80 - سۈرە ئەبەسە ()

|

(1) پەيغەمبەر (ئەلەيھىسسالام) چىرايىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرۈۋالدى.

(2) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما كىشى بولۇپ، ئۆزىگە توغرا يولنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ كاتتىلىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ شۇلار بىلەن مەشغۇل ئىدى.

(3) ئەي پەيغەمبەر! سەن نېمە بىلىسەن؟ بۇ ئەما كىشى گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى مۇمكىن.

(4) ياكى سەندىن ئاڭلىغان ۋەز - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ، مەنپەئەتلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

(5) مال - مۈلكىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتىشتىن بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك،

(6) سەن ئۇنىڭغا بېرىلىپ، يۈزلىنىپ كېتىسەن،

(7) ئۇ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ گۇناھلىرىدىن پاكلانمىسا ساڭا نېمە زىيىنى بولاتتى؟

(8) ياخشىلىق ئىزدەپ، پەرۋەردىگارىدىن قورققان ھالدا قېشىڭغا كەلگەن ئادەمگە كەلسەك،

(9) ياخشىلىق ئىزدەپ، پەرۋەردىگارىدىن قورققان ھالدا قېشىڭغا كەلگەن ئادەمگە كەلسەك،

(10) سەن بولساڭ مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنى دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسەن.

(11) ئەسلى ئىش بۇنداق ئەمەس، پەقەتلا ئۇ قوبۇل قىلىدىغان كىشىگە ۋەز - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر.

(12) ئاللاھ تائالادىن پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىشىنى خالىغان كىشى بۇ قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن پەند -نەسىھەت ئالىدۇ.

(13) دېمەك بۇ قۇرئان پەرىشتىلەرنىڭ قېشىدىكى ئۇلۇغ سەھىپىلەرگە پۈتۈلگەندۇر.

(14) ئۇ يۈكسەك مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، كىر ۋە نىجاسەت يەتكۈزۈشكە بولمايدىغان پاك سەھىپىلەردۇر.

(15) ئۇ پەرىشتىلەردىن تاللانغان ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر.

(16) ئۇ ئەلچىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك، ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلىرى كۆپتۇر.

(17) كاپىر ئىنسانغا لەنەت قىلىندى. ئۇنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇشى نېمىدېگەن قەبىھ!.

(18) ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتىكى، يەر يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھقا كاپىر بولسۇن؟

(19) ئاللاھ ئۇنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنى (بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ) پەيدىن - پەي ياراتتى.

(20) مۇشۇ باسقۇچلاردىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىقىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى.

(21) ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئۆمۈر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى ۋاپات تاپقۇزدى ھەمدە ئۇ تاكى قايتا تىرگۈزۈلگەنگە قەدەر قەبرىنى تۇرىدىغان جاي قىلدى.

(22) ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزىدۇ.

(23) ئەمەلىي ئەھۋال بۇ كاپىر گۇمان قىلغاندەك ئەمەسكى، ئۇ تېخىچە ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغىنى يوق، ئاللاھ ۋاجىب قىلغان پەرزلەرنى ئادا قىلغىنى يوق.

(24) ئاللاھقا كاپىر بولغان ئىنسان ئۆزى يەۋاتقان يېمەكلىكنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىگە قاراپ باقسۇن!.

(25) ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاسماندىن كۈچ بىلەن مول ياغقان يامغۇردىندۇر.

(26) ئاندىن بىز زېمىننى ياردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەر يېرىپ چىقتى.

(27) بىز زېمىندا بۇغداي، قوناق ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.

(28) زېمىندا يەنە ئۈزۈم ھەمدە چارىپايلىرىڭلارغا يەم بولسۇن ئۈچۈن ئوتياشلارنى ئۆستۈردۇق.

(29) زەيتۇننى ۋە خورمىنى ئۆستۈردۇق.

(30) دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق.

(31) مېۋىلەرنى ھەمدە چارىپايلىرىڭلارنى ئوتلىتىدىغان ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق.

(32) بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە چارىپايلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر.

(33) ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندىكى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا

(34) ئۇ كۈندە ئىنسان ئۆز قېرىندىشىدىن قاچىدۇ.

(35) ئانىسىدىنمۇ، ئاتىسىدىنمۇ قاچىدۇ.

(36) خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ.

(37) ئاشۇ كۈندىكى قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھەر كىمنىڭ باشقىلارغا قاراشقا ئىمكانىيەت بەرمەيدىغان ھالى بولىدۇ.

(38) ئۇ كۈندە بەختلىك كىشىلەرنىڭ يۈزلىرى (خۇشاللىقتىن) نۇرلۇق بولىدۇ.

(39) ئاللاھ تەييارلىغان رەھمەتتىن خۇشال بولۇپ كۈلىدۇ.

(40) ئۇ كۈندە بەدبەختلەرنىڭ يۈزلىرى توپا - چاڭ بېسىپ كەتكەندەك بوپكېتىدۇ.

(41) نۇرغۇن يۈزلەر قارىداپ كەتكەن بولىدۇ.

(42) مۇشۇ ھالەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر كۇپۇرلۇق بىلەن گۇناھكارلىقنى بىللە قىلغان كىشىلەردۇر.