(1) .پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا
(2) يۇلتۇزلار چېچىلغان ھالەتتە تۆكۈلگەن چاغدا.
(3) دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ، ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا.
(4) ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان چاغدا.
(5) ئاشۇ چاغدا ھەر كىم ئىلگىرى قىلغان ھەمدە قىلماي قالغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ.
(6) ئەي پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ئىنسان! سېنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا نېمە مەجبۇرلىدى؟ ئۆز ۋاقىتدا ئۇ ساڭا مۆھلەت بېرىپ، مەرھەمەت يۈزىسىدىن سېنى جازالاشقا ئالدىرىمىغان ئىدىغۇ!
(7) ئۇ سېنى يوقتىن بار قىلىپ، ئەزالىرىڭنى ساپ - ساق ھالەتتە نورمال قىلدى.
(8) ئاللاھ سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ياراتتى، ئۇ ساڭا نېئمەت ئاتا قىلدى. چۈنكى ئۇ سېنى ئېشەك، مايمۇن، ئىت ياكى باشقا بىر ھايۋاننىڭ شەكلىدە يارىتىپ قويمىدى.
(9) ئەي ئالدانغۇچىلار! ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر خىيال قىلغاندەك ئەمەس. بەلكى سىلەر جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر.
(10) شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ئەمەللىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بار.
(11) ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىكتۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدىغان كاتىبلاردۇر.
(12) ئۇلار سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ، يېزىپ تۇرىدۇ.
(13) شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ.
(14) شەكسىزكى گۇناھكارلار يالقۇنجاپ يېنىپ تۇرىدىغان دوزاختا بولىدۇ.
(15) ئۇلار جازا - مۇكاپات كۈنى دوزاخقا كىرىپ، دوزاخنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ.
(16) ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
(17) ئەي پەيغەمبەر! جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
(18) جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
(19) ئۇ كۈندە ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇ كۈندە پۈتۈن ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇ ئۆزى خالىغانچە ئىدارە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ.