(1) ئەلىف، لام، را. بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر ھەققىدە سۆزلىنىپ بولدى. قۇرئان ئايەتلىرى تۈزۈلىشى ۋە مەناسى تەرىپىدىن پۇختا كىتابتۇر. سەن بۇ كىتابتا ھېچقانداق يوچۇق ۋە نۇقساننى تاپالمايسەن. بۇ كىتابتا ھالال ۋە ھارام، بۇيرۇق ۋە چەكلىمە، ئاللاھنىڭ ياخشىلارغا قىلغان ۋەدىلىرى بىلەن ناچار ئادەملەرگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قىسسىلەر بايان قىلىنغان. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئەھكاملارنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارغا ماس كېلىدىغان نەرسىلەردىن خەۋەردار زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
(2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا باشقا نەرسىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلىشتىن چەكلەشدۇر. ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى ئەگەر كاپىر بولساڭلار ۋە ئاسى بولساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن قورقۇتىمەن، ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلساڭلار ئاللاھنىڭ ساۋابى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچىمەن.
(3) ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن گۇناھىڭلارنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تەلەپ قىلىڭلار، ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىڭلارغا پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتى دۇنيادىن ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ئەمەل ۋە ئىبادەت قىلغان ھەر قانداق كىشىگە ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ. ئەگەر سىلەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن قورقۇتىمەن.
(4) ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ. سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۈرۈپ سىلەردىن ھېساب ئېلىشتىن ئاللاھ ئاجىز كەلمەيدۇ.
(5) راستىنلا مۇشرىكلار نادانلىقتىن دىللىرىدىكى شەكنى ئاللاھتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆكرەكلىرىنى ئىگىپ ماڭىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار باشلىرىنى كىيىم بىلەن چۆمكىۋالغاندىمۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن قەلبتە يوشۇرۇلغان نەرسىنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
(6) يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارچە مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشنى مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ. بارچە مەخلۇقلار، ئۇلارنىڭ رىزقى، تۇرار جايى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا، يەنى لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈلگەندۇر.
(7) ئاللاھ تائالا شۇنچىۋالا كاتتا ھالەتتىكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەمدە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەرشى بۇ ئىككىسى يارىتىلىشتىن ئىلگىرى سۇ ئۈستىدە ئىدى. ئەي ئىنسانلار! (ئاللاھنىڭ بۇنداق كاتتا مەخلۇقاتلارنى يارىتىشى) قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە بولىدىغانلىقىنى ۋە قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىنىڭ ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان رەۋىشتە ناچار بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش، ئاندىن ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇلارغا: ئى ئىنسانلار! سىلەر ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرىلدۈرۈلىسىلەر، دېسەڭ، ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلار چوقۇم: سەن ئوقۇۋاتقان بۇ قۇرئان پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، ئۇ ئېنىق سەپسەتىدۇر، دەيدۇ.
(8) ئەگەر بىز مۇشرىكلار دۇنيادا دۇچار بولىدىغان ئازابنى مەلۇم ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ئۇلار ئالدىراپلا مەسخىرە قىلىپ: بۇ ئازابنى بىزدىن نېمە توسۇپ قالدى؟ دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئازابنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم ۋاقتى بار، ئۇلارغا ئۇ ئازاب كەلگەندە ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئازابنى قايتۇرغۇچى تاپالمايدۇ بەلكى ئۇلارغا ئازاب چوقۇم كېلىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ.
(9) ئەگەر بىز ئىنسانغا تەن ساقلىقى ۋە بايلىققا ئوخشاش نېئمەتلەرنى بېرىپ بولۇپ تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، ئاللاھ نېئمەتلەرنى تارتىۋالغان چاغدا ئېرىشكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ.
