(1) مۇتلەق مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇش، مۇھەببەت بىلەن بىرگە ئەڭ گۈزەل ئىپادىلەر بىلەن ئالقىشلىنىش ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كېلىدىغان كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياراتقان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇركى، ئۇ كېچىنى قاراڭغۇلۇق ئۈچۈن، كۈندۈزنى يورۇقلۇق ئۈچۈن ياراتتى. شۇنداق تۇرۇپمۇ كاپىرلار ئۇنىڭغا باشقىلارنى تەڭ قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلىۋالىدۇ.
(2) ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى لايدىن ياراتقان ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك زاتتۇركى، ئۇ ئاتاڭلار ئادەمنىمۇ شۇ لايدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنىڭ ھاياتىي دۇنيادا تۇرىدىغان مۇددىتىڭلارنى بېكىتتى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى سىلەرنى تىرىلگۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان يەنە بىر ۋاقىتنىمۇ بېكىتتى. مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن سىلەر يەنە ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى قايتا تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايسىلەر.
(3) ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا قۇلچىلىق قىلىنىشقا ھەقىقىي لايىق زاتتۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ نىيەتلەر، گەپ-سۆزلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن سىلەر يوشۇرغاننىمۇ ۋە ئاشكارا قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە سىلەرگە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(4) مۇشرىكلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن قانداق بىر دەلىل-پاكىت كەلسىلا ئۇلار ئۇنى پەرۋاسىزلىق بىلەن چۆرۈۋېتىدۇ. بولمىسا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن مۆجىزىلەر ۋە ئوپئوچۇق دەلىل-پاكتلار ھەمدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىغىمۇ ئايەتلەر كەلگەن ئىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلار بۇ مۆجىزىلەر ۋە دەلىل-پاكىتلاردىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈيدۇ.
(5) ئۇلار ئەگەر ئاشۇ روشەن دەلىللەر ۋە ئوپئوچۇق پاكىتلاردىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئىلگىرى ئۇنىڭدىن روشەنراق دەلىللەردىنمۇ يۈز ئۆرۈگەن ئىدى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىشتى، قىيامەت كۈنى ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنى تونۇپ يېتىدۇ.
(6) بۇ كاپىرلار ئاللاھ تائالانىڭ زالىم ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىدىغان قانۇنىيىتىنى بىلىپ يەتمىدىمۇ؟، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئىلگىرى كۆپلىگەن ئۈممەتلەرگە بۇ كاپىرلارغا بەرمىگەن كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى بېرىپ، يەر يۈزىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغۇزغان، مول يامغۇلارنى ياغدۇرۇپ بەرگەن، تۇرالغۇلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغاندا، قىلغان ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا ئۈممەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
(7) ئەي پەيغەمبەر! گەرچە بىز ساڭا قەغەزلەرگە يېزىلغان كىتاب نازىل قىلىپ، ئۇلار ئۇنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قوللىرى بىلەن تۇتۇپ ئېنىق بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىنكارچىلىقى ۋە تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھەمدە: سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسە ئوپئوچۇق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز، دېگەن بولاتتى.
(8) بۇ كاپىرلار: ئەگەر ئاللاھ مۇھەممەد بىلەن بىرگە بىزگە گەپ قىلالايدىغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر پەرىشتىنى چۈشۈرگەن بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دېيىشتى. ناۋادا بىز ئۇلار تەلەپ قىلغان سۈپەتكە ئىگە بىرەر پەرىشتە چۈشۈرسەك، ئۇلار يەنە ئىمان ئېيتماي تۇرۇۋالسا بىز ئۇلارنى چوقۇم ھالاك قىلىۋېتىمىز، پەرىشتە چۈشكەن چاغدا ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىلمەيدۇ.
(9) بىز ئۇلارغا ئەۋەتىلىدىغان پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئىمكانىيىتى بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى يەنىلا ئىنسان قىياپىتىدە قىلغان بولاتتۇق. چۈنكى ئۇلار پەرىشتىنى ئاللاھ ياراتقان شەكىلدە كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى بىر ئىنسان قىياپىتىدە قىلغان تەقدىردە، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئۇنىڭ ئەھۋالى گۇمانلىق بوپقالاتتى.
(10) بۇلار سەن بىلەن بىرگە بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق مەسخىرە قىلغان بولسا، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئىنكار قىلغان ۋە ئاگاھلاندۇرغىنىڭدا مەسخىرە قىلغان ئازاب تەرەپ-تەرەپتىن قورشىۋالغان ئىدى.
(11) ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى، مەسخىرىۋازلارغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىڭلار، ئاندىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭلار. ئۇلار كۈچ-قۇۋۋەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەن ئىدى.
(12) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلاردىن سوراپ باق: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى بارچە مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى كىمگە مەنسۇپكەن؟ ئۇلارغا دەپ قويغىنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئۇ بەندىلىرىگە مەرھەمەت قىلىپ، رەھىم-شەپقەتلىك بولۇشنى ئۆزىگە ۋاجىب قىلدى. شۇڭا ئۇ بەندىلەرنى جازالاشقا ئالدىراپ قالمايدۇ. نىھايەت ئۇلار تەۋبە قىلمىغان چاغدا، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپلايدۇ، بۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زىيان ئۇرغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ. كاشكى ئۇلار ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۆزلىرىنى زىيانكارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايتتى.
(13) كېچە ھەم كۈندۈزدە بار بولغان ھەربىر نەرسىنىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. چوقۇم ئۇلارغا شۇ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(14) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا بۇتلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ چوقۇنۇۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئىلگىرىكى ھېچبىر ئۆرنەكسىز ياراتقان زات تۇرسا، مېنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىنى سىردىشىدىغان ۋە ياردەم تىلەيدىغان مەدەتكار قىلىۋېلىشىم ئەقىلگە سىغامدۇ؟! يەنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھتىن ئىلگىرى ھېچكىم يارىتىپ باقمىغان. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ، بەندىلىرىدىن ھېچكىم ئۇنىڭغا رىزىق بېرىدىغان ئىش يوق. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن بىھاجەت، ئەمما بەندىلەر ئۇنىڭغا مۇھتاجدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم مېنى مۇشۇ ئۈممەت ئىچىدىن ئۆزىگە بويسۇنغان ۋە باش ئەگكەنلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇشقا بۇيرۇدى ھەمدە ئۆزىگە باشقىلارنى شېرىك قىلىدىغانلاردىن بوپقېلىشتىن چەكلىدى.
(15) ئەي پەيغەمبەر! مۇبادا مەن ئاللاھ ھارام قىلغان شېرىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارنى قىلىش ياكى بەجا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلماسلىق ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام، شەكسىزكى ئاللاھنىڭ مېنى قىيامەت كۈنى كاتتا ئازاب بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن، دېگىن.
(16) ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئاشۇ ئازابتىن كىمنى يىراق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۆزى ھېچبىر ئۇتۇق تەڭ كېلەلمەيدىغان روشەن غەلىبىدۇر.
(17) ئەي ئادەم ئەۋلادى! ئەگەر ساڭا ئاللاھتىن بىرەر كۈلپەت كەلسە، ئۇنى سەندىن ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ساڭا ئاللاھتىن بىرەر ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا توسقۇنلۇق قىلالايدىغان ھېچنەرسە يوق. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
(18) ئاللاھ بەندىلىرى ئۈستىدىن غالىبتۇر، ئۇلارنى بويسۇندۇرغۇچىدۇر، ھەممە تەرەپتىن ئۇلاردىن ئۈستۈندۇركى، ھېچنەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدۇ، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ، ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر، ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئۇ يارىتىشىدا، پىلانلىشىدا ۋە قانۇن يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
(19) ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا گۇۋاھچىسى قايسى؟ ئېيتقىنكى، مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا گۇۋاھچى ئاللاھتۇر. ئۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى گۇۋاھچىدۇر. ئۇ مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى رەت قىلغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ماڭا بۇ قۇرئاننى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلغان. مەن قۇرئان بىلەن ئۇ يېتىپ بارغان ئىنسان ۋە جىنلارنى ئاگاھلاندۇرىمەن. ئەي مۇشرىكلار! شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن يەنە باشقا مەبۇدلارمۇ بار دەپ ئېتىقاد قىلىسىلەر. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن سىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلغىنىڭلار ئاساسسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرمەيمەن. پەقەت ئاللاھ تائالالا يېگانە ئىلاھتۇركى، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، شەكسىزكى مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان بارچە نەرسىلەردىن ئادا-جۇدامەن.
(20) بىز تەۋرات بەرگەن يەھۇدىيلار ۋە ئىنجىل بەرگەن ناسارالار ئۆز بالىلىرىنى باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئىچىدىن قانداق تونۇۋالالىغان بولسا، مۇھەممەدنىمۇ شۇنداق ئېنىق تونۇيدۇ. ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زىيان ئۇرغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
(21) ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دېگەن ۋە ئاللاھقا شېرىك بىلەن قوشۇپ چوقۇنغان ياكى ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان زالىملار ئەگەر تەۋبە قىلمىسا قەتئىي نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
(22) قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ئەھۋالنى ئەسلىگىنكى، ئۇ چاغدا بىز پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى توپلايمىز، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى چۈشۈرۈپ قويمايمىز. ئاندىن ئاللاھقا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ چوقۇنغانلارغا كايىپ: سىلەر يالغاندىن ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ داۋراڭ سالغان شېرىكلىرىڭلار قېنى؟ دەپ سورايمىز.
(23) مۇشۇ سوراقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن باھانە-سەۋەبلىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلۇقىنى دېيىشتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ئۇلار يالغاندىن دېدىلەركى، ئەزبىرايى خۇدا، بىز دۇنيادا ساڭا شېرىك كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدۇق، ئەكسىچە بىز سېنى يالغۇز دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ساڭا ئىشەنگەن ئىدۇق.
(24) ئەي مۇھەممەد! بۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن شېرىكنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگىمۇ قانداق يالغانچىلىق قىلغانلىقىغا قارىغىن. ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادا ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
(25) ئەي پەيغەمبەر! سەن قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە سېنىڭ قىرائىتىڭنى تىڭشايدىغانلارمۇ بار، لېكىن ئۇلار تىڭشىغان ئايەتلەردىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ۋە قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى تۈپەيلىدىن دىللىرىنى قۇرئاننى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ پەردىلىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئەسقاتىدىغان ئاڭلاشتىن ئېغىر قىلدۇق. شۇڭا ئۇلار ھەر قانچە روشەن دەلىللەر ۋە ئېنىق پاكىتلارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار تېخى سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەنلىرىدە سەن بىلەن ئاساسسىز ھالەتتە ھەقىقەت ئۈستىدە دەتالاش قىلىشىپ: سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسە پەقەت ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىن ئېلىنغان، دېيىشىدۇ.
(26) ئۇلار باشقىلارنى پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىشتىن توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يا باشقىلارنى قۇرئاندىن مەنپەتلەنگىلى قويمايدۇ، ياكى ئۆزلىرى مەنپەئەت ئالالمايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق قىلىقلىرى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى.
(27) ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ دوزاخقا توغرىلانغان چاغدا ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ: كاشكى بىز ھاياتىي دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلماي، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۇئمىنلەردىن بولساق، دېگەن ھالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ نەقەدەر بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ئەجەبلىنىپ كېتەتتىڭ.
(28) بۇ ئىش ئۇلارنىڭ «دۇنياغا قايتۇرۇلساق، ئىمان ئېيتىپ مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېگەنلىرىدەك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۇلارنىڭ «ئەزبىرايى خۇدا، بىز مۇشرىك ئەمەستۇق» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق يوشۇرماقچى بولغانلىرى ئاشكارا بولىدۇ. مۇبادا ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە يەنىلا شۇ چەكلەنگەن كۇپرى ۋە شېرىككە قايتىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار «دۇنياغا قايتۇرۇلۇپ قالساق ئىمان ئېيتاتتۇق» دېگەن ۋەدىسىدە يالغانچىلاردۇر.
(29) ئۇ مۇشرىكلار: بىز ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇ ھاياتلىقتىن باشقا ھاياتلىق يوق، بىز ئۆلگـەندىن كېيىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز، دەيدۇ.
(30) ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرغۇزۇلغان چاغدىكى ھالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ بىچارىلىكىدىن ھەيران قالارلىق بىر مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: سىلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئۆلگەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىش شەك-شۈبھىسىز يۈز بېرىدىغان ھەقىقەت ئەمەسمىكەن؟ دەيدۇ. ئۇلار: بىزنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئەلۋەتتە بۇ يۈز بېرىشى شەكسىز ھەقىقەت ئىكەن، دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا: ئۇنداق بولسا مۇشۇ كۈنگە كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار. چۈنكى سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى ۋاقىتتا بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دەيدۇ.
(31) قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى يىراق سانىغانلار ھەقىقەتەنمۇ زىيان تارتتى. كۈتۈلمىگەندە ھېچبىر شەپىسىز قىيامەت كەلگەن چاغدا ئۇلار قاتتىق پۇشايماندىن: ۋاي ئېسىت! بىز ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، قىيامەت كۈنىگە تەييارلىق قىلماي ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن پۈتۈن ئارزۇيىمىز كۆپۈككە ئايلاندى، دېيىشىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىنى ئۈستلىرىگە يۈدۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار يۈدۈۋالغان ئاشۇ گۇناھلار نېمىدېگەن قەبىھ!
(32) ئۇلار بېرىلىپ كەتكەن دۇنيا ھاياتى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلمايدىغان كىشىگە نىسبەتەن پەقەت ئويۇن ۋە غەپلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما ئاخىرەتتىكى ھايات ئاللاھ بۇيرۇغان ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ھەمدە چەكلىگەن شېرىك ۋەگۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىدۇر. ئەي مۇشرىكلار! بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ (ئەگەر چۈشەنگەن بولساڭلار) ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلاتتىڭلار.
(33) ئەي پەيغەمبەر! قارىماققا ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشلىرىنىڭ سېنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. سەنمۇ شۇنى بىلگىنكى، ئۇلار سېنى چىن كۆڭلىدە يالغانچى دېمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار سېنىڭ راستچىل ۋە ئامانەتچانلىقىڭنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار زالىم كىشىلەر بولغاچقا، قارىماققا سېنىڭ ئىشىڭنى ئىنكار قىلغاندەك قىلىدۇ - يۇ، كۆڭۈللىرىدە ئۇنىڭغا چىن پۈتىدۇ.
(34) ئۇلارنىڭ بۇ ئىنكارچىلىقىنى پەقەت ئۆزۈڭ ئېلىپ كەلگەن نەرسىگىلا خاس دەپ ئويلاپ قالمىغىن. چۈنكى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىنغان، قەۋمى ئۇلارغا كۆپ ئەزىيەت بەرگەن ئىدى. لېكىن پەيغەمبەرلەر بۇ ئەزىيەتلەرگە تاكى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە قەدەر دىنغا دەۋەت قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشتا سەۋرچان بولۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. ئاللاھ تەقدىردە پۈتۈۋەتكەن ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ۋەدە قىلغان ياردەمنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچى يوق. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن ساڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلار ئۆز قەۋملىرىدىن ئۇچرىغان ئازار-كۈلپەتلەر ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق بەرگەن ياردەملىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى.
(35) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ئىنكارچىلىقى ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، يەر ئاستىغا كىرىدىغان بىرەر تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقىدىغان شوتا تېپىپ بىز ساڭا بەرگەندىن باشقا بىرەر دەلىل-پاكىت كەلتۈرەلىسەڭ، كەلتۈرۈپ باققىن. ئەگەر ئاللاھ بارلىق كىشىلەرنى سەن ئىلىپ كەلگەن توغرا يول ئۈستىدە بىرلەشتۈرۈشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىرلەشتۈرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن بۇنداق قىلىشنى خالىمىدى، سەن بۇنى چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن. بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويىسەن.
(36) سېنىڭ چاقىرقىڭغا پەقەت سۆزنى ئاڭلاپ، چۈشىنەلەيدىغانلارلا ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. كاپىرلار ئۆلۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلچە ئېتىبارى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن. ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قايتا تىرگۈزىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار ئىلگىرى قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن پەقەت شۇ ئاللاھ تەرەپكىلا قايتىپ بارىدۇ.
(37) مۇشرىكلار قۇسۇرچىلىق قىلىپ، ئىمان ئېيتىشنى كەينىگە سوزۇپ: نېمىشقا مۇھەممەدكە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. لېكىن مۆجىزە چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان بۇ مۇشرىكلارنىڭ كۆپىنچىسى، مۆجىزىلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە بىنائەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۆز ھېكمىتىگە بىنائەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر ئاللاھ ئۇ مۆجىزىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلار يەنە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ.
(38) ئەي ئادەم ئەۋلادى! يەر يۈزىدە مىدىرلايدىغان قانداق بىر جانلىق، ھاۋادا ئۇچىدىغان قانداق بىر قۇش بولىدىكەن، يارىتىلىش ۋە رىزىق بېرىلىشتە سىلەرگە ئوخشاشتۇر. بىز لەۋھۇلمەھفۇزدا ھېچنەرسىنى چۈشۈرۈپ قويماي، ھەممىنى تولۇق پۈتۈپ قويدۇق. ھەممىنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. قىيامەت كۈنى سوتلىنىش ئۈچۈن يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە توپلىنىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ ھەر كىمگە ئۆزىگە لايىق جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(39) ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئاڭلىمايدىغان گاس ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان گاچىغا ئوخشاشتۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇلار قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە بولۇپ كۆرەلمەيدۇ. بۇنداق ھالەتتىكى ئادەم قانداقمۇ توغرا يولنى تاپالىسۇن؟ ئاللاھ ئىنسانلاردىن گۇمراھ قىلىشنى خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
(40) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن بىرەر ئازاب ياكى چوقۇم يۈز بېرىشى ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كەلسە، شۇ چاغدا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىق ۋە مۈشكۈلچىلىكنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يەنە ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنامسىلەر؟
(41) ئەمەلىيەتتە سىلەر ئاشۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى ياراتقان ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېلىنمايسىلەر. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن ئۇ خاپىلىقنى قايتۇرۇۋېتىدۇ، زىياننى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ئىگىسى ھەم شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. ئەمما ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
(42) ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىندىن يۈز ئۆرۈدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇپ، باش ئەگسۇن دەپ كەمبەغەلچىلىككە ئوخشاش خاپىلىقلار بىلەن ۋە بەدەنلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللەر بىلەن جازالىدۇق.
(43) كاشكى ئۇلار باشلىرىغا سىناقلىرىمىز كەلگەن چاغدا ئۆزلىرىدىن بۇ خاپىلىقلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھقا باش ئېگىپ، بويسۇنغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن بولغاچقا، ئىبرەت ۋە ساۋاق ئالمىدى، شەيتان ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان كۇپرى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىنى داۋاملاشتۇردى.
(44) ئۇلار كەمبەغەلچىلىك ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت سىناقلار بىلەن ئۆزلىرىگە قىلىنغان پەند-نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىگەن چاغدا بىز ئۇلارغا رىزىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىش ۋە كەمبەغەللىكتىن كېيىن باي قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، كېسەللىكتىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە شىپالىق بەردۇق. نىھايەت ئۇلار كۆرەڭلەپ، بەھرىمەن قىلىنغان نېئمەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە تەمەننا قىلغانلىرىدا ئۇلارغا ئازابىمىز ئۇشتۇمتۇت كەلدى - دە، ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدى.
(45) كاپىرلار تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىلىش ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. جىمى ھەمدۇسانالار دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىپ، دوستلىرىغا ياردەم بەرگەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان، يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر.
(46) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟! ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىڭلارنى تارتىۋېلىپ پاڭ قىلىپ قويسا، كۆرۈش ئىقتىدارىڭلارنى يوق قىلىۋېتىپ كور قىلىپ قويسا، قەلبىڭلارنى مۆھۈرلىۋېتىپ ھېچنەرسە چۈشىنەلمەيدىغان قىلىپ قويسا، سىلەر يوقاتقان بۇ نەرسىلەرنى راستىنلا قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدىغان بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! بىزنىڭ ئۇلارغا دەلىل-پاكىتلارنى قانداق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمىز، دەلىل-پاكىتلارنى خىلمۇ-خىل قىلغانلىقىمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇ دەلىل-پاكىتلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باققىن.
(47) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلار، مۇبادا ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەر بىخۇت ھالىتىڭلاردا ئۇشتۇمتۇت كەلسە ياكى ئوچۇق-ئاشكارا كەلسە، (سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟). چۈنكى پەقەت ئاللاھقا بولغان كۇپرىسى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن زالىم بولغانلارلا مۇشۇنداق ئازاب بىلەن جازالىنىدۇ.
(48) بىز قانداق بىر قەۋمگە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمەكچى بولساق، پەقەتلا ئىمان ۋە ئىتائەت ئەھلىنى تۈگەپ كەتمەيدىغان ۋە ئۈزۈلۈپمۇ قالمايدىغان مۇقىم نېئمەتلەردىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان بېشارەتلەردىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، كاپىرلارنى ۋە ئاسىيلارنى قاتتىق ئازابىمىزدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمىز. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىپ، ئەمىلىنى تۈزەتكەنلەرگە ئاخىرەتتىكى كەلگۈسىدىن قورقۇش، دۇنيا نېسىۋىلىرىدىن قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا قايغۇرۇش ۋە ھەسرەت چېكىش بولمايدۇ.
(49) ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب كېلىدۇ.
(50) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە: مەندە ئاللاھنىڭ رىزىق خەزىنىلىرى بار، ئۇنى ئۆزۈم خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىمەن دېمەيمەن، ئاللاھ مېنى خەۋەردار قىلغان ۋەھىيدىن باشقا غەيىبنى بىلىمەنمۇ دېمەيمەن، يەنە: مەن پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىر پەرىشتىمۇ دېمەيمەن. چۈنكى مەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەرمەن، پەقەت ئۆزۈمگە ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن، ئۆزۈمگە ئائىت بولمىغان نەرسىنى دەۋا قىلمايمەن. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كۆزى ھەقتىن كور بولغان كاپىر بىلەن ھەقىقەتنى كۆرۈپ، ئىمان ئېيتقان مۇئمىن باراۋەر بولامدۇ؟ ئەي مۇشرىكلار! ئەتراپىڭلاردىكى مۆجىزىلەرگە قاراپ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
(51) ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىشتىن قورقىدىغانلارنى مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان نە بىر دوست، خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتەلەيدىغان نە بىر شاپائەتچى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادارلاردىن بولسۇن. چۈنكى قۇرئان كەرىمدىن مۇشۇنداق كىشىلەر مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
(52) ئەي پەيغەمبەر! ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئىزچىل ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ۋە ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىدىغان كەمبەغەل مۇسۇلمانلارنى سورۇنۇڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، مۇشرىكلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنى يېنىڭغا تارتىش ئۈچۈن ئۇلارنى قوغلىمىغىن. بۇ كەمبەغەللەرنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسابى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئەگەر سەن ئۇلارنى سورۇنۇڭدىن قوغلىۋەتسەڭ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردىن بوپقالىسەن.
(53) ئەنە شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرى ئارقىلىق سىناپ، بۇ دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدە ئۆز-ئارا پەرقلىق قىلدۇق. ئۇلارنى بۇنداق سىناققا مۇپتىلا قىلىشىمىز باي كاپىرلارنىڭ كەمبەغەل مۇئمىنلەرگە: ئاللاھ ئارىمىزدىن توغرا يولنى ئىلتىپات قىلغانلار مۇشۇ يالاڭتۆشلەرمۇ؟ ئەگەر ئىمان ئېيتىش ياخشى ئىش بولسىدى، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ كېتەلمەيتتى، بىز ئالدىنئالا ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى بىلىپ، مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىمۇ ھەممىدىن ياخشى بىلگەچكە، بۇنداقلار بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ.
(54) ئەي پەيغەمبەر! سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر يېنىڭغا كەلگىنىدە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ سالىمىنى ئىلىك ئالغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى بىلەن خۇشبېشارەت بەرگىن. ئاللاھ تائالا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇشنى مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئۆزىگە ۋاجىب قىلدى. ئاراڭلاردىن كىمكى بىلمەسلىكتىن، كەم ئەقىللىق بىلەن گۇناھ-مەئسىيەت قىلىپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ، ئەمىلىنى تۈزىگەن بولسا، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر.
(55) يۇقىرىدا ساڭا بايان قىلغىنىمىزدەك، ساختىپەزلەرگە قارشى دەلىل-پاكىتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇنداق قىلىشىمىز جىنايەتچىلەرنىڭ يولى ۋە ئىستىللىرى روشەن بولسۇن ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئېھتىيات قىلىشى ئۈچۈندۇر.
(56) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ مېنى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. يەنە ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھتىن باشقىغا تېۋىنىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلمايمەن. مۇبادا بۇ ئىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلىپ قالسام، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىمەن، ھىدايەت تاپالمايمەن. بۇ، ئاللاھتىن كەلگەن پاكىتنى قويۇپ ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەھۋالىدۇر.
(57) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن شەكسىزكى رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمەن، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەمەس. سىلەر بۇ پاكىتنى يالغانغا چىقاردىڭلار. سىلەر ئالدىرىتىۋاتقان ئازاب ۋە تەلەپ قىلغان مۆجىزە مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. شۇڭا ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. ئۇ ھەقنى دەيدۇ، ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ بولسا ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچىنى يالغان-ياۋىداقنىڭ تەرەپدارىدىن ئايرىيدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
(58) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كاشكى سىلەر ئالدىرىتىۋاتقان ئازاب مېنىڭ ئىلكىمدە بولسىدى، ئەلۋەتتە سىلەرگە چۈشۈرگەن بولاتتىم، ئۇ چاغدا ئارىمىزدىكى مەسىلىمۇ ھەل قىلىنغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا زالىملارغا قانچىلىك مۆھلەت بېرىشنى ۋە قاچان جازالاشنى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
(59) غەيىبنىڭ خەزىنىلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانسىز مەخلۇقاتلاردىن ئىبارەت قۇرۇقلۇقتىكى بارچە نەرسىلەرنى، دېڭىزدىكى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى، ھەتتا ھەربىر يوپۇرماقنىڭ نەگە چۈشىدىغانلىقىغا قەدەر بىلىپ تۇرىدۇ. يەرگە كۆمۈلگەن بىر تال دان، يەر يۈزىدىكى ھۆل-قۇرۇق قانداق نەرسە بولسا، ئۇ چوقۇم روشەن كىتاب بولغان لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈكلۈكتۇر.
(60) ئاللاھ تائالا شۇنداق زاتتۇركى، ئۇ سىلەر ئۇخلىغان ۋاقتىڭلاردا جېنىڭلارنى ۋاقىتلىق ئالىدۇ، كۈندۈزدىكى پائالىيەت ۋاقتىڭلاردا قىلغان-ئەتكەنلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن كۈندىلىك پائالىيىتىڭلارنى قىلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇخلىغان ۋاقىتتا تۇتۇپ قالغان روھىڭلارنى قويۇۋېتىدۇ، بۇ ئەھۋال تاكى سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بەلگىلەنگەن ياشاش مۇددىتىڭلار ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتىدىن تىرىلىپ يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ھاياتىي دۇنيادىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(61) ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈستىدىن غالىبتۇر، ئۇلارنى بويسۇندۇرغۇچىدۇر، ھەممە تەرەپتىن ئۇلاردىن ئۈستۈندۇركى، ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئەگدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئەي ئىنسانلار! تاكى ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ چاڭگىلىدا ئەجىلىڭلار ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىرمۇبىر خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈرۈشكە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ.
(62) ئاندىن كېيىن جانلىرى ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپاتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرۇلىدۇكى، ئۇنىڭ ھۆكمى كەسكىندۇر، مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىكى ھۆكمى ئادالەتلىكتۇر. ئۇ ئەمەللىرىڭلارنى ئەڭ تېز سانىغۇچى ۋە مۇكەممەل ھېسابلىغۇچىدۇر.
(63) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدىكى قىيىن پەيتلەردە يولۇققان خەتەرلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگەن كىم؟ (سىلەر مۇشۇنداق قىيىن پەيتلەردە) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ئىنتايىن كەمتەرلىك ۋە بىچارىلىك بىلەن: ئەي رەببىمىز! ئەگەر بىزنى مۇشۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇرساڭ، ئەلۋەتتە بىز بەرگەن نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، سەندىن باشقىغا چوقۇنمايمىز، دەپ يالغۇز ئاللاھقىلا يېلىنىپ، يالۋۇرىسىلەر.
(64) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرنى ئۇ خەتەرلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ ۋە پۈتۈن خاپىلىقلاردىن ساقلايدۇ. ئاندىن كېيىن غەمسىز ھالىتىڭلاردا يەنە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر. سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىڭلاردىنمۇ كاتتا زۇلۇم بولامدۇ؟
(65) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا ئۈستۈڭلاردىن تاش، چاقماق ۋە تۇپانغا ئوخشاش بالالارنى ئەۋەتىشكە ياكى يەر تەۋرەش ۋە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشقا ئوخشاش ئاستىڭلاردىن بالالارنى ئەۋەتىشكە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى خىلمۇ-خىل قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن ئاراڭلاردىن ھەركىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ - دە، بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادلىرىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنسۇن دەپ ئۇلارغا قانچىلىك كۆپ ھەم روشەن دەلىل-پاكىتلارنى كەلتۈرگەنلىكىمىزنى ئويلىنىپ باققىن.
(66) قەۋمىڭ بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلدى، ھالبۇكى ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىدە قىلچە شەك بولمىغان ھەقىقەت ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە نازارەتچى ئەمەسمەن، مەن پەقەت قاتتىق ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
(67) ھەرقانداق ئىشنىڭ بەلگىلىك ۋاقتى ۋە ئاخىرلىشىش چېكى بولىدۇ. سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ۋە ئاقىۋىتىڭلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. قىيامەت كۈنى قايتىدىن تىرگۈزۈلگەن ۋاقتىڭلاردا بۇنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.
(68) ئەي پەيغەمبەر! ھەر قاچان مۇشرىكلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە مەسخىرىلىك پاراڭلارنى قىلىۋاتقانلقىنى كۆرسەڭ، تاكى ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى مەسخىرە قىلىشتىن خالىي تېمىغا يۆتكەلمىگىچە ئۇلاردىن يىراق تۇرغىن. مۇبادا شەيتان سېنى بىخۇت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ بىر ھازادىن كېيىن ئېسىڭنى يىغقىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سورۇنىدىن دەرھال ئايرىلغىن ھەمدە بۇنداق ھەددىدىن ئاشقۇچىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولمىغىن.
(69) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغۇچىلارغا زالىملارنىڭ گۇناھىدىن ھېچنەرسە يۈكلەنمەيدۇ. تەقۋادارلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت گۇناھكارلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلاردىن بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان يامان ئىشلاردىن چەكلەشتۇر.
(70) ئەي پەيغەمبەر! دىنىنى ئويۇن-كۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ مۇشرىكلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئۇلار دىننى قانغۇچە مەسخىرە قىلىپ ئوينىۋالسۇن. ئۇلارنى بىر دەملىك نازۇ-نېئمەتلەرگە تولغان دۇنيا ھاياتى ئالداپ كەتتى. ئەي پەيغەمبەر! كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنكى، ھېچبىر جان خاتالىق ئۆتكۈزۈۋېرىپ ھالاكەتنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ياردەم تىلەيدىغان ئاللاھتىن باشقا نە بىر دوستى، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالايدىغان نە بىر شاپائەتچىسى بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرقانچە بەدەل تۆلىسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەن ئاشۇ كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسى سەۋەبلىك ئىنتايىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ ۋە دەرتلىك ئازاب بار.
(71) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ قانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز توغرا يول ئۈستىدىكى ھەمراھلىرى ھەقىقەتكە چاقىرىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتىن باش تارتقانلىقتىن شەيتانلار ئازدۇرۇپ، چىقىش يولى تاپقىلى بولمايدىغان چۆل-باياۋانغا تاشلىۋەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇق؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ يولى شەكسىزكى ھەقىقىي توغرا يول بولۇپ، ئاللاھ بىزنى ئۆزىنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىش ھەمدە يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان. چۈنكى ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
(72) ئاللاھ تائالا بىزنى نامازلىرىمىزنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىشقا، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە تەقۋادار بولۇشقا بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا يەككە-يېگانە زاتتۇركى، قىيامەت كۈنى پۈتۈن بەندىلىرىنى ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن دەرگاھىغا توپلايدۇ.
(73) ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتتى، ئۇ ھەر نەرسىگە: «ۋۇجۇدقا كەل» دېسىلا دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ چاغدا، يەنى قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە: (قەبرەڭلاردىن) تۇرۇڭلار! دەيدۇ - دە، ھەممەيلەن شۇ ھامانلا تىرىلىپ قوپىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ راست سۆزىدۇركى، بۇ ئىش شەكسىز يۈز بېرىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. بۇ چاغدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالىدۇ. ئاللاھ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ يارىتىشىدا ۋە تەدبىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. بارلىق مەخپىي ئىشلار ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاشكارىغا ئوخشاشتۇر.
(74) ئەي پەيغەمبەر! (قەۋمىڭگە مۇنۇ ۋەقەلىكنى) سۆزلەپ بەرگىن: ئەينى ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇشرىك دادىسى ئازەرگە: ئەي ئاتا، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى سىغىنىدىغان ئىلاھ قىلىۋالامسەن؟ ھەقىقەتەن مەن سېنى ۋە بۇتلارغا سىغىنىۋاتقان قەۋمىڭنى، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا سىغىنغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ۋە توغرا يولدىن ئادىشىپ قالغان دەپ قارايمەن. چۈنكى سىغىنىشقا ھەقىقىي لايىق زات بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئاللاھ تائالادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ساختا ئىلاھلاردۇر.
(75) بىز ئىبراھىمغا دادىسى بىلەن قەۋمىنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك، ئاسمانلارنىڭ ۋە بىپايان زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنىمۇ كۆرسىتىمىز. (بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت)، ئىبراھىمنىڭ ئاشۇ چەكسىز ئاجايىباتلارنى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىكىگە ھەمدە ئۇنىڭلا قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىق زات ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىشى ئۈچۈندۇركى، مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يېگانە، شېرىكى يوق ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغانلاردىن بولسۇن.
(76) كېچە قاراڭغۇلۇقى قاپلىغان چاغدا ئىبراھىم بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، دېدى. ئۇ يۇلتۇز كۆزدىن غايىب بولۇۋىدى: مەن غايىب بولىدىغانلارنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى ھەقىقىي ئىلاھ داۋاملىق ھازىر بولۇپ، يوقاپ كەتمەيدۇ، دېدى.
(77) ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى: مۇبادا ئاللاھ مېنى ئۆزىنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىشكە ۋە يالغۇز ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلمىغان بولسا، چوقۇمكى ئاللاھنىڭ ھەق دىنىدىن يىراقلاپ كەتكەنلەردىن بولۇپ كېتەركەنمەن، دېدى.
(78) ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ چىقىۋاتقىنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ يۇلتۇزدىنمۇ، ئايدىنمۇ چوڭدۇر، دېدى. قۇياش پېتىۋىدى: ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان مەبۇدلاردىن ئادا-جۇدامەن، دېدى.
(79) شەكسىزكى مەن شېرىكتىن ساپ تەۋھىدكە بۇرۇلغان ھالدا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېچبىر ئۆرنەكسىز ياراتقان زاتقا دىنىمنى خالىس قىلدىم، مەن ئۇنىڭغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن.
(80) ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ مۇشرىك قەۋمى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇنى بۇتلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئىبراھىم ئۇلارغا: سىلەر تېخى مەن بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى ۋە قۇلچىلىقنى يالغۇز ئۇنىڭغىلا قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىۋاتامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىم مېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىپ بولدى، مەن سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاللاھ خالىغاندىن باشقا ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ خالىغان ئىش بولىدۇ، ھەر ئىش ئاللاھ بىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇنىڭغا نە زېمىندا، نە ئاسماندا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئەي قەۋمىم! ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىلەر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئىشنى تاشلاپ، يەككە-يېگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتمامسىلەر؟
(81) سىلەر ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنى ھېچ قانداق دەلىلسىز ھالەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتىسىلەر-يۇ، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن قانداقسىگە قورققۇدەكمەن؟ بۇ ئىككى گۇرۇھ، يەنى ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن مۇشرىكلاردىن قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا ۋە تىنچ-ئامانلىققا لايىقراقكەن؟ سىلەر ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئەڭ لاياقەتلىك دەپ بىلسەڭلار، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئۇلارنىڭ ئەڭ لاياقەتلىكراقى شەكسىزكى ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى مۇئمىنلەر توپىدۇر.
(82) ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان ھەمدە ئىمانىغا شېرىكنى ئارىلاشتۇرۇپ سالمىغان كىشىلەرگىلا خاتىرجەملىك ۋە تىنچ-ئامانلىق بار. ئۇلار پەرۋەردىگارى ھىدايەت يولىغا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىلەردۇر.
(83) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى مات قىلىۋەتكەن «ئىككى گۇرۇھنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا لايىقراق؟» دېگەن بۇ پاكىت بىزنىڭ پاكىتىمىزدۇركى، بىز ئۇنى ئىبراھىمغا ئۆز قەۋمى بىلەن مۇنازىرىلەشسۇن دەپ بەرگەن ئىدۇق. بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ يارىتىشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنى بىلگۈچىدۇر.
(84) بىز ئىبراھىمغا ئوغلى ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق، ھەر ئىككىلىسىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق، ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق، نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن داۋۇدنى، ئوغلى سۇلايماننى، ئەييۇبنى، يۈسۈفنى، مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. بىز پەيغەمبەرلەرنى قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قارىتا مۇكاپاتلىغىنىمىزغا ئوخشاش، پەيغەمبەر بولمىغانلاردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز.
(85) ئەنە شۇنىڭدەك، بىز زەكەرىيا، يەھيا، مەريەم ئوغلى ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئەلچىلىككە تاللىغان ياخشى كىشىلەردىندۇر.
(86) يەنە شۇنىڭدەك ئىسمائىل، يەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. مۇھەممەد پەيغەمبەر باشچىلىقىدىكى بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى پۈتكۈل ئەھلى جاھاندىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلدۇق.
(87) بىز ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن بىر قىسمىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى خالىغان كىشىلەردىن قىلدۇق ۋە ئۇلارنى تاللاپ، ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانلىكى ۋە ئىتائىتىنىڭ يولى بولغان بىردىنبىر توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلدۇق.
(88) ئۇلار ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇركى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا باشقا بىرىنى شېرىك قىلسا ئەمەللىرى بىكار بوپكېتىدۇ. چۈنكى شېرىك ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
(89) ئاشۇ مەزكۇر پەيغەمبەرلەرگە بىز كىتابلارنى بەردۇق، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق. ئەگەر قەۋمىڭ بىز ئۇلارغا بەرگەن مۇشۇ ئۈچ نەرسىگە ئىنكار قىلسا، بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئۇلارغا ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمنى تەق قىلىپ قويدۇق. ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە مەھكەم ئېسىلىدۇ. ئۇلار مۇھاجىرلار، ئەنسارلار ۋە تا قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئېھسان بىلەن ئەگەشكەنلەردۇر.
(90) ئاشۇ پەيغەمبەرلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن شۇلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغانلار ھەقىقىي توغرا يولدىكى كىشىلەر بولۇپ، سەنمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ، شۇلارنى ئۈلگە قىلغىن. ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، مەن بۇ قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا قارىتا سىلەردىن مۇكاپات كۈتمەيمەن. چۈنكى بۇ قۇرئان ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئىبارەت پۈتكۈل ئەھلى جاھانغا پەند-نەسىھەتتۇركى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق توغرا ۋە ساغلام يولنى تېپىۋالسۇن.
(91) مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانى ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى. ئۇلار ئەينى چاغدا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ھېچقانداق ۋەھىي نازىل قىلمىدى، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۇساغا تەۋراتنى نۇر ۋە ھىدايەت قىلىپ ھەمدە ئۇنىڭ قەۋمىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى قىلىپ نازىل قىلغان كىم؟، يەھۇدىيلار تەۋراتنى دەپتەرلەرگە يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ماس كەلگەن قىسمىنى ئاشكارىلايدۇ، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاش ئۆز خاھىشىغا توغرا كەلمىگەن يەرلەرنى يوشۇرىدۇ. ئەي ئەرەبلەر! سىلەرگە قۇرئاندىن ئۆزۈڭلارمۇ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: تەۋراتنى ئاللاھ نازىل قىلغان، دېگىن، ئاندىن ئۇلارنى تاكى ئۇلارغا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقى ۋە ئازغۇنلۇقىغا قويۇۋەتكىن.
(92) ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر. بۇ شۇنداق مۇبارەك بىر كىتابتۇركى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. (بۇ كىتابنىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ بىلەن مەككىلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يولنى تېپىۋېلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار مۇشۇ قۇرئانغىمۇ ئىشىنىدۇ، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىدۇ، نامازلىرىنى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ۋاقىتتا تەئدىل-ئەركانلىرى، پەرزلىرى ۋە مۇستەھەبلىرىگە قەدەر تولۇق ئادا قىلىدۇ.
(93) ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ھېچنەرسە نازىل قىلغىنى يوق، دەپ ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان ياكى ئاللاھ ئۆزىگە ھېچنەرسە ۋەھىي قىلمىغان تۇرۇقلۇق، يالغاندىن: ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلدى، دېگەن ۋە ياكى: مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغانغا ئوخشاش كىتاب نازىل قىلالايمەن، دېگەن كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشۇ زالىملارنىڭ ئۆلۈم سەكراتىغا چۈشكەن ھالىتىنى كۆرسەڭ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئازابلاش ۋە ئۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىنى سوزۇپ، ئۇلارغا كايىغان رەۋىشتە: جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، ئەمدى بىز ئۇنى تاپشۇرۇۋالىمىز، سىلەر پەيغەمبەرلىك، ۋەھىي ۋە ئاللاھ نازىل قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلىقىڭلار ھەمدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بۈگۈن شۇنداق بىر ئازابقا دۇچار بولىسىلەركى، ئۇ ئازاب سىلەرنى خارۇزار قىلىدۇ، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالنى كۆرگەن بولاتتىڭ.
(94) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: بۈگۈن سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا نە مال-مۈلكۈڭلار، نە ھوقۇقۇڭلار يوق، ھېچكىمسىز تەنھا ھالەتتە، بىز بەرگەن مال-دۇنيالارنى بىراقلا تاشلىۋېتىپ كەلدىڭلار. بىز سىلەرنى دەسلەپتىمۇ مانا مۇشۇنداق يالاڭئاياق، يالىڭاچ، خەتنىمۇ قىلىنمىغان ھالەتتە ياراتقان ئىدۇق. بۈگۈن يېنىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا شاپائەتچى قىلىۋالغان، قۇلچىلىققا لايىقلىقتا ئاللاھقا ئورتاقلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلارنى كۆرمەيمىزغۇ!؟ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ بولدى، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ شاپائەتچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا ئورتاقلىقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن ئىلاھلىرىڭلارمۇ يېنىڭلاردىن كەتتى.
(95) شەكسىزكى ئاللاھ يەككە-يېگانە زاتتۇركى، ئۇ دانلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن زىرائەتلەرنى چىقىرىدۇ، ئۇرۇقچىلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن خورمىلارنى چىقىرىدۇ، تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ، يەنى ئاللاھ ئىنساننى ۋە پۈتۈن جانلىقلارنى مەنىيدىن چىقىرىدۇ، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدۇ، يەنى مەنىينى ئىنساندىن، تۇخۇمنى توخۇدىن چىقىرىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنى قىلغان ئاشۇ زات سىلەرنى ياراتقان ئاللاھ تائالادۇر. ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز سەنئىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە نېمە دەپ ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
(96) ئاللاھ تائالا تاڭنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن چىقىرىدۇ. ئۇ زات كېچىنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىشتىن توختايدىغان ئارام ۋاقتى قىلدى. بۇ، ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى تىرىكچىلىك ھارغىنلىقىدىن ئارام ئېلىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە مېڭىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى. مەزكۇر ئىشلار تەڭداشسىز سەنئەتتۇركى، ئۇ، ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب، ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.
(97) ئەي ئادەم باللىرى! سەپەرگە چىققان ۋاقىتتا قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا يولدىن ئادىشىپ قالغىنىڭلاردا يولنى تېپىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كۆكتە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. بىز كۈچ-قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-پاكىتلارنى شۇنداق كىشىلەرگە بايان قىلدۇقكى، ئۇلار ئاشۇ دەلىل-پاكىتلار ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.
(98) ئاللاھ تائالا سىلەرنى بىر جاندىن، يەنى ئاتاڭلار ئادەمنىڭ پۇشتىدىن ياراتتى. ئۇ دەسلەپتە ئاتاڭلارنى لايدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۇنىڭدىن ياراتتى ۋە ئانىلىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا ئوخشاش سىلەر تۇرىدىغان جاينى ياراتتى، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئومۇرتقىسىغا ئوخشاش سىلەرنى پۇختا ساقلايدىغان جاينى ياراتتى. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ كالامىنى چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن روشەن بايان قىلدۇق.
(99) ئاللاھ تائالا بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ ئارقىلىق تۈرلۈك-تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق، ئاندىن ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىن تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە يېشىل دەرەخلەرنى چىقاردۇق. ئۇنىڭدىن باشاقلارغا ئوخشاش بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن دانلارنى چىقىرىمىز. خورما چېچىكىدىن ئۆرە تۇرغان ۋە ئولتۇرغان ھەركىمنىڭ قولى يېتىدىغان ساپاق-ساپاق خورمىلار چىقىدۇ. بىز ئۈزۈملۈك باغلارنى بەرپا قىلدۇق، يوپۇرماقلىرى بىر-بىرىگە ئوخىشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن مېۋىلىرى پەرقلىق زەيتۇننى ۋە ئانارنى ئۆستۈردۇق. ئەي ئىنسانلار! ئۇنىڭ دەسلەپكى غورا ھالىتىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراپ بېقىڭلار. شەكسىزكى ئاشۇنىڭدا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن دەلىللەر باركى، ئۇلار مۇشۇنداق دەلىل-پاكىتلاردىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
(100) مۇشرىكلار جىنلارنى پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ دەپ قاراپ ئىبادەتتە ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، ھالبۇكى ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگىنى باشقا بىرى ئەمەس بەلكى يەككە يېگانە ئاللاھدۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىق زاتمۇ ئاللاھدۇر. يەھۇدىيلار ئۇزەيرنى، ناسارالار ئىيسانى ئىلاھ قىلىۋېلىشقاندەك، مۇشرىكلارمۇ ئاللاھقا ئوغۇللارنى نىسبەت بېرىشىپ، پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر.
(101) ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ خوتۇنى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى ياراتقان تۇرسا، قانداقسىگە بالىسى بولغۇدەك؟! ئۇ ھەر ئىشنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش مەخپىي قالمايدۇ.
(102) ئەي ئىنسانلار! ئاشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان زات سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇركى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارىڭلار يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلارمۇ يوق. ئۇ ھەر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇركى، يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىق بولغان، ھەر نەرسىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.
(103) كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا كۆزلەرنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا سالىھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇر، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەرداردۇر.
(104) ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن روشەن دەلىل-پاكىتلار كەلدى. قانداق ئادەم ئۇ ھەقتە ئويلىنىپ، بويسۇنسا، بۇ ئۇنىڭغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. كىمكى ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇ ھەقتە ئويلانمىسا ۋە بويسۇنمىسا، ئۇنىڭ زىيىنى پەقەت شۇ كىشىگىلا بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ھېسابلاپ تۇرىدىغان نازارەتچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەرمەن. پەرۋەردىگارىم سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.
(105) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىنى خىلمۇ-خىل قىلغىنىمىزدەك، ئۇنىڭ ۋەدىسى، تەھدىتلىرى ۋە پەند-نەسىھەتلىرى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىمۇ ئايرىم-ئايرىم كەلتۈرىمىز. مۇشرىكلار چوقۇم: بۇ ۋەھىي ئەمەس، سەن بۇنى ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ئۆگىنىۋاپسەن، دېيىشىدۇ. بىز مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن مۇئمىن بولۇپ ھەقنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە بۇ ئايەتلىرىمىزنى خىلمۇ-خىل شەكىلدە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، كىشىلەرگە ھەقنى يورۇتۇپ بەرمەكچىمىز.
(106) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھەقىقەتكە ئەمەل قىلغىن. ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا بەرھەق مەبۇد يوقتۇر. كۆڭلۈڭ كاپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەرسالىقىدا قالمىسۇن. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن.
(107) ئەگەر ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكلىرىنى خالىسا ئىدى، ئۇلار زادى ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھېسابلاپ تۇرىدىغان كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا نازارەتچىمۇ ئەمەسسەن. سەن پەقەت بىر پەيغەمبەر، سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ پەقەت ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر.
(108) ئەي مۇئمىنلەر! مۇشرىكلار نادانلىقتىن ئاللاھقا تىل ئۇزىتىپ، نالايىق سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاللاھقا قوشۇپ چوقۇنغان بۇتلارنى ھەر قانچە ئەرزىمەس ۋە تىللاشقا ئەڭ لايىق بولغان تەقدىردىمۇ تىللىماڭلار. بۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلگەندەك، ھەر ئۈممەتكە ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىز چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىشلارنى قىلدى. ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قايتىدىغان جايى پەرۋەردىگارى تەرەپكە بولىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇلارغا بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(109) مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قولىدىن كېلىدىغان قەسەمنىڭ ھەممىنى قىلىپ: ئەگەر مۇھەممەد ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنىڭ بىرەرىنى كەلتۈرەلىسە، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغاندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا دەپ قويغىنكى، مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش مېنىڭ ئىلكىمدىكى ئىش ئەمەس. ئۇ پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا چۈشۈرىدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاشۇ مۆجىزىلەر كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقى ۋە ئىنكارچىلىقىدا چىڭ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىدايەت تېپىشنى خالىمايدۇ.
