغا سەجدە قىلماستىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا .ئاسىيلىق قىلدى

(45) ئى دادا! ئەگەر سەن كاپىر ھالىتىڭدە ئۆلۈپ كەتسەڭ ساڭا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن، سېنىڭ شەيتانغا دوست بولغانلىقىڭ سەۋەبىدىن ئازابتا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قىلىشىڭدىن قورقىمەن.

(46) ئازەر ئوغلى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرىمەكچىمۇ؟، ئەگەر سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنى سۆكۈشتىن توختىمىساڭ سېنى تاش بىلەن ئۇرىمەن. سەن ئۇزاق ۋاقىت مەندىن يىراق تۇرۇپ ماڭا سۆز قىلمىغىن، مەن بىلەن بىرگە تۇرمىغىن دېدى.

(47) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىغا: مەندىن ساڭا ئامانلىق بولسۇن، مەندىن ساڭا سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىش يەتمەيدۇ، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت ۋە ھىدايەت تىلەيمەن، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم ماڭا بەك مېھرىباندۇر.

(48) سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن يىراق بولىمەن، يالغۇز پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قېلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن. مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش بىلەن بەختسىز بولۇپ .قالماسلىقىمنى ئۈمىت قىلىمەن

(49) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىنى تەرك قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئەھلىنى يوقۇتۇپ قويغىنىنىڭ بەدىلىگە ئوغلى ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى ئاتا .قىلدۇق، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنى ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن قىلدى

(50) ئۇلارغا بىز رەھمىتىمىز بىلەن بىرگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، ئۇلار .ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ تىلىدا داۋاملىشىدىغان گۈزەل مەدھىيلەرنى .قىلدۇق

(51) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن. ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھ .تەرىپىدىن تاللانغان ئەلچى ۋە پەيغەمبەردۇر

(52) بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرغان ئورنىنىڭ يان تەرىپىدىكى تاغنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز سۆزىنى ئاللاھقا ئاڭلىتىشى .ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق

(53) بىز ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ ۋە نېمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىدىن سورىغان ۋاقتىدىكى دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلدۇق.

(54) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلغىن، ئۇ راستچىل ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ئەلچى ۋە پەيغەمبەر ئېدى.

(55) ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا ۋە زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، ئۇ .پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى

(56) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن بەك راستچىل، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەر ئېدى.

(57) بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق، ئۇنىڭ مەرتىۋېسى ئالى بولدى

(58) بۇ سۈرىدە زېكىر قېلىنغان زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئاشۇ كىشىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كېمىگە چېققان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. ئۇلارنى تاللاپ پەيغەمبەرلەردىن قىلدۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا ۋە تىلاۋەت قىلغاندا ئاللاھدىن قورقۇپ يېغلاپ سەجدە قىلىدۇ.

(59) ئاشۇ تاللانغان پەيغەمبەرلەردىن كېيىن كەلگەن كىشىلەر يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇققا ئەگەشتى، نامازنى تولۇق ئادا قىلماي زايە قېلىۋەتتى، كۆڭلى خاھىشى بويىچە زىنا-پاھىشە قاتارلىق گۇناھ-مەسىيەت سادىر .قىلدى، ئۇلار جەھەننەمدە ئەڭ ناچار ئازابقا دۇچار بولىدۇ

(60) پەقەت ئۆزىنىڭ كەمچىللىكى ۋە سەل قارىغانلىقىغا تەۋبە قېلىدۇ، ئاللاھقا ئىشىنپ ياخشى ئەمەل قېلىدۇ، مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان .ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ئازراقمۇ بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ

(61) ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە كىرگۈزۈشنى، دائىم تۇرغۇزۇشنى ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن بوستانلىق ئاللاھ ۋەدە قىلغان جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتتى. جەننەتتىن ئىبارەت بۇ نېئمەت چوقۇم بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى .ھەقتۇر

(62) ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ناچار سۆز ئاڭلىمايدۇ، بەلكى بەزىلەرنىڭ بەزىلىرىگە قېلىشقان ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا قېلغان سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلارغا ئەتتىگەن-ئاخشامدا كۆڭلى تارتقان يېمەكلىكلەر .كېلىپ تۇرىدۇ

(63) يۇقىرىقى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بۇ جەننەت، بەندىلىرىمىزدىن بىزنىڭ بۇيرىقىمىزغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىمىزدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر.

(64) ئى جەبرائىل! مۇھەممەد ئەلەيھىسىسسالامغا ئېيتىقىنكى: ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر ئۆز ئالدىمىزغا چۈشمەيمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرى ۋە بىز كەينىمىزدە قويۇپ كەتكەن دۇنيانىڭ ئىشلىرى ۋە دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، .دېگىن

(65) ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، ئۇنىڭ ئىگىسى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ياراتقۇچىدۇر. يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇ ئىبادەتكە ھەقلىقتۇر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش يولىدا چىداملىق بولغىن. ئۇنىڭ مىسالى يوق، ئوخشىشى .يوق ۋە ئىبادەتتە شېرىكى يوقتۇر

(66) ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىر مەسخىرە قىلىپ: مەن ئۆلگەندىن كېيىن قەبرەمدىن ئىككىنچى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن ھايات .چېقىمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن بۇ بەك يىراق ئىش دەيدۇ

(67) ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئېنكار قىلغۇچى بۇ ئىنسان بىز ئۇنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسلىمەمدىغاندۇ؟، گەرچە ئىككىنچىسىنى ياراتماق ئوڭاي ۋە ئاسان بولماغلىق بىلەن، دەسلەپكى يارىتىشنى ئىككىنچى قېتىملىق يارىتىشقا دەلىل قىلامدۇ؟.

(68) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى: بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئازدۇرغان شەيتانلار بىلەن بىرلىكتە قەبرىسىدىن چېقىرىمىز، ئاندىن ئۇلارنى خار قىلغان ۋە تىز چۆكتۈرگەن ھالەتتە .جەھەننەمگە ھەيدەپ كېلىمىز

(69) ئاندىن ئازغۇن پىرقىلەردىن بولغان ھەر بىر پىرقىدىن ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بولغان چوڭ گۇناھكارلارنى كۈچ بىلەن قوپاللىق بىلەن .تارتىپ چېقىرىمىز

(70) ئاندىن دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۇنىڭ ھارارىتى ۋە ئازابىنى تېتىشقا .لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە بىز ياخشى بىلىمىز

(71) ئى ئىنسانلار! سىلەردىن ھەر بىر كىشى جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان سىرات كۆرۈكى ئۈستىدىن چوقۇم ئۆتىدۇ. بۇ ئۆتۈش ئاللاھنىڭ ھۆكمى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەمەلىيلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر.

(72) ئاندىن سىراتنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق، ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارنى خاتىرجەم قىلىمىز. زالىملارنى تىزلاندۇرغان ھالەتتە جەھەننەمنىڭ گىرۋېكىدە قويىمىز، ئۇلار جەھەننەمدىن قېچىشقا قادىر بولالمايدۇ.

(73) بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىزگە نازىل قېلىنغان ئايەتلىرىمىز كىشىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە، كاپىر بولغانلار مۆئمىنلەرگە: ياخشى ئورۇنلاردا تۇرۇش ۋە سورۇنلارنى تۈزەشتە سىلەرنىڭ گورۇھىڭلار ياخشىمۇ ياكى بىزنىڭ .گورۇھىمىز ياخشىمۇ دەيدۇ؟

(74) ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ماددى ئىمتىيازدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن كىشىلەردىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن كاپىرلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىقتىساد، كېيىم-كىچەك، چىراي-شەكىل ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش قاتارلىقلاردا بۇلاردىن ياخشى ۋە گۈزەل ئىدى.

(75) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: كىمكى ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ يۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقنى زىيادە قېلىۋىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىدۇ. ھەتتا ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى تىز كەلگەنلىكىنى ئاشكارا كۆرگەندە ياكى قىيامەتكە كېچىكتۈرۈلگەن ئازابنى كۆرگەندە، كىمنىڭ ئورنى ناچار ۋە ياردەمچىلىرى ئاز، ئۆزلىرىنىڭ جامائىتىمۇ ياكى مۆئمىنلەر جامائىتىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلىدۇ؟.

(76) ئاشۇ كاپىرلارغا ئازغۇنلۇقىنى زىيادە قېلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەننىڭ قارشىسىدا، توغرا يول تاپقان كىشىلەرگە ئاللاھ ھىدايەتنى، ئىماننى، تائەتنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئەمەللەر سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھوزۇرىدا مەنپەئەتلىك بولغان مۇكاپات، ياخشى ئاقىۋەت ۋە ئەبەدىيلىك بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

(77) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، ئازابىمىزغا تانغان ۋە: مەن ئۆلسەم، قىيامەتتە تېرىلسەم ئەلۋەتتە ماڭا كۆپ مال ۋە ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۇڭمۇ؟.

(78) ئۇ دېگەن سۆزىنى دەلىللەشكە غەيىبنى بىلدىمۇ؟ ياكى ئۇ ئاللاھدىن ئۆزىنى جەننەتكە كېرگۈزۈش ۋە كۆپ مال ۋە ئەۋلاد ئاتا قىلىشى .توغرىسىدا ئەھدە ئالدىمۇ؟

(79) ئىش ئۇ گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەن سۆز ۋە قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرلەپ قويىمىز، ئۇنىڭ باتىلنى دەۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئازابنىڭ ئۈستىگە ئازابنى زىيادە قىلىمىز.

(80) ئۇنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مال ۋە بالىنى مىراس قالدۇرىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇنى، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان مال-دۇنيا ۋە يۈز-ئابرۇي قاتارلىق ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىپ يالغۇز كەلتۈرىمىز.

(81) مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە دەستەك بولۇش ئۈچۈن، ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ياردەم .بېرىلىدىغان چوقۇنىدىغان مەبۇدلارنى قىلدى

(82) ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇداتلىرى قىيامەت كۈنى مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئىبادەتلىرىگە تانىدۇ، ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولۇپ ئۇلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ.

(83) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز شەيتانلارنى كاپىرلارغا ھۆكۈمران قىلىپ ئۇلارنى گۇناھ-مەسىيەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟.

(84) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھدىن ئۇلارنىڭ تىزرەك ھالاك بولىىشىنى تەلەپ قىلىشقا ئالدىرىمىغىن، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى ئېنىق ساناپ تۇرىمىز، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلگەن ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا، ئۇلارنى ھەقلىق بولغان ئازاب بىلەن ئازابلايمىز.

(85) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قىيامەت كۈنىدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىغا ئىززەت-ئىكرام .بىلەن توپلايمىز

(86) كاپىرلارنى جەھەننەمگە ئۇسسۇزلىقتىن چاڭقىغان ھالىتىدە ھەيدەيمىز.

(87) كاپىرلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. پەقەت دۇنيادا ئىمان ئېيتىش ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەن كىشىلەر شاپائەت .قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ

(88) يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار .دەيدۇ

(89) مۇشۇ سۆزنى ئېيتقۇچى ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر بەك قەبىھ .بىر سۆزنى قىلدىڭلار

(90) بۇ مۇنكەر سۆزنىڭ يامانلىقىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر .يېرىلىپ كەتكىلى ۋە تاغلار گۆمبۈرلەپ چۈشكىلى تاسمۇ-تاس قالدى

(91) ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن سۆز ئۈچۈندۇر. ئاللاھ .تائالا ئۇنىڭدىن ئالىدۇر ۋە كاتتىدۇر

(92) .بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق بولمايدۇ، ئاللاھ بالىلىق بولۇشتىن پاكتۇر

(93) ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىدە رەببىگە بويسۇنغان ھالەتتە .كېلىدۇ

(94) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلمى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى مۇكەممەل بىلدى. ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەس.

(95) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالغۇز ھالەتتە .كېلىدۇ، ئۇنىڭ يا ياردەم بەرگۈچىسى ياكى مال-مۈلكى بولمايدۇ

(96) ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەممە بەندىلىرىگە ياخشى كۆرۈلىدىغان قېلىدۇ.

(97) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز نازىل قىلغان بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن مېنىڭ بۇيرىقىمغا بويسۇنۇپ ۋە چەكلىمىلىرىمدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغانلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ئۈچۈن، ھەققە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغان، گەردەنكەش بىر قەۋمنى .ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئاسان ۋە چۈشۈنۈشلۈك قىلدۇق

(98) سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ھالاك قىلنغۇچى ئۈممەتتىن بىرەر كىشىنى تۇيامسەن، ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋازنى ئاڭلىيالامسەن؟ ئاللاھ ئىزنى قىلغان ۋاقىتتا ئۇلارغا يەتكەن مۇسىيبەت ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ .يېتىدۇ