(10) ئەگەر بىز ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن كەمبەغەلچىلىك ۋە كېسەللىكتىن كېيىن باياشاتلىق ۋە تەن ساقلىقىنىڭ تەمىنى تېتىتساق ئۇ چوقۇم: ئەمدى مەن خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇم، كېسىلىممۇ ساقايدى، دەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئاللاھقا شۈكرى قىلمايدۇ. شەكسىزكى ئۇ كۆپ كۆرەڭلەيدىغان، مەنمەنچى، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان مەخلۇقتۇر.
(11) لېكىن قىيىنچىلىقلارغا، تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ جاپاسىغا ۋە گۇناھ-مەئسىيەت قىلماسلىققا سەۋر قىلالىغان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگىمۇ تۇزكورلۇق قىلمايدۇ، باشقىلارغا چوڭچىلىقمۇ قىلمايدۇ. بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بولىدۇ.
(12) ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشرىكلارنىڭ كۇپرىلىقى، سەركەشلىكى ۋە مۆجىزىلەرنى تەلەپ قىلىشىغا كۆپ ئۇچرىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ئەمەل قىلىش ئېغىر كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزگۈڭ كەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ: نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۇنى باي قىلىۋېتىدىغان بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە راست پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان بىرەر پەرىشتە كەلمىدى، دېمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزگەنلىكىڭدىن سىقىلىش ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن. لېكىن بۇنى دەپ ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننىڭ ئازراق بىر قىسمىنىمۇ چالا قويمىغىن. سەن پەقەت ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، سېنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغانلىكى مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىڭ يوق. ئاللاھ ھەر نەرسىنى نازارەت قىلغۇچىدۇر.
(13) مۇشرىكلار: مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى ئويدۇرغان، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىي ئەمەس، دېيىشەمدۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ: ئەگەر «قۇرئان بىر توقۇلما» دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار سىلەرچە توقۇلما بولغان قۇرئاندىكىدەك چىنلىققا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسەڭلارمۇ، مۇشۇ قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئويدۇرۇلغان ئون سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، بۇنىڭغا ياردەملەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتكەن ھەر كىمنى چاقىرىڭلار، دېگىن.
(14) ئەگەر ئۇلار كۈچى يەتمىگەنلىكتىن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇندىيالمىسا، ئەي مۇئمىنلەر! شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇ توقۇلما ئەمەس. يەنە شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. مۇشۇنداق كەسكىن دەلىل-پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىنغۇ ئاللاھقا بويسۇنارسىلەر؟.
(15) كىمكى قىلغان ئەمەللىرى ئارقىلىق ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ بىر دەملىك مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىكەن، بىز ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىمىز، يەنى تەن ساقلىقى، خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىق ئاتا قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.
(16) بۇنداق ناچار خىسلەتلىك كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ھېچقانداق مۇكاپات يوق، ئۇلار پەقەت دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى دۇنيادا ئېلىپ بولغان بولۇپ، ئەمەللىرى يوققا چىققان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمىلىدىن بۇرۇن نە ئىمانى، نە بىر دۇرۇس نىيىتى يوق ئىدى. دېمەك ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەتنى كۆزلىمەيتتى.
(17) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتى ۋە يېنىدا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن جىبرىئىل بولغان ھەمدە پەيغەمبەرلىكىگە، پۈتكۈل ئىنسانلارغا رەھبەر ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىگە بۇندىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتمۇ گۇۋاھلىق بېرىدىغان مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئازغۇنلۇقتا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان ئاۋۇ كاپىرلارغا ئوخشىمايدۇ. ماۋۇلار قۇرئانغا ۋە ئۇ قۇرئان نازىل قىلىنغان مۇھەممەدكە ئىمان ئېيتىدۇ. خىلمۇخىل دىن ئەھلىدىن كىمكى مۇھەممەدكە (ياكى قۇرئانغا) كاپىر بولىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! قۇرئاندىن ۋە كاپىرلارغا قىلىنغان ۋەدىدىن شەكلەنمىگىن. چۈنكى ئۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر روشەن دەلىل-پاكىتلار دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ.
(18) شېرىكنى ۋە بالىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم بىرى يوق. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىغان بۇ ئادەملەر قىيامەت كۈنى قىلمىشلىرىدىن سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ئالدىغا تىزىلىدۇ. پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن بولغان گۇۋاھچىلار ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ: ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلار مانا مۇشۇلار. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، دەيدۇ.
(19) كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن توسىدىغانلار، ھەق يولغا ھېچكىم ماڭمىسۇن دەپ باتىلنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىشەنمەيدۇ ھەم ئىنكار قىلىدۇ.
(20) ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەندە ھېچ يەرگە قېچىپ قۇتۇلالمىدى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ياردەمچىلىرىمۇ بولمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن بۇرۇلۇپ كېتىپ، باشقىلارنىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى قاتمۇ-قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ھەقنى ۋە ھىدايەتنى قوبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلىيالمىدى، ھەقتىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى مۆجىزىلىرىنى ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان شەكىلدە كۆرەلمىدى.
(21) ئەنە شۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەت ھاڭلىرىغا ئىتتىرىش ئارقىلىق زىيان تارتقان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئويدۇرغان شېرىكلەر ۋە شاپائەتچىلەر ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
(22) ئەمەلىيەتتە ئۇلار قىيامەت كۈنى سودىدا زىيان تارتقۇچىلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىماننى كۇپرىغا، ئاخىرەتنى دۇنياغا، رەھمەتنى ئازابقا تېگىشتى.
(23) شۈبھىسىزكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، ئاللاھقا بويسۇنۇپ، باش ئەگكەنلەر جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.
(24) كاپىرلار ۋە مۇئمىنلەردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ بار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى كۆزى كۆرمەيدىغان قارىغۇ، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان پاڭغا ئوخشايدۇ. بۇ، ھەقنى قوبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلىمايدىغان، ئەسقاتىدىغان رەۋىشتە كۆرمەيدىغان كاپىر گۇرۇھنىڭ مىسالىدۇر. يەنە بىرى ئاڭلايدىغان ھەم كۆرىدىغان كىشىنىڭ مىسالى بولۇپ، بۇ بولسا ھەم ئاڭلايدىغان، ھەم كۆرىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ مىسالىدۇر، بۇ ئىككى گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ ھالى ۋە سۈپىتى ئوخشاش بولامدۇ؟، ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىدىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
(25) شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە سىلەرگە ئەۋەتىلگەن دىننى روشەن بايان قىلىپ بەرگۈچىمەن.
(26) مەن سىلەرنى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىمەن، پەقەت ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار. سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ دەرتلىك ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.
(27) ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغان ئاقسۆڭەك، مۆتىۋەرلەر: بىز سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ھەرگىز ئاۋاز قوشمايمىز، چۈنكى سېنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق، سەنمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت ئارىمىزدىكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭلا ساڭا ئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، يەنە كېلىپ بىز سىلەرگە ئەگەشكۈدەك سىلەرنىڭ شان-شەرەپ، مال-دۇنيا ۋە يۈز-ئابرويدا بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، ئەكسىچە بىز سىلەرنى دەۋايىڭلاردا يالغانچى دەپ قارايمىز، دېيىشتى.
(28) نۇھ ئېيتتى: ئەي قەۋمىم، قېنى دەپ بېقىڭلار! ئەگەر مەن راست پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان، سىلەرنىڭ ماڭا ئىشىنىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدىغان، پەرۋەردىگارىم تەرەپتىن كەلگەن دەلىل-پاكىتقا ئاساسلانغان بولسام، پەرۋەردىگارىم ماڭا ئۆز دەرگاھىدىن رەھمەتنى، يەنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى بەرسە، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنى بىلەلمىسەڭلار، بىز سىلەرنى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ، ئىماننى قەلبىڭلارغا مەجبۇرىي كىرگۈزەلەمدۇق؟ ئۇنداق قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىدىغىنى پەقەت ئاللاھ تائالادۇر.
