58 - سۈرە مۇجادەلە ()

|

(1) ئاللاھ ھەقىقەتەن خەۋلە بىنتى سەئلەبەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇ ئۆزىنى زىھار قىلغان (ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ياكى قىز بىر تۇغقىنىمغا ئوخشاش ھارام دېيىشى زىھار قىلىش دېيىلىدۇ) ئېرى ئەۋس ئىبنى سامىتنىڭ ئىشى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئۇ ئاللاھقا ئېرىنىڭ قىلغانلىرىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. ئاللاھ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(2) ئۆز ئاياللىرىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ئوخشاش دېيىش ئارقىلىق ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلار بۇ سۆزىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللاردۇر. ئۇلار بۇ گەپنى دېگەن چاغدا ھەقىقەتەن قەبىھ ھەم يالغان گەپنى دەيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئەلۋەتتە ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى بۇ قىلمىشلىرىنىڭ گۇناھىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەپپارەت بېرىشنى يولغا قويدى.

(3) بۇ قەبىھ سۆزنى قىلغانلار بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىرى زىھار قىلغان ئاياللىرى بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماقچى بولسا، ئۇلار ئاياللىرى بىلەن يىقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن بىر قۇل ئازاد قىلىش ئارقىلىق قىلمىشىنىڭ كەپپارىتىنى بېرىشى لازىم. سىلەر زىھار قىلىشتىن چەكلىنىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ھۆكۈمگە بۇيرۇلۇۋاتىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(4) ئاراڭلاردىن كىمكى ئازات قىلىدىغان قۇل (ياكى قۇل ئازات قىلغۇدەك پۇل - مال) تاپالمىسا، زىھار قىلغان ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. ناۋادا ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمىسە، ئاتمىش مىسكىننى تويغۇزۇشى كېرەك. بىز چىقارغان بۇ ھۆكۈم؛ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈندۇر. بىز يولغا قويغان مەزكۇر بۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بېكىتىپ بەرگەن بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار. ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى ۋە بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا دەرتلىك ئازاب بار.

(5) ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار چوقۇم ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار خارلىنىپ ھالاك قىلىنغاندەك خارلىنىپ ھالاك قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھقا ھەمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.

(6) ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلاردىن ھېچكىمنى چالا قويمايدۇ. ئاندىن ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. يەنى ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى بىرمۇبىر ساناپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، چوڭ - كىچىك ھېچبىرىنى چالا قويمايدىغان نامە - ئەمال دەپتەرلىرىدە ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ تەپسىلىي يېزىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(7) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىكى ھېچ نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ قانداقتۇر ئۈچ كىشى مەخپىي پىچىرلىشىدىكەن، چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر. بەش كىشى مەخپىي پىچىرلىشىدىكەن، چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر. مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ كىشى پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولسۇن چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ پىچىرلىشىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(8) ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە پىچىرلىشىدىغان يەھۇدىيلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى پىچىرلىشىشتىن چەكلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئوخشاش گۇناھ بولىدىغان قىلمىشلار ھەققىدە ئۆزئارا پىچىرلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ناۋادا ئۇلار سېنىڭ قېشىڭغا كەلسە ئاللاھ تائالا ساڭا قىلىپ باقمىغان سالام بىلەن سالام قىلىدۇكى، ئۇ سالام بولسا ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى تىلەپ: ئەسسامۇ ئەلەيكە، دېگەن سۆزىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى قىلىش مەقسىتىدە: بىزنىڭ دېگەن سۆزلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ نېمىشقا بىزنى ئازابلىمايدۇ؟ ئەگەر ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ بىزنى دېگەن گەپلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئازابلىغان بولاتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلارنى دېگەنلىرىگە قارىتا جەھەننەم يېتەرلىك ئازابتۇركى، ئۇلار ئۇنىڭ قاتتىق ھارارىتىنى تېتىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق!؟

(9) ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلارغا ئوخشاش بوپقالماسلىقىڭلار ئۈچۈن گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىش ھەققىدە پىچىرلاشماي، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئاسىيلىقتىن قول يىغىدىغان ئىشلار ھەققىدە پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار. چۈنكى قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.

(10) ھەقىقەتەن گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىچىرلىشىش بولسا شەيتاننىڭ ئۆز يېقىنلىرىنى ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىش مۇئمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈندۇر. شەيتان ۋە ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئىرادىسى بولمىسا مۇئمىنلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇڭا مۇئمىنلەر بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايانسۇن.

(11) ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ناۋادا سىلەرگە: سورۇنلاردا (باشقىلارنى يېنىڭلارغا) سىغدۇرۇۋېلىڭلار دېيىلسە، (يېنىڭلارغا كەلگەنلەرنى) سىغدۇرۇۋېلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرگىمۇ كەڭچىلىك قىلغاي. ناۋادا سىلەرگە: بەزى سورۇنلاردا پەزىلەت ئىگىلىرىگە ئورنۇڭلارنى بوشىتىپ بېرىڭلار دېيىلسە، ئورنۇڭلارنى بوشىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھ تائالا ئاراڭلاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىسىنى ناھايىتى كاتتا مەرتىۋىلەرگە يۈكسەلدۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(12) ئى مۇئمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي پاراڭلاشماقچى بولساڭلار، پاراڭلىشىشتىن بۇرۇن مەلۇم مىقداردا سەدىقە بېرىڭلار. ئاشۇنداق ئالدىنئالا سەدىقە بېرىشىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئەڭ پايدىلىق ھەم پاكلىغۇچىدۇر. چۈنكى بۇ ئىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولۇپ، قەلبلەرنى پاكلايدۇ. ئەگەر سىلەر سەدىقە قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىساڭلار، پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي پارىڭىڭلارنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى ھەم مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇغىنى يوق.

