100 - سۈرە ئادىيات ()

|

(1) ئاللاھ تائالا قاتتىق يۈگۈرگەنلىكىنىڭ ئاۋازى ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئاڭلىنىدىغان دەرىجىدە تېز چاپىدىغان ئات بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) تۇۋاقلىرى يەرگە قاتتىق چۈشكەنلىكتىن تاشلارغا تەگكەندە ئوت چىقىرىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى.

(3) سەھەر ۋاقتىدا دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى.

(4) ئۇ ئاتلار يۈگۈرۈپ توپا - چاڭ چىقىرىدۇ.

(5) چەۋەندازلىقى بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

(6) شەكسىزكى ئىنسان پەرۋەردىگارى ئىرادە قىلغان ياخشىلىقنى چەكلىگۈچىدۇر.

(7) شەكسىزكى ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشىلىقنى چەكلىگەنلىكىگە شاھىدتۇركى، بۇ ئاشكارا ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇ بۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ.

(8) ئىنسان مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن بېخىللىق قىلىدۇ.

(9) دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۇم چۈشكەن بۇ ئىنسان ئاللاھ تائالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ، زېمىن ئۇلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چىقارغان چاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۆزى خىيال قىلغاندەك بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟

(10) دىللاردىكى نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە باشقا نەرسىلەر ھەممىسى ئاشكارا قىلىندى.

(11) شەكسىزكى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاشۇ كۈندە ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.