91 - سۈرە شەمس ()

|

(1) ئاللاھ تائالا قۇياش بىلەن قەسەم قىلدى، شۇنداقلا قۇياش مەشرىق تەرەپتىن چىققاندىن كېيىنكى كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) قۇياش پاتقاندىن كېيىنلا چىققان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلدى.

(3) نۇرى ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاشكارا قىلغان ۋاقىتتىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى.

(4) يەر يۈزىنى يېپىپ، قاراڭغۇ قىلىۋەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.

(5) ئاسمان بىلەن ھەمدە ئاسماننى پۇختا بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلدى.

(6) زېمىن بىلەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن يېيىلىشى بىلەن قەسەم قىلدى.

(7) ھەر قانداق جان بىلەن ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقانلىقى بىلەن قەسەم قىلدى.

(8) ئاللاھ تائالا نەپسكە نېمىنىڭ ساقلىنىشقا تېگىشلىك يامان ئىش، نېمىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەلىم - تەربىيەسىز چۈشەندۈردى.

(9) ئۆز نەپسىنى پەزىلەتلىك ئىشلار بىلەن زىننەتلەپ، رەزىللىكلەردىن تازىلاش ئارقىلىق پاكلىغان كىشى مەقسىتىگە چوقۇم يېىتدۇ.

(10) نەپسىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمدۈرۈش بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.

(11) سەمۇد گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىش ئارقىلىق پەيغەمبىرى سالىھنى ئىنكار قىلدى.

(12) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى قەۋمىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئورنىدىن تۇردى.

(13) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ تۆگىسىنى ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە سۇ ئىچكىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دېدى.

(14) ئاندىن ئۇلار بۇ تۆگىنىڭ ئىشىدا پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆگىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى ئۆلتۈرۈۋەتتى، باشقىلار بولسا ئۇنىڭ قىلغىنىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھتا ئورتاق بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى چۈشۈردى. يەنى ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئوخشاشلا ھالاكەت جازاسى بەردى.

(15) ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چۈشۈرگەن ھالاك قىلىش ئازابىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن قورقمايدۇ.