(110) ئۇلارنىڭ تەرسالىقى تۈپەيلىدىن دەسلەپتىمۇ ئۇلار بىلەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش ئارىسىنى توسۇپ قويغىنىمىزدەك، يەنە ئۇلارنىڭ دىللىرى ۋە كۆزلىرى بىلەن ھەقنى تېپىش ئارىسىنى پەردە ئارقىلىق توسۇۋېتىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنى ئازغۇنلۇقى ۋە پەرۋەردىگارىغا بولغان قارشىلىقىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي تېڭىرقىغان ھالدا تاشلاپ قويىمىز.
(111) ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى مەيدانغا كەلتۈرسەك، يەنى ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ بەرسەك، ئۇلار پەرىشتىلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، ئۆلۈكلەر ئۇلارغا گەپ قىلىپ، سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ھەمدە بىز ئۇلار تەلەپ قىلغان ھەر نەرسىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ئاللاھ ھىدايەت قىلىشنى خالىغانلاردىن باشقىسى سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمىگەچكە، ئۆزلىرىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يېلىنىپ-يالۋۇرمايدۇ.
(112) ساڭا مۇشۇ مۇشرىكلارنى دۈشمەن قىلىش ئارقىلىق سىنىغىنىمىزدەك، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىمۇ سىنىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئاسىيلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغان ئىدۇق. ئۇلار ئۆزئارا ۋەسۋەسە قىلىشىپ، بىر-بىرىنى ئالداش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداقلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى خالىسا ئىدى، ئۇلار قىلالمايتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن شۇنداق بولۇشىنى خالىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان كۇپرى ۋە يالغانلىرى بىلەن تاشلاپ قويغىن، ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن.
(113) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى شەيتانلار ۋەسۋەسە قىلغان نەرسىگە مايىل بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىپ شۇنىڭغا مەمنۇن بولۇشلىرى ئۈچۈن ھەمدە شەيتانلار قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئۇلارنىڭمۇ قىلىشى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ.
(114) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ چوقۇنغان بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ سىلەر بىلەن ئارىمىزدا ئاللاھتىن باشقا بىر ھۆكۈم قىلغۇچىنى قوبۇل قىلىشىم ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەر نەرسىنى تولۇق بايان قىلغۇچى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى. يەھۇدىيلارغا تەۋراتنى، ناسارالارغا ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ شەكسىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى تاپالايدۇ. شۇڭا بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىدە ئىككىلەنمىگىن.
(115) قۇرئان كەرىم سۆزلىرى ۋە خەۋەرلىرىدە ناھايىتى راستتۇر، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتكۈچى يوق. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئادەمنى چوقۇم جازاغا تارتىدۇ.
(116) ئەي پەيغەمبەر! مۇبادا يەر يۈزىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى ئەزەلدىن شۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەنكى، ھەقىقەت ئاز سانلىق تەرەپتە بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تولىسى پەقەت ئاساسسىز گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار مەبۇدلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇ قاراشتا يالغانچىلاردۇر.
(117) ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۆز يولىدىن ئازغان كىشىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولدا بولغان ئىنسانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھقا بۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
(118) ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھنىڭ روشەن دەلىللىرىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقۇچى بولساڭلار، بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلغان نەرسىلەرنى يەڭلار.
(119) ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھارام قىلىپ، يېمەسلىكىڭلار ۋاجىب بولغان نەرسىلەرنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن تۇرسا، ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن سىلەرنى نېمە توسىدۇ؟ مەجبۇر بوپقالغاندا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسەڭلارمۇ بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈرىيەت ھارامغا رۇخسەت قىلىدۇ. شەكسىزكى كۆپلىگەن مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇزۇق قاراشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز تەرەپدارلىرىنى توغرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇكى، ئۇلار ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ بىلىدۇ، بەھىيرە، ۋەسىيلە، ھامىي ۋە باشقا ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋالىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئاللاھنىڭ چېگرالىرىنى ئاشقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆز چېگرالىرىنى ئاشقانلىقىغا قارىتا چوقۇم جازاغا تارتىدۇ.
(120) ئەي ئىنسانلار ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتلەردە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاشلاڭلار. شۈبھىسىزكى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىدىغانلارنى ئاللاھ چوقۇم قىلمىشلىرىغا قارىتا جازاغا تارتىدۇ.
(121) ئەي مۇسۇلمانلار! مەيلى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان بولسۇن ياكى ئېيتىلمىغان بولسۇن، ئىشقىلىپ ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماستىن بوغۇزلانغان نەرسىلەرنى يېمەڭلار. ھەقىقەتەن ئۇنى يېيىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن ئاسىيلىققا چىقىپ كەتكەنلىكتۇر. شەكسىزكى شەيتانلار ئۆلۈكنى يېيىش ھەققىدە سىلەر بىلەن دەتالاشقا سېلىش ئۈچۈن ئارىدا گۇمان پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆز دوستلىرىغا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەي مۇسۇلمانلار! ئەگەر ئۇلار ئۆلۈكنى ھالال قىلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان گۇماندا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرسەڭلار، سىلەرمۇ شېرىكتە ئۇلار بىلەن ئوخشاش بوپقالىسىلەر.
(122) ئاللاھ ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈك ھېسابلانغان، ئاندىن بىز ئۇنى ئىمان، ئىلىم ۋە تائەتكە يېتەكلەش ئارقىلىق قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئادەم، كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ- مەئسىيەتنىڭ زۇلمەتلىك پاتقاقلىرىغا چىقالمايدىغان دەرىجىدە پېتىپ قالغانلىقتىن نىشاندىن ئادىشىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟ بۇ مۇشرىكلارغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش ۋە ئاساسسىز مۇنازىرىلىشىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلگەندەك، كاپىرلارنىڭ قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابلارغا دۇچار بولۇشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
(123) مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقىنىدەك، ھەربىر شەھەردە شەيتاننىڭ يولىغا چاقىرىش، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشتا تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى پىلانلايدىغان كاتتىباش ۋە ئاتامانلارنى قىلدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا چوقۇم ئۆزلىرى چۈشىدۇ. لېكىن ئۇلار نادانلىقى ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇنى ھېس قىلالمايدۇ.
(124) ئەگەر كاپىرلارنىڭ چوڭلىرىغا ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان مۆجىزىلەردىن بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇلار: «ئاللاھ بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بەرگىنىگە ئوخشاش پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك بەرمىگۈچە ھەرگىز ئىمان ئېيتمايمىز» دېيىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا كىمنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى شۇنداق ئادەمگە بېرىدىغانلىقى بىلەن رەددىيە بەردى. بۇ زالىملار ھەقتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن خار-زەبۇنلۇققا، ھىيلە-نەيرەڭلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
(125) ئاللاھ تائالا كىمنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى ئېچىپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. كىمنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرمەي خار قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ناھايىتى تار ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇكى، ئۇ ئاسمانغا چىقىشنى قىيىن كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەنگە ئوخشاش ئۇنىڭ قەلبىگە ھەقىقەت كىرگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلارنى مۇشۇنداق قاتتىق سىقىلىش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغاندەك، ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئازاب قىلىدۇ.
(126) ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا يولغا قويغان بۇ دىن ئاللاھنىڭ تۈپتۈز يولىدۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە ئەگرىلىك يوق. ھەقىقەتەن بىز ئاللاھ ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭقىرىپ، چۈشىنەلەيدىغانلار ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
(127) ئۇلارغا ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن خاتىرجەم بولىدىغان جاي جەننەت بار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا ياردەمچىسى ۋە قوللىغۇچىسىدۇر.
(128) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ئىنسان ۋە جىنلارنى توپلايدىغان كۈننى ئەسلىگىنكى، ئاللا ئۇ كۈندە: ئەي جىنلار، سىلەر نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئازدۇردۇپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستۇڭلار، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشكەن ئىنسانلار پەرۋەردىگارىغا جاۋابەن: ئەي رەببىمىز، بىز بىر-بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، يەنى جىنلار ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق پايدىلانغان بولسا، ئىنسانلار شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇش بىلەن پايدىلاندى. ئاخىرى بىزگە سەن بېكىتكەن ئەجەل كەلدى. مانا بۇ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا: دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، بۇ جايدا مەڭگۈ قالىسىلەر، لېكىن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ قوپۇپ جەھەننەمگە بارغانغا قەدەر بولغان ئاللاھ خالىغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەقدىرى ۋە پىلانلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن كىملەرنىڭ ئازابقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
(129) جىنلارنىڭ ئاسىيلىرىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئازدۇرۇشىغا يول قويغىنىمىزدەك، بىز ھەربىر زالىمغا ئۇنى يامانلىققا ئۈندەپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، ياخشىلىقتىن بەزدۈرۈپ، تاشلاتقۇزىدىغان يەنە بىر زالىمنى ھۆكۈمران قىلىمىز. (بۇنداق قىلىشىمىز) ئۇنىڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرىگە قارىتا جازا بېرىش ئۈچۈندۇر.
(130) بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، سىلەرنى قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمىدى؟ دەيمىز. ئۇلار: ئەلۋەتتە كەلگەن، بىز بۈگۈن پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ بىزگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنى ئېتىراپ قىلدۇق، لېكىن بىز دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىڭنى ئىنكار قىلغان، بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنىمۇ ئىنكار قىلغان ئىدۇق، دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ۋە بىر دەملىك خۇشاللىقى ئالداپ كەتتى، ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى. ئەمما بۇ ئېتىراپ ۋە ئىماننىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمدى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ.
(131) ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇنداق كەڭچىلىك قىلىش، ھېچكىمنىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىلمەي ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت يەتمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە قارىتا جازالىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىز ھەرقانداق بىر ئۈممەتنى پەقەت پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالاپ باقمىدۇق.
(132) ھەر كىمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، يەنى يامانلىقى كۆپ ئادەم بىلەن ئاز ئادەم، ئەگەشكۈچى بىلەن ئەگەشتۈرگۈچى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ مۇكاپاتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەس، بەلكى خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە بەندىلەرگە ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(133) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ئۇنىڭ نە بەندىلەرگە، نە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىگە ئېھتىياجى يوق، بەندىلەرنىڭ كاپىر بولۇشى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇ بەندىلەردىن بىھاجەت تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۇلارغا كۈيۈمچاندۇر. ئەي ئاسىي بەندىلەر! ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىشنى خالىسا، دەرگاھىدىن ئازاب ئەۋەتىش ئارقىلىق سىلەرنى تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قۇرۇتۇۋېتىپ، خۇددى سىلەرنىمۇ ئىلگىرىكى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن بارلىققا كەلتۈرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىگە ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلىدىغانلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
(134) ئەي كاپىرلار! سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان قايتىدىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش ۋە جازا قاتارلىق ئىشلار شەكسىز مەيدانغا كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ كۇكۇلا چېچىڭلاردىن تۇتقۇچى بولۇپ، سىلەرنى ئازابلايدۇ.
(135) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلاردا، يەنى كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇقۇڭلاردا چىڭ تۇرۇۋېرىڭلار. ھەقىقەتەن مەن كەڭ قورساقلىق بىلەن سىلەرگە ئوپئوچۇق يەتكۈزۈش ئارقىلىق پاكىتلارنى كەلتۈردۈم. شۇڭا ئەمدى سىلەرنىڭ كۇپۇرلۇقۇڭلار ۋە ئازغۇنلۇقۇڭلارغا پەرۋا قىلماستىن ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىمەن. ئۇزۇنغا قالماي دۇنيادا غەلىبىنىڭ كىمگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ۋە دۇنياغا كىمنىڭ ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرەتنىڭمۇ كىمنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. شەكسىزكى مۇشرىكلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دۇنيادا ھەر قانچە ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ياشىغان بولسىمۇ ئاقىۋىتى زىيانكارلىق بولىدۇ.
(136) مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ئىبارەت زىرائەتلەر ۋە چاھارپايلاردىن مەلۇم بىر ئۈلۈشىنى ئاللاھقا ئايرىپ قويىدىغان يوق ئىشنى پەيدا قىلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىچە: بۇ ئاللاھنىڭ، ئاۋۇ بۇت-ھەيكەللىرىمىزنىڭ نېسىۋىسى، دېيىشتى. ئۇلار شېرىكلىرىگە ئايرىغان قىسمى كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرگە ئوخشاش ئاللاھ سەرپ قىلىشقا بۇيرۇغان ئورۇنلارغا كېتىپ قالسا بولمايدۇ، ئەمما ئاللاھقا ئايرىغان قىسمىنى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىغا بېرىشكە بولىدۇكى، شۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكمى ۋە تەقسىماتى نېمىدېگەن يامان - ھە!
(137) شەيتان مۇشرىكلارغا مۇشۇنداق ناھەق ھۆكۈمنى چىرايلىق كۆرسەتكىنىدەك، كۆپلىگەن مۇشرىكلارغا شەيتانلاردىن بولغان شېرىكلىرى ئاللاھ ناھەق ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نېمىنىڭ يوللۇق، نېمىنىڭ يولسىز ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسلىكلىرى ئۈچۈن كەمبەغەللىكتىن ئەنسىرەپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىنى خالىسا ئىدى، قىلمايتتى. لېكىن ئاللاھ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن شۇنداق بولۇشىنى خالىدى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇشلىرى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. چۈنكى بۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن.
(138) مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانى ۋە يالغانلىرىغا ئاساسەن، بۇتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ پالان چاھارپاي ۋە پۇستان زىرائەتلەرنى يېيىشىگە بولمايدۇ، دېيىشتى. بۇ چاھارپايلارنى دۈمبىلىرى ھۆرمەتلىك قىلىنغان بولۇپ، مىنىشكە ۋە يۈك ئارتىشقا بولماسمىش. بۇلار بەھىيرە، سائىبە ۋە ھامىي قاتارلىقلار بولۇپ، ھەتتا بوغۇزلانغان چاغدىمۇ ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماي، شۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن بوغۇزلىنارمىش. مۇشرىكلار بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ: بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن شۇنداق بۇيرۇلغان، دەپ تۇرۇپ قىلىشتى. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىگە يالغاننى توقۇغانلىقلىرى تۈپەيلى چوقۇم ئازابلايدۇ.
(139) ئۇلار: بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى تۈرەلمىلەر تىرىك تۇغۇلسا بىزنىڭ ئەرلىرىمىزگە ھالال، ئاياللىرىمىزغا ھارامدۇر. ئەگەر ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قالسا ئەر-ئاياللارغا ئورتاقتۇر، دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مۇشۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، شەكسىزكى ئۇ يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
(140) ئەقىلسىزلىكى ۋە نادانلىقىدىن ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاپ ئۇ رىزىق قىلىپ بەرگەن چاھارپايلارنى خالىغانچە ھارام قىلغانلار ھالاك بولدى ھەمدە توغرا يولدىن يىراق قىلىندى، ئۇلار ھېچقاچان ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.
(141) ئاللاھ يەر يۈزىگە يېيىلىپ تۇرىدىغان غولسىز ئۆسۈملۈكلەرنى، زېمىندىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ياراتتى. ئۇ خورمىنى، مېۋىلىرىنىڭ شەكلى ۋە تەمى بىر-بىرىدىن پەرقلىق زىرائەتلەرنى ياراتتى، يوپۇرمىقى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئەمما تەمى ئوخشىمايدىغان زەيتۇن بىلەن ئانارنى ياراتتى. ئەي ئىنسانلار! مېۋىسى پىشقان چاغدا ئۇنىڭدىن يەڭلار، ھۇسۇل يىغقان كۈندە ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، يېمەك-ئىچمەك ۋە خەجلەشتە شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار. ئاللاھ بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆچ كۆرىدۇ. شەكسىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياراتقان زات بەندىلىرىگە ئۇلارنى ھالال قىلىپ بەردى. شۇڭا مۇشرىكلارنىڭ بۇنى ھارام قىلىش ھەققى يوق.
(142) ئاللاھ تائالا چوڭ تۆگىلەرگە ئوخشاش يۈك ئارتىشقا بولىدىغان، بوتىلاق ۋە قويلارغا ئوخشاش يۈك ئارتىشقا يارىمايدىغان چاھارپايلارنى سىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەردى. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال رىزىق قىلىپ بەرگەن بۇ نەرسىلەردىن يەڭلار، مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلىش، ھالال قىلغاننى ھارام قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇركى، ئۇ سىلەرنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىي بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
(143) ئاللاھ سىلەرگە سەككىز تۈرلۈك چاھارپاينى يارىتىپ بەردى: قويدىن بىر جۈپ: قوچقار ۋە ساغلىق، ئۆچكىدىن بىر جۈپ: تېكە ۋە ئۇرغاچى. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ قوي بىلەن ئۆچكىدىن ئىككى ئەركەكنى ئەركەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: ھەئە دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا چىشىلىرىنى ھارام قىلىسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئىككى چىشىنى چىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: شۇنداق دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلىسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنى قورساقتا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: ھەئە دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىڭ بىر قېتىم ئەركىكىنى، يەنە بىر قېتىم چىشىسىنى ھارام قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئايرىيسىلەر؟ ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن ھارام قىلىنغان دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قېنى سىلەر ئاساسلانغان توغرا ئىلىمنى دەپ .بېقىڭلار؟
(144) ئاللاھ سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن سەككىز تۈرلۈك چاھارپاينىڭ قېپقالغىنى تۆگىدىن بىر جۈپ، كالىدىن بىر جۈپتۇر. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ چاھارپايلار ئىچىدىن ئىككى ئەركەكنى ئەركەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى چىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى بوتىلاق بىلەن موزاي ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەي مۇشرىكلار! بولمىسا سىلەر دەۋا قىلغىنىڭلاردەك ئاللاھ بۇ چاھارپايلار ئىچىدىن سىلەر ھارام دەپ بىلگىنىڭلارنىڭ ھاراملىقىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان يەردە بارمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، ئۇ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنىمۇ ھارام قىلغانلىقنى ئۇنىڭغا نىسبەت بەرگەن كىشىدىنمۇ زالىم ۋە گۇناھكار بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى ئاللاھ تائالا زالىملارنى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلىقلىرى ئۈچۈن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
(145) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىلەر ئىچىدە تۆۋەندىكىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەر: بوغۇزلىماستىن ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان چاھارپايلار ياكى ئېقىپ چىققان قان ياكى چوشقا گۆشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار نىجىستۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارمۇ ھارام بولۇپ، بۇلار مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ بوغۇزلانغان نەرسىلەرگە ئوخشاشتۇر. كىمكى قاتتىق ئاچلىقتىن مۇشۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بوپقالسا، كۆڭلى تارتىپ، يېيىشتىن ھۇزۇرلىنىپ كەتمىگەن ۋە زۆرۈرىيەت مىقدارىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ئاساستا يېگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئامالسىزلىقتىن ھارام قىلىنغان نەرسىدىن ئازراق يېگەن كىشىنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىدۇر.
(146) بىز يەھۇدىيلارغا تۆگە ۋە تۆگە قۇشىغا ئوخشاش توم تۇياقلىق ھايۋانلارنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا يەنە كالا، قويلارنىڭ دۈمبە ياغلىرى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى چاۋا ياغلىرى ۋە ياكى قۇيرۇق ۋە قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان ياغلىرىدىن باشقىسىنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىشى ئارقىلىق قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىدۇق. بىز ھەقىقەتەن دېگەن سۆزىمىزدە راستچىللارمىز.
(147) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سېنى ئىنكار قىلىپ، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمىگەن بولسا، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ ئېيتقىنكى: پەرۋەردىگارىڭلار ھەقىقەتەن چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ سىلەرگە مۆھلەت بېرىپ، ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكىمۇ ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-شەپقىتىدىندۇر. يەنە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئازابى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىدىغان كىشىلەردىن قايتۇرۇلمايدۇ.
(148) مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە تەقدىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ توغرا قىلغانلىقىغا باھانە قىلىپ: ئەگەر ئاللاھ بىزنىڭ ۋە ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شېرىك كەلتۈرمەسلىكىمىزنى خالىسا ئىدى، بىز ھەرگىزمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق. ئەگەر ئاللاھ بىز ئۆزىمىزگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلماسلىقىمىزنى خالىسا ئىدى، ئۇ نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ ھارام قىلمىغان بولاتتۇق، دېيىشىدۇ. بۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش قۇرۇق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ: ئەگەر ئاللاھ بىزنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلماسلىقىمىزنى خالىسا ئىدى، بىز ئۇلارنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايتتۇق، دېگەن ئىدى. ئۇلار تاكى بىزنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈرگەن ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر ئىزچىل مۇشۇنداق ئىنكارچىلىق قىلىپ كەلگەن. ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ھەمدە ئۆزى ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال، ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىشىڭلاردىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتىڭلار بارمۇ؟ سىلەرنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭلارنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ سىلەردىن رازى ئىكەنلىكىگە پاكىت بولالمايدۇ. شەكسىزكى سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر، گۇمان ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. سىلەر پەقەت يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر.
(149) ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مۇبادا سىلەرنىڭ مۇشۇ ئاجىز پاكىتىڭلاردىن باشقا پاكىتىڭلار بولمىسا، شەكسىزكى ئاللاھنىڭ سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇق باھانە-سەۋەبلىرىڭلارنى تامامەن بەربات قىلىۋېتەلەيدىغان، سىلەر ئېسىلىۋاتقان گۇمانىڭلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋېتەلەيدىغان كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلىرى بار. ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھەقىقەتكە ئېرىشتۈرۈشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتى.
(150) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىدىغان، ئاندىن بۇنى ئاللاھ ھارام قىلدى، دەپ جار سالىدىغان بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ھارام قىلغان مۇشۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭمۇ ھارام قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى چوقۇم ھارام قىلغانلىقىغا ئاساسسىز گۇۋاھلىق بەرسە، ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگىن، چۈنكى ئۇ يالغان گۇۋاھلىقتۇر. ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى رەھبەر قىلىدىغانلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن. ئۇلار ئاللاھ ئۆزلىرىگە ھالال قىلغاننى ھارام قىلغان چاغدىلا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرۈپ، باشقىلارنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلىشىدۇ. پەرۋەردىگارىغا تۇتقان مۇئامىلىسى مۇشۇنداق بولغان ئادەمگە قانداقمۇ ئەگەشكىلى بولسۇن؟
(151) ئەي پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى، كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ نېمىلەرنى ھارام قىلغانلىقىنى ئوقۇپ بېرەي. ئاللاھ سىلەرگە مەخلۇقاتلىرىدىن بىرەر نەرسىنى ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈشىڭلارنى، ئاتا -ئاناڭلارنى قاقشىتىشىڭلارنى -ئەكسىچە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىش سىلەرگە ۋاجىب-، جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ قىلغىنىدەك كەمبەغەللىك تۈپەيلى بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلارنى ھارام قىلدى. بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا-يۇشۇرۇن ھالدا زىنايى-پاھىشىلەرگە يېقىن يولىشىڭلارنى، ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلارنى ھارام قىلدى، توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلىش، ئىسلامغا كىرىپ بولۇپ دىندىن يېنىۋېلىشقا ئوخشاش (جىنايەتلەر تۈپەيلىدىن) ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىنى چۈشەنسۇن دەپ ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ مەزكۇر ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى.
(152) ئاللاھ سىلەرنىڭ -بالاغەت يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن دادىسىدىن ئايرىلغان- يېتىملەرنىڭ مېلىغا چېقىلىشىڭلارنى ھارام قىلدى. يېتىم تاكى بالاغەتكە يېتىپ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مېلىغا پايدىسى تېگىدىغان ۋە ئۇنى كۆپەيتىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرگە ئۆلچەم ۋە تارازىلاردا كەم بېرىشنى ھارام قىلغان بولۇپ، ئەكسىچە سىلەر سودا-سېتىقتىكى ئېلىش-بېرىشلەردە ئادىل بولۇشۇڭلار كېرەك. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايمىز. كەم-زىيادە بوپقېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئۆلچەپ-تارتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردە يۈز بېرىپ قالغان كەم-زىيادىلىكلەردە ئەيىبكە بۇيرۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە خەۋەر ياكى گۇۋاھلىقلاردا ھېچبىر ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست-يارەنگە يان باسماستىن توغرىدىن باشقىنى دېيىشىڭلارنى ھارام قىلدى، ئاللاھ يەنە ئەگەر ئاللاھقا بىرەر ۋەدە بەرگەن بولساڭلار ياكى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇشۇڭلارنىمۇ ھارام قىلدى، ئەكسىچە بۇنىڭغا ۋاپا قىلىشىڭلار كېرەك. ئاللاھ سىلەرنى يۇقىرىدا كەسكىن رەۋىشتە بۇيرۇغان بۇ ئىشلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئاقىۋىتىڭلارنى ئېسىڭلارغا سېلىش ئۈچۈندۇر.
(153) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئازغۇنلۇق يوللىرىغا مېڭىشىڭلارنى ھارام قىلدى، سىلەر ئاللاھنىڭ ھېچقانداق ئەگرىلىك بولمىغان، تۈپتۈز يولىدا مېڭىشىڭلار كېرەك. ئازغۇنلۇق يوللىرى سىلەرنى تەپرىقچىلىق ۋە توغرا يولدىن يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھنىڭ تۈپتۈز يولىدا مېڭىش ئاللاھ سىلەرنى تەۋسىيە قىلغان ئىشتۇركى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققايسىلەر.
(154) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردىن خەۋەردار قىلغىنىمىزدىن كېيىن شەكسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەرگەنلىكىمىزنىمۇ ئېيتىپ بېرىمىز. مۇساغا تەۋراتنى بېرىشىمىز، ئۇنىڭغا بەرگەن نېئمىتىمىزنى تاماملاش، ئۇنى قىلغان ئېھسانىغا قارىتا مۇكاپاتلاش، دىندا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەرقانداق ئىشنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش، توغرىغا يېتەكلەش ۋە رەھمەت قىلىش ئۈچۈندۇركى، بەنى ئىسرائىل قىيامەت كۈنىدىكى پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمان ئېيتىپ، ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغاي.
(155) بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان كىتابتۇركى، ئۇ دىنىي ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن بەرىكەتلىكتۇر. شۇڭا رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭدا نازىل قىلىنغانغا ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
(156) ئەي ئەرەب مۇشرىكلىرى! (مېنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ ئاللاھ ھەقىقەتەن بىزدىن ئىلگىرى يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلدى، ئەمما بىزگە ھېچبىر كىتاب نازىل قىلمىدى، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى تېخى ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى ئۇ كىتابلار ئۇلارنىڭ تىلىدا بولۇپ، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئەمەس، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
(157) يەنە: ئەگەر ئاللاھ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا نازىل قىلغىنىدەك بىزگىمۇ بىرەر كىتاب نازىل قىلغان بولسا ئىدى، بىزمۇ ئەلۋەتتە ئۇلاردىن بەكرەك توغرا يولدا بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگىمۇ ئاللاھ پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆز تىلىڭلاردا نازىل قىلغان كىتاب كەلدى، ئەنە شۇ روشەن پاكىتتۇر، توغرىغا يېتەكلىگەنلىكتۇر، ئۈممەتكە قىلىنغان رەھمەتتۇر. شۇڭا قۇرۇق باھانىلەر بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئاقلاپ، ئاساسسىز سەۋەبلەرنى كۆرسەتمەڭلار. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كەتكەن كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. بىز ئايەتلىرىمىزدىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بۇرۇلۇپ، يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىتا جازالاش يۈزىسىدىن ئۇلارنى دوزاخ ئوتىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق قاتتىق ئازابلايمىز.
(158) ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە پەقەت دۇنيادا جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ كېلىشىنى ياكى ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھېساب كۈنى كېلىشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ قىيامەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلىرىدىن بىرەرى كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ -قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىغا ئوخشاش- بىرەر مۆجىزىسى كەلگەن كۈندە كاپىرنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياخشىلىق قىلمىغان مۇئمىننىڭ بۇ چاغدا قىلغان ياخشىلىقىنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا: سىلەرمۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز، دېگىن.
(159) ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن دىنىنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسمىنى چۆرۈۋەتكەن ھەمدە تۈرلۈك-تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ دىنىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ئەمەسسەن. سەن ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن ئادا-جۇداسەن، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلغاندۇر. ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(160) قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەردىن قانداق بىر ئادەم بىر ياخشىلىق بىلەن كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىق قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. كىمكى بىر يامانلىق بىلەن كەلسە، جازانىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىدە پەقەت ئۆزى قىلغان يامانلىقىغا تۇشلۇق جازالىنىدۇ، جازا يامانلىقتىن ئېغىرلىتىلمايدۇ. بەندىلەر قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلىرىنىڭ ساۋابى كېمەيتىلىش، يامانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئېغىرلىتىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
(161) ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى تۈپتۈز يولغا، يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنىڭ كاپالىتى بولغان دىننىڭ يولىغا يېتەكلىدى، ئۇ ھەقكە بۇرۇلغان ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇركى، ئىبراھىم ھېچقاچان مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.
(162) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن مېنىڭ نامىزىم، ئاللاھ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلغان قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يېگانە ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇنىڭدا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ قىلچە نېسىۋىسى يوقتۇر.
(163) ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدمۇ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا مېنى شېرىكتىن ساپ بولغان مۇشۇ تەۋھىدكە بۇيرۇدى، مەن بۇ ئۈممەت ئىچىدە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن.
(164) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، مەن ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟ ئاللاھ سىلەر ئۇنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر. گۇناھسىز بىر ئادەم باشقىلارنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنى يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسلەر، ئۇ سىلەرگە دۇنيادا دىندا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
(165) ئاللاھ زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى بۇ زېمىندا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئورۇنباسارى قىلدى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى يارىتىشتا، رىزىقتا ۋە باشقا تەرەپلەردە باشقىلاردىن نەچچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە بەرگەن ئاشۇ نېئمەتلەر ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىمدىلدۇر.