74 - سۈرە مۇدەسسىر ()

|

(1) ئى كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى! (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى).

(2) دەس تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر!

(3) پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا!

(4) نەپسىڭنى گۇناھلاردىن، كىيىمىڭنى نىجاسەتلەردىن پاك تۇت!

(5) بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق تۇر!

(6) سالىھ ئەمەللەرنى كۆپ قىلغانلىقىڭنى تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگارىڭغا مىننەت قىلما!

(7) دەۋەت يولىدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە ئاللاھ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن!

(8) ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغان ۋاقىت، ئۇ ناھايىتى قىيىن كۈندۇر.

(9) ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغان ۋاقىت، ئۇ ناھايىتى قىيىن كۈندۇر.

(10) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا بۇ كۈن ئاسان ئەمەس.

(11) ئى پەيغەمبەر! مەن ئانىسىنىڭ قارنىدا مال - دۇنياسىز، بالا - چاقىسىز، يالغۇز ياراتقان ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرەنى ماڭا قويۇپ قويغىن!.

(12) ئۇنىڭغا كۆپ مال-دۇنيا ئاتا قىلدىم.

(13) ئۇنىڭغا يېنىدا بىللە تۇرىدىغان، تۈرلۈك يىغىلىشلارغا بىللە بارىدىغان، مال - مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىدىن سەپىرى كۆپ بولغاچقا يېنىدىن ئايرىلمايدىغان ئوغۇللارنى بەردىم.

(14) ئۇنىڭغا كەڭ - تاشا تۇرمۇش، كۆپ رىزىق ۋە بالا - چاقىلارنى بەردىم.

(15) ئاندىن ئۇ ماڭا كاپىر بولۇپ تۇرۇپ يەنە مېنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ.

(16) ئىش ئۇنىڭ خىيال قىلغىنىدەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقتى.

(17) مەن ئۇنىڭغا چوقۇم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئېغىر ئازابنى تېتىتىمەن.

(18) ھەقىقەتەن مەن ئاشۇ نېئمەتلەرنى ئىنئام قىلغان بۇ كاپىر قۇرئاننىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە دېيىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، كۆڭلىدە پىلان تۈزدى.

(19) لەنەت ۋە ئازاب بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟

(20) ئاندىن يەنە لەنەت ۋە ئازاب بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟

(21) ئاندىن ئۇ نېمە دېيىش ھەققىدە قايتىدىن چوڭقۇر ئويلاندى.

(22) ئاندىن قۇرئاندىن قۇسۇر تاپالمىغىنىدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.

(23) ئاندىن ئىماندىن يۈز ئۆرۈدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى.

(24) ئۇ: مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن بۇ سۆز ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇ باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سېھىردۇر.

(25) بۇ ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ سۆزىدۇر، دېدى.

(26) مەن بۇ كاپىرنى ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان سەقەر دېگەن دوزخقا تاشلايمەن.

(27) ئى مۇھەممەد! سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

(28) سەقەر ئۆزىدە ئازابلانغان ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاندىن (كۆيگەن بەدەنلەر) ئەسلىگە قايتىدۇ، ئاندىن سەقەر ئۇنى يەنە كۆيدۈرىدۇ. (سەقەردىكى ئازاب) ئەنە شۇنداق داۋاملىشىدۇ.

(29) كۆيدۈرۈش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تېرىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

(30) ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا 19پەرىشتە مۇئەككەل قىلىنغاندۇر.

(31) بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭغا تاقەت كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەبۇ جەھىل يالغان ئېيتتى، ئۇ (مۇشۇ ئايەتنى ئاڭلىغان) چاغدا چوقۇم ئۆزى ۋە قەۋمى بىرلىشىپ دوزخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن دوزاختىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. بىز ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ مۇشۇ سانىنى پەقەت ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ ئېغىزىغا كەلگەننى دەپ بېقىشلىرى ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ. بۇ يەنە تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملەرنى تەستىقلىغان ھالدا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە چىنپۈتۈشى ئۈچۈن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەھلى كىتابنىڭمۇ ئۆزلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى كۆرگەندە ئىمانى زىيادە بولۇشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇئمىنلەرنىڭ شەكلەنمەسلىكى ۋە ئىماندا ئىككىلىنىپ قالغۇچىلار بىلەن كاپىرلارنىڭ: ئاللاھ بۇ يوچۇن سان بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟ دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ساننى ئىنكار قىلغۇچىنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مىسال قىلدى. ئاللاھ ئازدۇرۇشنى خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پەۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنى بەك كۆپ بولغاچقا ئۇنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ. شۇڭا كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئىنكار قىلىش تەرىقىسىدە: (مۇھەممەدنىڭ پەقەت 19 ياردەمچىسىلا بار)، دېگەن ئەبۇ جەھل بىلىپ قالسۇن. دوزاخ ئىنسانىيەت ئۈچۈن پەقەت بىر نەسىھەتتۇركى، ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىدۇ.

(32) ئەمەلىيەت مۇشرىكلاردىن بىرىنىڭ ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ دوزاخ مۇئەككەللىرىگە تېتىيالايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغىنىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئاللاھ ئاي بىلەن قەسەم قىلدى.

(33) ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.

(34) ئوچۇق يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلدى.

(35) ھەقىقەتەن دوزاخ كاتتا بالايى - ئاپەتلەردىن بىرىدۇر.

(36) ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە قورقۇتقۇچىدۇر.

(37) ئى ئىنسانلار! سىلەردىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى ياكى كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق بىلەن (دوزاخقا) چېكىنىشنى خالىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.

(38) ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغان بولۇپ، يا ئۇنى ئەمەللىرى ھالاك قىلىدۇ، ياكى ئۇنى ئەمەللىرى ھالاكەتتىن خالاس قىلىپ، قۇتۇلدۇرىدۇ.

(39) پەقەت مۇئمىنلەرلا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەمەللىرى تۈپەيلىدىن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

(40) ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتلەردە: گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان كاپىرلار ھەققىدە بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ.

(41) ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتلەردە: گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان كاپىرلار ھەققىدە بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ.

(42) ئۇلارغا: سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نەرسە نېمە؟ دەيدۇ.

(43) كاپىرلار ئۇلارغا جاۋابەن دەيدۇكى، بىز دۇنيا ھاياتىمىزدا پەرز نامازلارنى ئادا قىلمىغان ئىدۇق.

(44) ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان مال-دۇنيادىن كەمبەغەللەرگە تائام بەرمىگەن ئىدۇق.

(45) خاتا يولدىكىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ - قوپۇپ، گۇمراھ ، ئازغۇنلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولاتتۇق.

(46) بىز جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق.

(47) ھەتتا بىزگە ئۆلۈم كەلگەندە قەدەر ئىنكارچىلىقتا ئەزۋەيلىدۇق. نەتىجىدە بىز بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسى توسالدى.

(48) قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ كىشىلەردىن ئىبارەت شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتىنىڭمۇ ئۇلارغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى شاپائەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى شاپائەت قىلىنغۇچىدىن ئاللاھنىڭ رازى بولۇشىدۇر.

(49) بۇ مۇشرىكلارنى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈتكەن نەرسە زادى نېمە؟

(50) ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، قېچىشتا گوياكى يولۋاستىن ئۈركۈپ ناھايىتى تېز قاچقان ياۋا ئېشەكلەرگە ئوخشايدۇ.

(51) ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، قېچىشتا گوياكى يولۋاستىن ئۈركۈپ ناھايىتى تېز قاچقان ياۋا ئېشەكلەرگە ئوخشايدۇ.

(52) بەلكى بۇ مۇشرىكلاردىن ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان، ئوچۇق بىر كىتاب بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دەلىل پاكىتلارنىڭ ئازلىقى ياكى ئاجىزلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ۋە تەكەببۇرلىقىدىندۇر.

(53) ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئېشىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئاخىرەتتىكى ئازابقا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كۇپۇرلۇقىدا ئىزچىل تۇرغانلىقىدۇر.

(54) بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان پەند - نەسىھەتتۇر.

(55) كىمكى قۇرئاننى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئېلىشنى خالىسا، ئۇنى ئوقۇپ، پەند - نەسىھەت ئالسۇن.

(56) ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا پەند - نەسىھەت ئالالايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاھ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىشقا، بەندىلىرى تەۋبە قىلسا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر.