(1) شەكسىزكى بىز قۇرئاننى دۇنيا ئاسمىنىغا بىراقلا نازىل قىلدۇق. شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىشنى رامىزان ئېيىنىڭ شەبى قەدر كېچىسىدە باشلىدۇق.
(2) ئەي پەيغەمبەر! بۇ كېچىنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقى ۋە بەرىكىتىنى بىلەمسەن؟
(3) بۇ كېچە ياخشىلىقى ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر كېچىدۇركى، ئۇ ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇرغان ئادەمگە مىڭ ئايدىن ياخشىراقتۇر.
(4) بۇ كېچىدە پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ شۇ يىلدا يۈز بېرىشىنى بېكىتكەن رىزىق، ئۆلۈم، توغۇلۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تەقدىر قىلغان ھەر قانداق ئىشنى ئېلىپ چۈشىدۇ.
(5) بۇ مۇبارەك كېچە باشتىن - ئاخىر ھەممىسى ياخشىدۇر.