24 - سۈرە نۇر ()

|

(1) بۇ سۈرىنى بىز نازىل قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشنى ۋاجىب قىلدۇق، شۇنداقلا سىلەرنىڭ بۇ سۈرىدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سۈرىدە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق.

(2) زىنا قىلغۇچى ئايال بىلەن زىنا قىلغۇچى ئەردىن ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، سىلەردە ئۇلارغا جازا بەرمەيدىغان ياكى جازانى يەڭگىللىتىدىغان دەرىجىدە شەپقەت ۋە ئىچ ئاغرىتىش بولمىسۇن. ئۇلارغا جازا بېرىلگەندە ئۇلارنى سازايى قىلىپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن مۇئمىنلەردىن بىر توپ كىشى ھازىر بولسۇن.

(3) زىنا ئىنتايىن قەبىھ قىلمىش بولغاچقا، ئاللاھ تائالا زىناغا ئادەتلىنىپ قالغان كىشىنىڭ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش پاھىشە خوتۇن بىلەن ياكى نىكاھىغا ئېلىش دۇرۇس بولمىسىمۇ زىنادىن قاچمايدىغان مۇشرىك ئايال بىلەن توي قىلىشقىلا رايى بارىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك زىناغا ئادەتلىنىپ قالغان ئايالنىڭمۇ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش زىناخور ئەر بىلەن ياكى نىكاھلىنىشى ھارام بولسىمۇ يەنىلا زىنادىن قاچمايدىغان مۇشرىك ئەر بىلەن توي قىلىشقىلا قىزىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پاھىشە ئايالنى ئېلىش ۋە زىناخور ئەرگە تېگىش مۇئمىنلەرگە ھارام قىلىندى.

(4) ئەي ھوقۇقدارلار! ئىپپەتلىك ئاياللارنى (ۋە شۇ ئاياللارغا ئوخشاش ئىپپەتلىك ئەرلەرنى) زىنايى - پاھىشە بىلەن قارىلايدىغان، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ بوھتانلىرىغا تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمەيدىغانلارنى سەكسەن دەررە ئۇرۇڭلار، (ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار. ئىپپەتلىك ئەر ۋە ئاياللارغا تۆھمەت قىلىدىغان بۇنداق ئادەملەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.

(5) لېكىن مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئەمەللىرىنى تۈزەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى ۋە گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.

(6) خوتۇنلىرىنى زىنا قىلدى دەپ قارىلايدىغان ۋە بۇنىڭغا ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغان كىشىلەر دېگەن سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرسۇن. ئۇلاردىن ھەر بىرى خوتۇنى ھەققىدە زىنا قىلدى دېگەن گېپىنىڭ راستلىقىغا تۆت قېتىم ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن.

(7) ئاندىن بەشىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىقىدا، ئەگەر ئۇ ئايالىنى قارىلىغان سۆزىدە يالغانچى بوپقالسا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ لەنىتى بولىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ دۇئا قىلسۇن.

(8) شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا زىنانىڭ جازاسى تېگىشلىك بولىدۇ. بۇ ئايالمۇ ئېرىنىڭ ئۆزىنى قارىلىغانلىقىدا يالغانچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلىسا بولىدۇ.

(9) ئاندىن بەشىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىقىدا ئەگەر ئېرىنىڭ ئۆزى ھەققىدە دېگەنلىرى راست بولسا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ لەنىتىنى قېتىپ دۇئا قىلسۇن.

(10) ئەي ئىنسانلار! ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەمدە پىلانلىشى ۋە ھۆكۈم يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى بولمىسا ئىدى، گۇناھىڭلارغا قارىتا سىلەرنى دەرھال جازالايتتى ۋە سىلەرنى بۇ تۈپەيلى رەسۋا قىلاتتى.

(11) ئەي مۇئمىنلەر! شەكسىزكى سىلەرگە تەۋە بولغان بىر بۆلۈك كىشىلەر بوھتان قىلدى (يەنى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا پاھىشە قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلدى). بۇلارنىڭ بوھتانلىرىنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامانلىق دەپ ئويلىماڭلار، ئەكسىچە ئۇ سىلەر ساۋابقا ئېرىشىدىغان، ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى ئىلغاپ چىقىدىغان، شۇنداقلا مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىنى پاكلايدىغان ئىش بولغاچقا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئائىشەگە پاھىشە بىلەن بوھتان چاپلاشقا قاتناشقان ھەر كىمگە بوھتان سۆزىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىشلىگەن گۇناھىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. بوھتاننى دەسلەپتە باشلاش ئارقىلىق بۇ گۇناھنىڭ كۆپ قىسمىنى يۈدۈۋالغان ئادەمگە كاتتا ئازاب بار. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى مۇناپىقلارنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلدۇر.

(12) ئەر - ئايال مۇئمىنلەر بۇ بۈيۈك بوھتاننى ئاڭلىغاندا نېمىشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئاشۇنداق بوھتان قىلىنغان كىشىنى پاك دەپ قاراپ: بۇ ئوپئوچۇق يالغاندۇر، دېمىدى؟

(13) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بوھتان قىلغۇچىلار نېمىشقا ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك بوھتانىغا ئۇنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدىغان تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىسە -ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ-، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچىلاردۇر.

(14) ئەي مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنى ئالدىراپ جازالىماسلىق ھەمدە سىلەردىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرگە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىغا قىلغان بوھتان ۋە يالغانلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە كاتتا ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.

(15) ئەينى چاغدا سىلەر ئۇ بوھتاننى بىر - بىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئاساسسىز تۇرسىمۇ يەنە ئېغىزدىن - ئېغىزغا يۆتكىدىڭلار. ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ ئۇ ھەقتە مەلۇماتىڭلار يوق ئىدى. سىلەر بۇ ئىشنى سەل چاغلاپ قالدىڭلار، ھالبۇكى ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا يالغان ۋە پاك كىشىگە تۆھمەت قىلىش بار.

(16) سىلەر بۇ بوھتاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا نېمىشقا بۇنداق ناچار سۆزلەرنى قىلىش بىزگە ياراشمايدۇ. ئەي رەببىمىز! سەن پاكتۇرسەن. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىغا قىلىنغان بۇ بوھتان چوڭ يالغاندۇر، دېمىدىڭلار؟

(17) ئاللاھ سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىشىنىدىغان بولساڭلار، پاك كىشىلەرگە زىنا قىلدى، دەپ بوھتان قىلىدىغان بۇنداق ناچار قىلىقنى ئىككىنچى قىلماڭلار.

(18) ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىنى ھەم ۋەز - نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ پىلانلىشى ۋە يوليورۇقلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

(19) مۇئمىنلەر ھەققىدە ئۇلارنى زىنا قىلدى دەيدىغان تۆھمەتلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلارغا بۇ دۇنيادا بوھتان قىلغانلىقنىڭ جازاسى بېرىلىش ئارقىلىق دەرتلىك ئازاب بار، ئاخىرەتتىمۇ ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىنى، بەندىلىرىنىڭ ئىشىنىڭ ئاقىۋەتتە نەگە بارىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.

(20) ئەي بوھتانغا ئارىلىشىپ قالغانلار! ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ سىلەرگە تولىمۇ مېھرىبان ۋە رەھىمدىل بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەرنى تېزدىن جازالايتتى.

(21) ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! شەيتان ئاساسسىز سەپسەتىنى پەردازلاپ كۆرسەتسە ئۇنىڭ يوللىرىغا ماڭماڭلار. كىمكى ئۇنىڭ يولىغا ماڭىدىكەن، شەكسىزكى ئۇ قەبىھ قىلمىش ۋە سۆزلەرگە، شەرىئەت چەكلەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ناۋادا سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، تەۋبە قىلسىمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق سىلەردىن ھېچكىمنى قەتئىي پاكلىمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق پاكلايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(22) دىندا پەزىلەتلىك ھەم مال مۈلكىمۇ كەڭرى بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ موھتاج تۇغقانلىرىنىڭ قىلىپ سالغان بىرەر گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۇلارغا بىر نەرسە بەرمەيدىغانغا قەسەم قىلمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، بولدى قىلىۋەتسۇن. سىلەر ئۇلارنى كەچۈرۈپ، بولدى قىلىۋەتكىنىڭلاردا ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنىڭمۇ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈۋېتىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. شۇڭا بەندىلىرىمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلسۇن. بۇ ئايەت ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بوھتانغا ئورتاقلىشىپ قالغان مىستەھكە سەدىقە قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلغان ۋاقىتتا نازىل بولغان.

(23) شەكسىزكى مۇئمىن ئاياللار پەرۋا قىلمايدىغان پاھىشىدىن بىخەۋەر، ئىپپەتلىك ئاياللارغا بوھتان قىلغانلار بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلار كاتتا ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

(24) بۇ ئازاب ئۇلارغا قىيامەت كۈنى بولىدۇ، ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ تىللىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئاساسسىز يالغاننى سۆزلىگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، قول - پۇتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.

(25) ئۇ كۈندە ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ئۇلارنىڭ جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان بارلىق خەۋەر، ۋەدە ۋە تەھدىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوپئوچۇق، شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

(26) ئەر ۋە ئاياللاردىن، گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەردىن ھەر قانداق ناچىرى ئۆزىگە ئوخشاش ناچارغا مۇناسىپتۇر، بۇلاردىن ھەر قانداق ياخشىسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىغا مۇناسىپتۇر. ئاشۇ پاك ئەر ۋە ئاياللار ناچار ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە دېگەنلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى باركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل رىزىقمۇ بار.

(27) ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئۆي ئىگىلىرىدىن رۇخسەت سوراپ، ئۇلارغا سالام بەرمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار. ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراش: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، كىرسەم بولامدۇ؟ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. سىلەر بۇيرۇلغان بۇ رۇخسەت سوراش ئۇشتۇمتۇت كىرگىنىڭلاردىن ياخشىراقتۇر. بۇيرۇلغاننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلغايسىلەر.

(28) ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئادەم بولمىسا، ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىش سالاھىيتى بار كىشىلەردىن بىرەرسى كىرىشىڭلارغا رۇخسەت قىلمىغۇچە ئۆيگە كىرمەڭلار. ناۋادا سىلەرگە ئۆينىڭ ئىگىلىرى: قايتىپ كېتىڭلار، دېسە، كىرمەي قايتىپ كېتىڭلار. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(29) بىرەرسىنىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇسى بولمىغان، ئومۇمىي مەنپەئەت ئۈچۈن تەييارلانغان ئىشخانا ۋە بازارلاردىكى دۇكانلارغا ئوخشاش ئاممىۋىي ئورۇنلارغا رۇخسەتسىز كىرسەڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ۋە ئەھۋالىڭلاردىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇلاردىن ھېچبىرى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(30) ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ئۇلار قاراشقا بولمايدىغان ئاياللارغا ۋە ئەۋرەتلەرگە قاراشتىن ساقلانسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ۋە ھارامنى ئىزدەشتىن ساقلىسۇن. ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرگە قاراشتىن توختاش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ پاكلىقتۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(31) مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، قاراش ھالال بولمايدىغان ئەۋرەتلەرگە قارىمىسۇن، زىنايى - پاھىشىدىن يىراق تۇرۇش ۋە يۆگىنىش ئارقىلىق ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن، سىرتقى كىيىملەرگە ئوخشاش يوشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق زىننەتلىرىدىن باشقا جايلىرىنى يات ئەرلەرگە ئاشكارىلىمىسۇن، چاچلىرىنى، يۈزلىرىنى ۋە بويۇنلىرىنى يېپىش ئۈچۈن روماللىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلىسۇن. ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېينئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ئىشەنچلىك ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى قۇل-دېدەكلەردىن، (قېرىپ كەتكەنلىكتىن) ئاياللارغا قىزىقمايدىغان خىزمەتكارلاردىن، كىچىكلىكىدىن ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقىلارغا ئىچكى زىننەتلىرىنى كۆرسەتمىسۇن، ئاياللار پۇتىغا سالىدىغان زەنجىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان زىننەتلىرىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن. ئەي مۇئمىنلەر! (ھارام قىلىنغان جايلارغا) قاراپ سالغان ۋە باشقا گۇناھلارنى قىلىپ سالغان بولساڭلار، ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلاركى، كۆزلىگەن مەقسىتىڭلارغا يېتىپ، ئەنسىرىگە ئاقىۋەتتىن قۇتۇلغايسىلەر.

(32) ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىكى ئايالى يوق ئەرلەرنى ۋە ئېرى يوق ئاياللارنى ئۆيلەپ قويۇڭلار، قۇل - چۆرىلىڭلاردىنمۇ مۇئمىن بولغانلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بوپقالسا، ئاللاھ تائالا چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق ئۇلارنى باي قىلىدۇ. ئاللاھ كەڭرى رىزىق بەرگۈچىدۇركى، ئۇنىڭ رىزقى ھېچكىنىڭ بايلىقىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

(33) يوقسۇللۇقتىن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار تاكى ئاللاھ چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق باي قىلغانغا قەدەر زىنادىن ساقلانسۇن. قۇللار ئىچىدىن ئازات قىلىنىش بەدىلىگە خوجايىنلىرىغا مال بېرىش تەكلىپىنى بەرگەنلەرگە كەلسەك، خوجايىنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پۈتۈشكەن مالنى ئادا قىلالايدىغانلىقىنى ھەم دىندارلىقىنى بىلسە ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسۇن، شۇنداقلا قۇللىرى بىلەن پۈتۈشكەن مالنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆتۈۋېتىش ئارقىلىق ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مال - دۇنيادىن ئۇلارغىمۇ ئاز - تولا بەرسۇن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، دېدەكلىرىڭلارنىڭ ئىپپىتىنى سېتىش بەدىلىگە پۇل - مال تېپىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىنايى - پاھىشىگە زورلىماڭلار. ئۆز ۋاقىتدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىپپىتىنى ساقلاپ، زىنايى - پاھىشىدىن يىراق تۇرماقچى بولغان ئىككى دېدىكىگە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇلارنى شۇنداق ئىشقا زورلايدىكەن، ئۇلار مەجبۇرلانغان بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇلار مەجبۇرلانغانلار بولۇپ، گۇناھ پەقەت مەجبۇرلىغۇچىلارغا بولىدۇ.

(34) ئەي ئىنسانلار! بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ھېچ قانداق شەك بولمىغان روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، يەنە سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئمىنلەر ۋە كاپىرلارنىڭ مىساللىرىنى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق پەرۋەردىگاىغا تەقۋادار بولغانلار ئىبرەت ئالىدىغان ۋەز - نەسىھەتلەرنى نازىل قىلدۇق.

(35) ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ئۆز يولىنى كۆرسەتكۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىننىڭ قەلبىدىكى نۇرىنىڭ مىسالى چىراق قويىدىغان تەكچىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق گوياكى نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش پارلاپ تۇرغان شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. چىراققا مۇبارەك دەرەخ زەيتۇننىڭ مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ، ئۇ دەرەخنى ئەتىگەندىمۇ، كەچتىمۇ قۇياش نۇرىدىن ھېچنەرسە توسۇۋالمايدۇ، ئۇنىڭ مېيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن ئوت تەگمىسىمۇ يېنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ - يۇ، ناۋادا ئوت تەگسە قانداق بوپ كېتەر؟ ھىدايەت نۇرى چاقنىغان چاغدىكى مۇئمىننىڭ قەلبىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى قۇرئانغا ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ھەمجىنسلىرىغا ئوخشىتىپ مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(36) بۇ چىراق ئاللاھ تائالا قەدىرلىنىشكە ۋە قۇرۇلمىلىرى يۈكسەك قىلىنىشقا بۇيرۇغان مەسجىدلەردە يېقىلىدۇكى، ئۇ مەسجىدلەردە ئەزان - تەكبىر، زىكىر - تەسبىھ ۋە نامازلار بىلەن ئاللاھنىڭ نامى ياد ئېتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ئەتىگەن - كەچلەردە ناماز ئوقۇلىدۇ.

(37) ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا - سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىشتىن زاكاتنى ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىشتىن بىخۇت قىلمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ، بۇ كۈندە دىللار بىر تەرەپتىن ئازابتىن قۇتۇلۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئازابتىن قورقۇش ئارىسىدا داۋالغۇپ تۇرىدۇ، كۆزلەرمۇ قەيەرگە تىكىلسە ئالا چەكمەن بوپكېتىدۇ.

(38) ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ساۋاب بېرىشىنى، ئۆز پەزلىدىن مۇكاپاتنى ئاشۇرۇپ بېرىشىنى كۆزلەپ ئەمەل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىگە قانچىلىك ئەمەل قىلغىنىنى ھېسابلاپ ئولتۇرماي، ئۇلارنىڭ قىلغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ كۆپ رىزىق بېرىدۇ.

(39) ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھېچقانداق ساۋاب بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشاش بولۇپ، قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئادەم ئۇنى كۆرسە سۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ - دە، شۇ تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، لېكىن يېنىغا بارغىنىدا ئۇ يەردە سۇنى تاپالمايدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۆلۈپ، قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپالمايدۇ، ئەمما ئالدىدا پەرۋەردىگارىنى تاپىدۇكى، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەمىلىدىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

(40) ياكى كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرى دولقۇن قاپلىۋالغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاتمۇقات قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇكى، ئۇ دولقۇننىڭ ئۈستىدە يەنە دولقۇن بار، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە يۇلتۇزلارنى توسىۋالغان بۇلۇت بار بولۇپ، بۇ قاراڭغۇلۇقلار ئۈستى - ئۈستىلەپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. بۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قالغان ئادەم قولىنى چىقارسا، قاراڭغۇلۇقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن قولىنى كۆرەلمىگىلى تاس قالىدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى نادانلىق، ئارىسالدىلىق، تېڭىرقاش ۋە قەلبى مۆھۈرلىنىشتىن ئىبارەت قاتمۇقات زۇلمەتلەر ئورىۋالغاندۇر. ئاللاھ كىمنى ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە چىقىرىپ، كىتابىنى بىلدۈرمىسە، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھىدايەت ۋە يولىنى يورۇتىدىغان كىتاب بولمايدۇ.

(41) ئەي پەيغەمبەر! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ، ھاۋا بوشلۇقىدا قاناتلىرىنىڭ كېرىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئاللاھ تائالا ئاشۇ مەخلۇقاتلار ئىچىدىن ئىنسانغا ناماز ئوقۇشنى، قۇشلارغا تەسبىھ ئېيتىشنى ئۆگەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(42) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، پۈتۈن خالايىقلارنىڭ قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىدىغان جايى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.

(43) ئەي پەيغەمبەر! كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن پارچە - پارچە بۇلۇتلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ جۇغلايدۇ. نەتىجىدە شۇ بۇلۇتلارنىڭ ئىچىدىن يامغۇر چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ تائالا چوڭلۇقتا تاغقا ئوخشاش، قويۇق بۇلۇتلاردىن ئۇششاق شىغىلغا ئوخشاش مۆلدۈرلەرنى ياغدۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ مۆلدۈرنى بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىگە ئاپەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىدىن ئاپەتنى قايتۇرىدۇ. بۇلۇتتىن چىققان چاقماقنىڭ نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن كۆزلەرنى كور قىلىۋەتكىلى تاسلا قالىدۇ.

(44) ئاللاھ تائالا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئۇزۇن - قىسقا بولۇشتا ۋە كېلىپ - كېتىشتە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى بۇ ئايەتلەردە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن پەند - نەسىھەت، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئالامەتلەر بار.

(45) ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق جاندارلارنى مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يىلانغا ئوخشاش قورسىقىدا ئۆمىلەپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار، ئىنسان ۋە قۇشلارغا ئوخشاش ئىككى پۇتلاپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار، چارىپايلارغا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان جانىۋارلاردىن خالىغىنىنى يارىتىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.

(46) ھەقىقەتەن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلچە شەك بولمىغان، روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھېچقانداق ئەگرىلىك بولمىغان ھەق يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاندىن شۇ يول ئۇ كىشىنى جەننەتكە يەتكۈزىدۇ.

(47) مۇناپىقلار: بىز ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھقا ھەم ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىر ئوچۇمى يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە باشقا ئەمەللەر ھەققىدىكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئىتائىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ ئادەملەر ھەر قانچە ئۆزلىرىنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ مۇئمىن ئەمەس.

(48) بۇ مۇناپىقلار ئۆزئارا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىشلىرىدا پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈم قىلىپ قويۇشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا بۇ ھەقتە دەتالاش قىلىشىدۇ. ئۇلار مۇناپىقلىقى تۈپەيلىدىن پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.

(49) ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى توغرا چىقىدىغانلىقىنى ھەم پەيغەمبەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا بويسۇنغان، باش ئەگكەن ھالدا كەلگەن بولاتتى.

(50) ئۇلارنىڭ دىللىرىغا چاپلاشقان مۇناپىقلىق كېسىلى بارمۇ ياكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكۈمدە ئۇلارغا ئادىللىق قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەنلەردىن ھېچبىرى بولغان ئىش يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈپ، بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دىللىرىدىكى كېسەللىك سەۋەبلىك شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.

(51) پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە چاقىرىلسا مۇئمىنلەر پەقەت: ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشى كېرەك. مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.

(52) كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقىدىكەن، ئەنە شۇ كىشىلەرلا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر.

(53) مۇبادا سەن مۇناپىقلارنى جىھادقا چىقىشقا بۇيرۇساڭ، ئۇلار چوقۇم چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن كۈچلۈك قەسەملەر بىلەن ئېغىزىغا پېتىشىچە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلار ھەممىگە مەلۇم، ساختا ئىتائىتىڭلارمۇ مەلۇم. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ھەر قانچە يوشۇرساڭلارمۇ ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېگىن.

(54) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇناپىقلارغا ئېيتقىنكى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ناۋادا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقتىن باش تارتساڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يەتكۈزۈش، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار بولسا بۇيرۇلغانغا ئىتائەت قىلىش ھەمدە پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەنگە ئەمەل قىلىشتۇر. ئەگەر سىلەر پەيغەمبەر قىلىشقا بۇيرۇغاننى قىلىپ، چەكلىگەننى قىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار توغرا يولنى تاپالايسىلەر. پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. ئۇنىڭ سىلەرنى ھىدايەتكە ئېلىپ مېڭىش ۋە مەجبۇرلاش ۋەزىپىسى يوق.

(55) ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ياردەم بېرىدىغانلىقى، ئىلگىرىكى مۇئمىنلەرنى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار قىلغاندەك ئۇلارنىمۇ ئورۇنباسار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلدى، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىن بولغان ئىسلام دىنىغا قۇدرەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، مۇئمىنلەرنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. مۇئمىنلەر پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن، ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن. كىمكى مۇشۇنچىۋالا نېئمەتلەرگە ئېرىشىپ تۇرۇپ كۇپۇرلۇق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.

(56) ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، پەيغەمبەر سىلەرنى قىلىشقا بۇيرۇغاننى قىلىڭلار، چەكلىگەننى قىلماڭلاركى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغايسىلەر.

(57) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئاللاھ ئازاب چۈشۈرمەكچى بولسا ئۇلارنى ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ، دەپ قالمىغىن. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، بارار جايى جەھەننەم بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق ھە!

(58) ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇل - چۆرىلىرىڭلار ۋە بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، ھۆر بالىلىرىڭلار مۇنداق ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن رۇخسەت سورىسۇن: (بىرىنچىسى) بامدات نامىزىدىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولۇپ، بۇ سىلەرنىڭ ئويغاق ھالىتىڭلاردا كىيىدىغان كىيىمىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇخلاش كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتۇر. (ئىككىنچىسى) چىڭقى چۈش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سىلەر چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سېلىۋېتىسىلەر. (ئۈچىنچىسى) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنكى ۋاقىت بولۇپ، چۈنكى بۇ ۋاقىت سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ ئۇخلايدىغان ۋاقتىڭلاردۇر. بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان) ۋاقىتلاردۇركى، بۇ ۋاقىتلاردا سىلەردىن رۇخسەت سورىماي تۇرۇپ يېنىڭلارغا ھېچكىم كىرمىسۇن. مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا چاغدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار يېنىڭلارغا رۇخسەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدىغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا رۇخسەتسىز كىرىشتىن چەكلەنسە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، يولغا قويغان ئەھكاملارغا دەلىل بولىدىغان ئايەتلەرنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

(59) كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەت يېشىغا يەتكەندە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولسا چوڭلارغا ئوخشاش رۇخسەت سورىسۇن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، ئايەتلىرىنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر

(60) يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيزدىن ۋە تۇغۇتتىن قېپقالغان ھەمدە نىكاھلىنىش خىيالى يوق ياشانغان ئاياللار يېپىشقا بۇيرۇلغان ئىچكى زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئاساستا پىلاش، چۈمبەل دېگەندەك بىر قىسىم تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ يۆگىنىش ۋە ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئاشۇ كىيىملىرىنى سېلىۋەتكىنىدىن كۆپ ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(61) كۆرمەس بوپقالغان ئەما، توكۇر ۋە كېسەللەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى ئورۇندىيالمىسا گۇناھ بولمايدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، دادىلىرىڭلارنىڭ، ئانىلىرىڭلارنىڭ، قىز - ئوغۇل قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ، تاغا ۋە ھاممىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قاراپ قويۇشۇڭلار ھاۋالە قىلىنغان ئۆيلەردىن، ئادەتتە سىلەر بىر نەرسىسىنى يېسەڭلار رازى بولىدىغان دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن يەپ - ئىچكىنىڭلارغا قارىتا گۇناھكار بولمايسىلەر. مەيلى سىلەر توپلىشىپ يەڭلار ياكى يالغۇز يەڭلار، سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆيلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولغىنىڭلاردا ئۆيدىكىلەرگە: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، دەپ سالام بېرىڭلار. ئەگەر ئۆيدە ھېچكىم بولمىسا: بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە سالام بولسۇن، دەپ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىڭلار. بۇ ئاللاھ تەرەپتىن يولغا قويۇلغان بەرىكەتلىك سالامدۇركى، ئاراڭلاردا دوستلۇق ۋە مېھىر - مۇھەببەت تارقىتىدۇ، ئۇنى ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ. بۇ سۈرىدە ئىلگىرى ئۆتكەن بۇ كونكرېت بايانلارغا ئوخشاش، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايەتلىرىنى كونكرېت بايان قىلىدۇ.

(62) شەكسىزكى ئىمانىدا سەمىمىي بولغان مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇركى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىش ئۈستىدە جەم بولغان چاغلىرىدا قايتىپ كەتمەكچى بولسا، (پەيغەمبەردىن) رۇخسەت سورىمىغۇچە قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى قايتماقچى بولغاندا سەندىن رۇخسەت سورايدىغان كىشىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولۇپ، ناۋادا ئۇلارنىڭ بىرەر مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىپ سەندىن رۇخسەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە رۇخسەت بېرىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسەڭ بولىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.

(63) ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھۆرمەتلەڭلار. ناۋادا ئۇنى چاقىرماقچى بولساڭلار، بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغىنىڭلارغا ئوخشاش: ئەي مۇھەممەد! دەپ ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ياكى: ئەي ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى! دەپ دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇدۇللا چاقىرماي، ئەي رەسۇلۇللاھ ياكى ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ چاقىرىڭلار. ناۋادا ئۇ سىلەرنى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك چاقىرسا، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئۆز ئاراڭلاردىكى بىر قىسىم ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماڭلار، ئەكسىچە ئۇنىڭغا دەرھال ئاۋاز قوشۇڭلار. ئاللاھ ئاراڭلاردىن رۇخسەتسىز غىپپىدە تىكىۋېتىدىغانلارنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بىرەر خاپىلىق ۋە مۇسىبەت كەلتۈرۈشىدىن ياكى چىدىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بىئارام قىلىدىغان ئازاب كەلتۈرۈشىدىن پەخەس بولسۇن.

(64) بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە پىلانلاش جەھەتلەردە يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ بارچە ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇكى، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئەھۋالىڭلار ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ. قىيامەت كۈنى -ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ ئۇنىڭ دەرگاھىدا قايتىپ بارغانلىرىدا- ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.