(13) رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي پاراڭلاشماقچى بولغىنىڭلاردا سەدىقە بېرىش سەۋەبىدىن كەمبەغەل بوپقېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىڭلارمۇ؟ چۈنكى سىلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىدىڭلار، ئەمما ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىشنى قىلماسلىققا يول قويۇش ئارقىلىق تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا نامازنى بولسىمۇ مۇكەممەل رەۋىشتە ئوقۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ پۈتكۈل قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(14) ئەي پەيغەمبەر! كۇپرىسى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى دوست تۇتقان مۇناپىقلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بۇ مۇناپىقلار مۇئمىنلەردىنمۇ ئەمەس، يەھۇدىيلاردىنمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇلار يا بۇلارغا، يا ئۇلارغا مەنسۇپ ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى يەھۇدىيلارغا يەتكۈزمىگەنلىكى ھەققىدە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەردۇر.

(15) ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ قەرىگە تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى كۇپۇر ئەمەللىرى ئىنتايىن قەبىھ ئىدى.

(16) ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان قەسەملىرىنى كۇپۇرلۇق سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ساقلىنىدىغان قالقان قىلىۋېلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانلىرىنى ۋە ماللىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان قىياپىتىدە كۆرۈنەتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا مۇسۇلمانلارنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئىرادىسىنى بوشىتىش ئارقىلىق ھەقتىن توسۇشقا ئۇرۇناتتى. شۇڭا ئۇلار قاتتىق ئازابغا دۇچار بولىدۇكى، ئۇ ئازاب ئۇلارنى خارۇزار قىلىدۇ.

(17) كاپىرلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ ھەم دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب ئۈزۈلمەيدۇ.

(18) ئاللاھ ھەممەيلەننى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈندە ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى قويماي جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرىلىرىدىن چىقىرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر، مۇناپىق بولمىغانلىقى، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەر بولغانلىقى ھەققىدە ئاللاھقا قەسەم قىلىشىدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۇلار خۇددى دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك، ئاخىرەتتە ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا مۇشۇنداق قەسەملەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە پايدا كەلتۈرەلەيدۇ ياكى ئۆزلىرىدىن زىياننى قايتۇرالايدۇ، دېگەن خام خىياللاردا بولىدۇ. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئۇلار دۇنيادىكى قەسەملىرىدىمۇ، ئاخىرەتتىكى قەسەملىرىدىمۇ ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.

(19) شەيتان ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئاندىن شەيتان ۋەسۋەسە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىدى. ئۇلار پەقەت ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئەمەللەرنىلا قىلدى. مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغانلار ئىبلىسنىڭ لەشكەرلىرى ۋە مۇرىتلىرىدۇر. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئىبلىسنىڭ لەشكەرلىرى ۋە مۇرىتلىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ھىدايەتنى ئازغۇنلۇققا، جەننەتنى دوزاخقا تېگىشتى.

(20) ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارۇزار قىلىدىغان كاپىر ئۈممەتلەرنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.

(21) ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىلمى ئەزەلىيسىدە «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم دەلىل - پاكىت ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىز ئارقىلىق دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ پۈتۈۋەتكەن. شەكسىزكى ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىشتە كۈچلۈكتۇر ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشتا غالىبتۇر.

(22) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرنى ياخشى كۆرۈپ، دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. مۇئمىنلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەن بۇ ئادەملەر گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتىلىرى، ياكى پەرزەنتلىرى، ياكى قېرىنداشلىرى ۋە ياكى ئۆزلىرى تەۋە بولغان جەمەتى بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلارنى دوست تۇتمايدۇ). چۈنكى ئىمان ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن دوست بولۇشقا يول قويمايدۇ. چۈنكى ئىمان مۇناسىۋىتى باشقا ھەر قانداق مۇناسىۋەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇكى، بۇ مۇناسىۋەتلەر ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قالغاندا ئىمان مۇناسىۋىتى ھەممىنىڭ ئالدىغا تىزىلىدۇ. گەرچە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرنى دوست تۇتمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئاللاھ قەلبلىرىدىكى ئىماننى مۇستەھكەم قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەيدانى ھېچقاچان ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزى تەرەپتىن بېرىلگەن دەلىل - پاكىت ھەم نۇر بىلەن كۈچلەندۈرگەنكى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، تۈگەپمۇ قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن مەڭگۈ غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە رازى بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە مەڭگۈ تۈگەپ قالمايدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى كۆرۈشمۇ شۇ نېئمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرىدۇركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىگەنلىرىدىن يانىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئۇلار چوقۇم كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلىرىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.