(1) زېمىن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا،
(2) قوينىدىكى ئۆلۈكلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلىغان چاغدا،
(3) ئىنسان نېمە قىلارىنى بىلەلمەي: زېمىن نېمشىقا تىترەپ، جىم تۇرمايدۇ؟ دېگەن چاغدا،
(4) ئەنە شۇ بۈيۈك كۈندە زېمىن ئۆز ئۈستىدە قىلىنغان بارلىق ياخشى ۋە يامان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
(5) چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شۇنى بىلدۈرگەن ھەم بۇيرۇغاندۇر.
(6) زېمىن تەۋرەپ كېتىدىغان ئاشۇ بۈيۈك كۈندە ئىنسانلار دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھېساب ئورنىدىن توپ - توپ بولۇپ چىقىدۇ.
(7) كىمكى كىچىك چۈمۈلىگە چاغلىق بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئۇنى كۆز ئالدىدا كۆرىدۇ.
(8) كىمكى كىچىك چۈمۈلە چاغلىق بىرەر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇنى كۆز ئالدىدا كۆرىدۇ.