(1) ئاللاھ تائالا ئاسمان بىلەن ۋە كېچىدە چىقىدىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلدى.
(2) ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاتتا يۇلتۇزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
(3) ئۇ ئۆتكۈر نۇرى بىلەن ئاسماننىمۇ تېشىۋېتىدىغان يۇلتۇزدۇر.
(4) ھەر قانداق بىر جانغا ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ۋەكىل قىلغان بولۇپ، ئۇ پەرىشتە قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى نازارەت قىلىدۇ.
(5) ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە مەخلۇقنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆزىنى نېمىدىن ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلانسۇن!
(6) ئاللاھ ئىنساننى ئېتىلىپ چىقىپ، بالىياتقۇغا تۆكۈلىدىغان سۇدىن ياراتتى.
(7) بۇ سۇ ئەر كىشىنىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.
(8) ئۆز ۋاقتىدا ئىنساننى ئاشۇ ئەرزىمەس سۇدىن ياراتقان ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
(9) ئۇ كۈندە بارچە سىرلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئاندىن دىللارغا يوشۇرۇنغان نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىشلار ئاشكارا بولۇپ، ياخشى ياماندىن ئايرىلىدۇ.
(10) ئۇ كۈندە ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ھېچبىر كۈچ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيدىغان ھېچبىر ياردەمچى بولمايدۇ.
(11) ئاللاھ تائالا يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەم قىلدى. چۈنكى ئاللاھ شۇ بۇلۇت ئارقىلىق پات - پات يامغۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدۇ.
(12) ئاللاھ ئۆسۈملۈكلەر، مېۋىلەر ۋە دەل - دەرەخلەر يېرىپ چىقىدىغان زېمىن بىلەن قەسەم قىلدى.
(13) شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغان سۆزدۇر.
(14) ئۇ ئويۇن، چاقچاق ئەمەس، بەلكى چىن ھەقىقەتتۇر.
(15) شەكسىزكى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ سۇيىقەستلەرنى قىلىدۇ.
(16) مەن دىننى غالىب قىلىش ھەمدە باتىلنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن.
(17) ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاپىرلارغا مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارنىڭ ئازابى ۋە ھالاك قىلىنىشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن.