(1) جازا - مۇكاپات بېرىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئادەمنى بىلدىڭمۇ؟
(2) ئۇ يېتىمنى قوپاللىق بىلەن يېنىدىن قوغلايدىغان ئادەمدۇر.
(3) ئۇ نە ئۆزىنى، نە باشقىلارنى يوقسۇلغا تاماق بېرىشكە ئۈندىمەيدۇ.
(4) ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتە بولۇپ، ھەتتا نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدۇ.
(5) ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتە بولۇپ، ھەتتا نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدۇ.
(6) ئۇلارنى نامازلىرىنى ۋە باشقا ئەمەللىرىنى كۆز - كۆز قىلىدۇ، ئەمەلنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلمايدۇ.
(7) باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە ھېچبىر زىيان بولمىسىمۇ، ئۇلار باشقىلارغا ياردەم بەرگىلى ئۇنىمايدۇ.