53 - سۈرە نەجم ()

|

(1) ئاللاھ تائالا ساقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرا يولدىن ئېغىپ كەتمىدى، گۇمراھ بولمىدى. ئۇ توغرا يولدا ئىدى.

(3) ئۇ، بۇ قۇرئان بىلەن نەپسى - خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.

(4) بۇ قۇرئان پەقەت ۋەھىيدۇركى، ئاللاھ ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھىي قىلىدۇ.

(5) ۋەھىينى ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تەلىم بەردى.

(6) جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتى گۈزەل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا ئاللاھ ياراتقان ئەسلىي شەكىلدە كۆرۈندى.

(7) جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا

(8) ئاندىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىشىپ، تۆۋەنگە چۈشتى.

(9) ئۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىلىقى ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق ئىدى.

(10) ئاللاھ تائالا بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق تېگىشلىك ۋەھىيلەرنى نازىل قىلدى

(11) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى كۆزى كۆرگەننى ئىنكار قىلمىدى.

(12) ئەي مۇشرىكلار! ئىسرا كېچىسىدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن نەرسىلەر توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلامسىلەر؟

(13) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئىسرا كېچىسى يەنە بىر قېتىم ئەسلىي كۆرۈنۈشىدە كۆردى

(14) ئۇنى سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا كۆردى، سىدرەتۇلمۇنتەھا يەتتىنچى ئاسماندىكى ئىنتايىن چوڭ دەرەختۇر.

(15) جەننەتۇلمەئۋا ئاشۇ دەرەخنىڭ يېنىدىدۇر.

(16) ئاللاھقا تەئەللۇق بولغان كاتتا بىر نەرسە سىدرەتۇلمۇنتەھانى ئورىۋالدى. ئۇ نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ.

(17) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئوڭ - سولغا بۇرالمىدى، چەكتىنمۇ ئۆتۈپ كەتمىدى.

(18) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى، يەنى جەننەتنى، دوزاخنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆردى.

(19) ئەي مۇشرىكلار! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ!؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار، يەنى لات، ئۇززا ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان مانات سىلەرگە پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟

(20) ئەي مۇشرىكلار! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ!؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار، يەنى لات، ئۇززا ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان مانات سىلەرگە پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟

(21) ئەي مۇشرىكلار! ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللار سىلەرگە، ياقتۇرمايدىغان قىزلار ئاللاھقا خاسمۇ؟

(22) سىلەر ئۆز خاھىشىڭلار بىلەن بۆلگەن بۇ تەقسىمات ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر.

(23) بۇ بۇتلار پەقەت قۇرۇق نامدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلچە ئىلاھلىق سالاھيىتى يوق. سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆزۈڭلارچە شۇنداق ئاتىۋالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق. مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا پەقەت گۇمانغا ۋە شەيتان كۆڭۈللىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىگىلا تايىنىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھىدايەت كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت تاپمىدى.

(24) بۇتلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشامدۇ؟

(25) ياق، ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولىدىغان ئىش يوق. ئاخىرەت ھەم بۇ دۇنيا يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئۇ ئۇلاردىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خالىغان كىشىگە بەرمەيدۇ.

(26) ئاسمانلاردا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر بار، ئەگەر شۇلارمۇ بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلماقچى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان بىرىگە شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغۇچە ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچنىمگە ئەسقاتمايدۇ.

(27) ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيدىغانلار پەرىشتىلەرنى ئۆزلىرىچە ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قاراپ چىشى نامى بىلەن ئاتايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر.

(28) ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ ئاتىشىدا ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار بۇنىڭدا پەقەت پەرەز ۋە گۇمانغىلا تايىنىدۇ. ھەقىقەتەن گۇمان ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى بېسىشى تۈگۈل، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ.

(29) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ زىكرى (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلەيدىغان، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلمايدىغانلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.

(30) بۇ مۇشرىكلار دەۋاتقان پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ ئاتاشتىن ئىبارەت ئۇ گەپ بولسا ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يېتىپ بارالىغان ئەڭ يۇقىرى چەك شۇ. چۈنكى ئۇلار نادان، ئىشەنچلىك ئىلىمگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەق يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ئۆز يولى تەرەپكە ماڭغانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(31) ئاسمانلاردىكى نەرسىلەرمۇ، زېمىندىكى نەرسىلەرمۇ ئىگىداراچىلىق قىلىش، يارىتىش ۋە پىلانلاش جەھەتلەردە يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇر. (بۇنداق بولۇشى) دۇنيادا يامان ئەمەل قىلغانلارغا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىش، ياخشى ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.

(32) مۇئمىنلەر چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. لېكىن كىچىك گۇناھلار چوڭ گۇناھلارنى تەرك ئېتىش ۋە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرىتى چەكسىز زات بولۇپ، بەندىلىرى تەۋبە قىلغان ھامان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقاندىن تارتىپ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورسىقىدا ھامىلدار بولۇپ، باسقۇچمۇ-باسقۇچ يارىتىلىشىڭلارغىچىلىك پۈتۈن جەرياندىكى ئەھۋالىڭلارنى ۋە بارلىق ھالىتىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈڭلارنى تەقۋادارلىق بىلەن ماختىماڭلار. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ.

(33) ئىسلامغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمنىڭ قەبىھ قىلمىشىنى كۆردۈڭمۇ؟

(34) ئۇ مالدىن كىچىككىنە بېرىپ، كېيىن بەرگىلى ئۇنىمىدى. چۈنكى بېخىللىق ئۇنىڭ خاراكتېرى ئىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ يەنە ئۆزىنى ئاقلايدۇ.

(35) ئۇ غەيبنى بىلىدىغان بولۇپ، شۇڭا (كەلگۈسىنى) كۆرۈپ غەيبتىن سۆز ئېچىۋاتامدۇ؟

(36) ياكى ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىمۇ؟ يا بولمىسا ئاللاھقا توقۇلغان بۇ يالغانلار ئاللاھ مۇساغا نازىل قىلغان ئىلگىرىكى سەھىپىلەردە خەۋەر قىلىنماي قالغانمۇ؟

(37) پەرۋەردىگارى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنمىغانمۇ؟

(38) ھەقىقەتەن ھېچكىم باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.

(39) ئىنسانغا پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى بولىدۇ.

(40) ئۇ كىشى ھەقىقەتەن دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى قىيامەت كۈنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ.

(41) ئاندىن ئۇنىڭ ئەمىلىنىڭ جازا - مۇكاپاتى قىلچە كېمەيتىلمەي، تولۇق بېرىلىدۇ.

(42) ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.

(43) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى خۇشال قىلىپ كۈلدۈرىدۇ، خالىغان كىشىنى قايغۇغا سېلىپ يىغلىتىدۇ.

(44) ئاللاھ ھەقىقەتەن دۇنيادا ھاياتلارنى ئۆلتۈرىدۇ، قىيامەت ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ.

(45) ئاللاھ تائالا ئەركەك - چىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ياراتتى.

(46) ئايالنىڭ رەھمىگە قويۇلغان مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتتى.

(47) ئۇلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم يارىتىش يەنە ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر.

(48) ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى مال - دۇنياغا ئىگە قىلىپ باي قىلغان بولسا، ئىنسانلار مال - دۇنيادىن قولغا كەلتۈرگەن ئازغىنە نەرسە بىلەنمۇ مەمنۇن قىلىدۇ.

(49) ئاللاھ، بەزى مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلىپ چوقۇنۇۋاتقان شىئرا يۇلتۇزىنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر.

(50) ھۇدنىڭ قەۋمى بولغان قەدىمكى ئاد ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان بولغاچقا ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

(51) سالىھنىڭ قەۋمى بولغان سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلىپ، ئۇلاردىن ھېچ كىمنى قالدۇرمىدى.

(52) ئاد ۋە سەمۇدتىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدى. نۇھنىڭ قەۋمى ھەقىقەتەن ئاد ۋە سەمۇدتىنمۇ ئەشەددىي زالىم ۋە ئىنتايىن ھەددىدىن ئاشقان قەۋم ئىدى. چۈنكى نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 950 يىل تۇرۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان ئىدى.

(53) ئاللاھ تائالا لۇت قەۋمى ياشايدىغان شەھەرنى ئېگىز كۆتۈرگەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى.

(54) ئۇنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈم كۆمتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۈستىگە تاش ياغدۇردى.

(55) ئەي ئىنسان! پەرۋەردىگارىڭنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىن قايسى ھەققىدە دەتالاش قىلىپ، پەند - نەسىھەت ئالمايسەن؟

(56) سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ پەيغەمبەرمۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىندۇر.

(57) قىيامەت يېقىنلاشتى.

(58) ئۇنى توسۇپ قالغۇچىمۇ يوق، ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭدىن خەۋەردار بىرىمۇ يوق.

(59) سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟

(60) قۇرئاننى مەسخىرە قىلىپ كۈلەمسىلەر؟ ئۇنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ يىغلىمامسىلەر؟

(61) سىلەر ئۇنىڭدىن غاپىل بولۇپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايسىلەر.

(62) يالغۇز بىر ئاللاھقىلا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەتنى ئۇنىڭغا خالىس قىلىڭلار.