(29) ئەي قەۋمىم! پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل-مال تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھ بېرىدۇ. سىلەر قوغلىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلغان كەمبەغەل مۇمىنلەرنى مەن سۆھبىتىمدىن قوغلىمايمەن. ئۇلار قىيامەت كۈنى چوقۇم پەرۋەردىگارىغا ئۇچرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئىمانىغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. لېكىن سىلەر ئاجىز مۇمىنلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن مەن سىلەرنى بۇ چاقىرىقنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر دەپ قارايمەن.
(30) ئەي قەۋمىم! ئەگەر مەن بۇ مۇمىنلەرگە ئۇۋال قىلىپ، ھېچ سەۋەبسىزلا يېنىمدىن قوغلىۋەتسەم، مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم قۇتقۇزالايدۇ؟. پەند-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئەڭ مۇۋاپىق ھەم ئەڭ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشمامسىلەر؟.
(31) ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرگە: قولۇمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ئۇنى سىلەرگە بېرىمەن، دېمەيمەن. غەيىبنى بىلىمەنمۇ دېمەيمەن ھەم ئۆزۈمنى پەرىشتىمۇ دېمەيمەن. ئەكسىچە مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان. سىلەر كۆزگە ئىلماي مەسخىرە قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئاللاھ ھەرگىز تەۋپىق ۋە ھىدايەت بەرمەيدۇ دەپمۇ ئېيتمايمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ۋە ئەھۋاللىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ناۋادا مەن بۇنداق دېسەم، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق زالىملاردىن بوپقالىمەن.
(32) ئۇلار يولسىزلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ: ئەي نۇھ! بىز بىلەن ناھايىتى كۆپ مۇنازىرىلەشتىڭ، مۇنازىرىلىشىپمۇ ھەقىقەتەن كۆپ مۇنازىرىلەشتىڭ. ئەگەر دەۋايىڭدا راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باقمامسەن؟ دېيىشتى.
(33) نۇھ ئۇلارغا جاۋابەن: مەن سىلەرگە ئازاب كەلتۈرەلمەيمەن. ئەگەر خالىسا ئۇنى پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ. ناۋادا ئاللاھ سىلەرنى ئازابلىماقچى بولسا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
(34) ناۋادا ئاللاھ تەرسالىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتمەكچى، ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلماقچى بولسا، مېنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىمنىڭ سىلەرگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بارچە ئىشىڭلارغا شۇ زات ئىگە. شۇڭا ئۇ خالىسا سىلەرنى ئازدۇرۇۋېتىدۇ. قىيامەت كۈنى پەقەت شۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(35) نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىر بولۇش سەۋەبى شۇكى، ئۇلار نۇھ ئېلىپ كەلگەن بۇ دىننى ئاللاھ نامىدىن ئۆزى توقۇۋالدى، دەپ قارايتتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۇبادا مەنمۇ ئۇنى ئۆزۈم توقۇۋالغان بولسام ئۆز ئۇۋالىم ئۆزۈمگە، ئەمما سىلەرنىڭ ئىنكارچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالمايمەن، مەن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدادۇرمەن.
(36) ئاللاھ نۇھقا ۋەھىي قىلىپ: ئەي نۇھ! ئەمدى ساڭا قەۋمىڭدىن ھازىرغىچە ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. مۇشۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە قەۋمىڭنىڭ سېنى يالغانغا چىقارغانلىقى ۋە مەسخىرە قىلغانلىقىدىن قايغۇرۇپ كەتمىگىن، دېدى.
(37) بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا، ھېمايىمىز ئاستىدا، ۋەھىي ئارقىلىق ئۆگەتكىنىمىز بويىچە بىر كېمە ياسىغىن، كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا مۆھلەت بېرىشىم توغرۇلۇق ماڭا سۆز ئاچمىغىن. شەكسىزكى ئۇلار كاپىرلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ جازاسى ئۈچۈن چوقۇم توپان بالاسىدا غەرق قىلىنىدۇ.
(38) نۇھ پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېمە ياساشقا كىرىشتى. قەۋمىنىڭ مۆتىۋەر كاتىباشلىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە نە سۇ، نە دەريا يوق يەردە كېمە ياسىغانلىقىدىن ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى. ئۇلار نۇھنى مەسخىرە قىلىۋەرگەچكە نۇھ ئۇلارغا: ھەي خالايىق! سىلەر ھازىر بىزنى كېمە ياسىغانلىقىمىز ئۈچۈن مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ چوقۇم سىلەرنى ئاقىۋەتتە ئۆزۈڭلارنىڭ غەرق بوپكېتىشىڭلارنى بىلمىگىنىڭلار ئۈچۈن مەسخىرە قىلىمىز.
(39) بۇ دۇنيادا كىمنىڭ بېشىغا خورلىغۇچى ئازاب كېلىدىغانلىقىنى، قىيامەتتىمۇ كىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.
(40) نۇھ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېمىنى ياساپ پۈتكۈزدى. تۇپان بالاسىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ نان ياقىدىغان تونۇرلىرىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا بىز نۇھقا: كېمىگە يەر يۈزىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەردىن ئىمان ئېيتمىغانلىقتىن غەرق قىلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەنلىرىدىن باشقىسىنىمۇ ئالغىن، دېدۇق. نۇھ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان شۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ قەۋمىدىن پەقەت ئازغىنە كىشىلەرلا ئىمان ئېيتقان ئىدى.
(41) نۇھ ئائىلىسى ۋە قەۋمى ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلارغا: كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر، دېدى. ئاللاھنىڭ مۇمىنلەرنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزغانلىقىمۇ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
(42) كېمە ئۇلارنى تاغدەك چوڭ دولقۇنلار ئىچىدە ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى. نۇھ ئاتىلىق تۇيغۇسى بىلەن دادىسى ۋە خەلقىدىن ئايرىم بىر جايدا تۇرغان كاپىر ئوغلىغا: ئوغلۇم! غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلاي دېسەڭ بىز بىلەن بىرگە كېمىگە چىقىۋالغىن، كاپىرلارنىڭ سېپىدە تۇرما. ئۇنداق قىلساڭ سەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش غەرق بوپكېتىسەن، دەپ توۋلىدى.
(43) نۇھنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا: مەن ئېگىز تاغقا چىقىۋالىمەن، تاغ مېنى سۇ ئېقىتىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، دېدى. نۇھ ئوغلىغا: بۈگۈن شەپقەتلىك ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ئېلىشنى خالىغان بەندىسىدىن باشقا ھېچكىم تۇپان بالاسىدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى پەقەت ئاللاھلا غەرق بوپكېتىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ، دېدى. شۇ ئەسنادا نۇھ بىلەن كاپىر ئوغلىنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن توپاندا غەرق بولغۇچىلاردىن بوپكەتتى.
(44) ئاللاھ تۇپان بالاسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زېمىنغا: ئى زېمىن، سۈيۈڭنى يۇتقىن، دېدى. ئاسمانغىمۇ: ئى ئاسمان، ئەمدى توختا، يامغۇر ياغدۇرما، دەپ بۇيرۇق قىلدى. سۇ بىردىنلا كېمىيىپ، يەر يۈزى قۇرىدى، ئاللاھ كاپىرلارنى ھالاك قىلىۋەتتى، كېمە جۇدىي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ئۇنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن ۋە ھالاك بوپكەتسۇن، دېيىلدى.
(45) نۇھ پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم ھەقىقەتەن مېنىڭ ئائىلەمدىن ئىدى، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، شەكسىزكى سېنىڭ ۋەدەڭ راستتۇركى، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن. سەن بولساڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ ئادالەتلىكى ۋە ئەڭ ياخشى بىلگۈچىسەن، دېدى.
(46) ئاللاھ نۇھقا ئېيتتى: ئەي نۇھ! سەن قۇتقۇزۇپ قېلىشىمنى سورىغان ئوغلۇڭ مەن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلغان ئائىلەڭدىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ كاپىردۇر ھەم سېنىڭ بۇ تىلىكىڭ ساڭا مۇناسىپ ئەمەس، سەندەك بىر ئادەمگە بۇنداق قىلىش ياراشمايدۇ. شۇڭا مەلۇماتىڭ بولمىغان ئىشلارنى مەندىن سورىمىغىن. شەكسىزكى مەن سېنى نادانلاردىن بوپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىمەن. بولمىسا سەن مېنىڭ ئىلمىم ۋە ھېكمىتىمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نەرسىنى تىلەيسەن.
(47) نۇھ ئېيتتى: ئەي پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ بىلمىگەن نەرسىنى سوراپ سېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن. ئەگەر گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە مېنى ئۆز رەھمىتىڭگە ئالمىساڭ، ئاخىرەتتىكى نېسىۋىلىرىدىن قۇرۇق قالغان زىيانكارلاردىن بوپقالىمەن.
(48) ئاللاھ نۇھقا ئېيتتى: ئەي نۇھ! كېمىدىن تىنچ-ئامان ھالەتتە، ئاللاھنىڭ ساڭا ۋە سەن بىلەن بىرگە كېمىگە چىققان مۇئمىنلەرنىڭ سەندىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلغان چەكسىز نېئمەتلىرى ئىچىگە چۈشۈڭلار. دۇنيادا ئۇلارنىڭ يەنە بىر تۈركۈم كاپىر ئەۋلادلىرىمۇ باركى، بىز ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىنلا بەھرىمەن قىلىپ، ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئاخىرەتتە بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ.
(49) نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قىسسىسى غەيىبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر. ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا بۇنى ۋەھىي قىلىشتىن بۇرۇن نە سەن، نە قەۋمىڭ بۇ ئىشلارنى بىلمەيتتىڭلار. شۇڭا خۇددى نۇھقا ئوخشاش، قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە ئىنكار قىلىشلىرىغا سەۋرچان بولغىن. چۈنكى نۇسرەت ۋە غەلىبە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرگەن ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرغان كىشىلەرگە مەنسۇپتۇر.
(50) بىز ئادقا قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد ئۇلارغا: ئەي قەۋمىم، يەككە- يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلماڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار يوق. سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دىگەن دەۋايىڭلاردا پەقەت يالغانچىسىلەر، دېدى.
(51) ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىمگە ۋە ئۇنىڭ تەرىپىگە چاقىرغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ، چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمامسىلەر؟
(52) ئەي قەۋمىم! ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، (ئەڭ چوڭى شېرىك بولغان) گۇناھلىرىڭلاردىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە بۇنىڭغا قارىتا مول يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپات بېرىدۇ، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە مال-مۈلۈكۈڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىش ئارقىلىق كۈچۈڭلارغا كۈچ قاتىدۇ. چاقىرىقىمدىن قاچماڭلار، بولمىسا چاقىرىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقىڭلار ھەمدە مەن ئېلىپ كەلگەن دىننى يالغانغا چىقارغانلىقىڭلار سەۋەبلىك جىنايەتچىلەردىن بوپقالىسىلەر.
(53) ھۇدنىڭ قەۋمى: ھەي ھۇد! سەن تېخى بىزنى ئىشەندۈرىدىغان روشەن پاكىت كەلتۈرمىدىڭ. بىز سېنىڭ قۇرۇق گېپىڭ تۈپەيلىدىن ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشنى تاشلىمايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سېنىڭ ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋالغىنىڭغا ئىشەنگىنىمىز يوق، دېيىشتى.
(54) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چۇقۇنۇشتىن چەكلىگەنلىكىڭ ئۈچۈن سېنى پەقەت بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىپ قويۇپتۇ، دەيمىز. ھۇد ئېيتتى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن. سىلەر مېنى ساراڭ قىلىپ قويغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلار بىلەن بىرلىشىپ ماڭا سۈيقەست قىلىڭلار، ئاندىن ماڭا ئارام بەرمەڭلار.
(55) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چۇقۇنۇشتىن چەكلىگەنلىكىڭ ئۈچۈن سېنى پەقەت بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىپ قويۇپتۇ، دەيمىز. ھۇد ئېيتتى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن. سىلەر مېنى ساراڭ قىلىپ قويغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلار بىلەن بىرلىشىپ ماڭا سۈيقەست قىلىڭلار، ئاندىن ماڭا ئارام بەرمەڭلار.
(56) مەن ھەقىقەتەن يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئىشلىرىمدا شۇنىڭغا تاياندىم، ئۇ مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ سەلتەنىتى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇنىڭغا باش ئەگمىگەن ھېچ نەرسە يوق. ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈستىدە بولۇپ، سىلەرنى ھەرگىزمۇ ماڭا ھۆكۈمران قىلىپ قويمايدۇ، چۈنكى مەن ھەق ئۈستىدە، سىلەر بولساڭلار سەپسەتىگە ئاساسلىنىسىلەر.
(57) ئەگەر سىلەر مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن يۈز ئۆرۈپ قاچساڭلار (ماڭا ھېچ زىيىنى يوق). چۈنكى مېنىڭ ۋەزىپەم پەقەت سىلەرگە يەتكۈزۈش بولۇپ، شەكسىزكى مەن ئاللاھ مېنى پەيغەمبەر قىلىپ، يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان دىننى تولۇق يەتكۈزدۈم. ئەمدى سىلەرگە قارشى پاكىت بار، پەرۋەردىگارىم چوقۇم سىلەرنى ھالاك قىلىپ، ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئىنكار قىلىش ۋە يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ مېنى سىلەر پىلانلىغان سۇيىقەستلەردىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
(58) ئۇلارنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز كەلگەندە ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇئمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى ھۇدنىڭ كاپىر قەۋمىنى ئازابلىغان قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق.
(59) ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ مۆجىزلىرىنى ئىنكار قىلىپ، پەيغەمبىرى ھۇدقا ئاسىيلىق قىلدى، ھەقكە چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدىغان ۋە بويسۇنمايدىغان ھەر قانداق زوراۋانغا ئىتائەت قىلدى.
(60) ئۇلار بۇ دۇنيادا خارلىققا مەھكۇم بولۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھ ئۇلارنى ھەر قانداق ياخشىلىقتىن يىراق، ھەر قانداق يامانلىققا يېقىن قىلىۋەتتى.
(61) سەمۇدقا قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەي قەۋمىم! يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەبۇد يوق. ئۇ ئاتاڭلار ئادەمنى زېمىننىڭ توپىسىدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنىمۇ شۇنىڭدىن ياراتتى ۋە سىلەرنى زېمىننى گۈللەندۈرگۈچى قىلدى. ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، گۇناھ- مەئسىيەتتىن قول ئۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قايتىڭلار. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم ئۆزىگە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغانلارغا يېقىندۇر، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.
(62) سالىھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي سالىھ! بۇ چاقىرىقىڭدىن ئىلگىرى سەن ئارىمىزدا يۈكسەك مەرتىۋە ساھىبى ئىدىڭ، بىز سېنىڭ كۆيۈمچان، مەسلىھەت سېلىنىدىغان، ئەقىللىق ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق. ئەي سالىھ! سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىمەكچىمۇسەن؟ شەك- شۈبھىسىزكى، بىز سېنىڭ بىر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشقا قىلغان چاقىرىقىڭدىن شەك قىلىۋاتىمىز، بۇ چاقىرىقىڭ بىزنى، سېنى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانمىكى دەپ قارايدىغان قىلىپ قويۇۋاتىدۇ.
(63) سالىھ قەۋمىگە جاۋابەن: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانسام، ئۇ ماڭا پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت رەھمىتىنى ئاتا قىلغان بولسا، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى قىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسام، ئۇنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ سىلەر مېنى ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيسىلەر، دېدى.
(64) ئەي قەۋمىم! بۇ ئاللاھنىڭ تۆگىسى مېنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىمنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇڭا ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىغىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرگە تۆگىنىڭ قارنىنى يېرىشىڭلارغىلا يېقىن ئازاب كېلىدۇ.
(65) ئۇلار ئىنكارچىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ تۆگىنى بوغۇزلىدى. ئاندىن سالىھ ئۇلارغا: زېمىنىڭلاردا تۆگىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكىنىڭلاردىن باشلاپ ئۈچ كۈن ياشىۋېلىڭلار. ئاندىن كېيىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىشى شەكسىز بولۇپ، ھەرگىز يالغان ئەمەس، ئەكسىچە راست ۋەدىدۇر.
(66) بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغان مۇئمىنلەرنى ئۆز رەھمىتىمىز بىلەن ئامان قالدۇرۇپ، ئاشۇ كۈننىڭ خار - زەبۇنلۇقىدىن قۇتقۇزدۇق. ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان كۈچلۈك، غالىب زاتتۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ھەقنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەن.
(67) سەمۇد قەۋمىنى ھالاك قىلغۇچى قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى - دە، ئۇلار ئاۋازنىڭ دەھشىتىدىن ئۆلدى ھەمدە يۈزلىرى توپىغا مىلەنگەن پېتى دۈم چۈشتى.
(68) گوياكى ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى يۇرتلىرىدا نېئمەت ۋە باياشاتلىق ئىچىدە تۇرۇپ باقمىغاندەك بوپكەتتى. بىلىڭلاركى، سەمۇد ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى.
(69) شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر بىر قانچە ئەرنىڭ قىياپىتىدە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ۋە ئايالىغا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان ياقۇپ بىلەن خۇشخەۋەر بەردى. پەرىشتىلەر: ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز، دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇلارغا جاۋابەن: سىلەرگىمۇ ئامانلىق تىلەيمەن، دېدى ۋە ئالدىراپ بېرىپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن موزاي كاۋىپى ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ يېنىغا كەلگەنلەرنى ئىنسان دەپ ئويلايتتى.
(70) ئىبراھىم ئۇلارنىڭ گۆشكە قول ئۇزاتمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدى ھەمدە كۆڭلىدە ئۇلاردىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ قورققانلىقىنى ھېس قىلىپ: بىزدىن ئەنسىرىمىگىن. بىزنى ئاللاھ لۇتنىڭ قەۋمىنى ئازابلاش ئۈچۈن ئەۋەتتى، دېدى.
(71) (ئۇ يەردە) ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ بار بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدۇقكى، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىسھاقنى تۇغىدىغانلىقى، ئىسھاقنىڭ يەئقۇب ئىسىملىك بالىسى بولىدىغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سارە ئاڭلىغان بۇ خەۋەردىن شاتلىنىپ كۈلۈمسىرىدى.
(72) پەرىشتىلەر سارەگە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزگەن چاغدا ئۇ ھەيرانلىق بىلەن: مەن ئاللىبۇرۇن تۇغۇتتىن قالغان موماي تۇرسام، ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن بوۋاي تۇرسا، قانداقسىگە تۇغىمەن؟ بۇ ياشتا تۇغۇش ئادەتتە يۈز بەرمەيدىغان غەلىتە بىر ئىشقۇ؟! دېدى.
(73) پەرىشتىلەر سارەنىڭ بۇ خەۋەردىن ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىدىن ھەيران قېلىۋاتامسەن؟ سەندەك بىرىگە ئاللاھنىڭ بۇنچىلىك ئىشقا قادىر ئىكەنلىكى مەخپىي ئەمەس. ئەي ئىبراھىم ئائىلىسى! -ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن- شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۇلۇغلاشقا ۋە ماختاشقا لايىق زاتتۇر، دېدى.
(74) ئىبراھىم بەرگەن زىياپىتىگە ئېغىز تەگمىگەن مېھمانلىرىنىڭ پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن ھېس قىلغان قورقۇنچ بىردىنلا يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئالدى بىلەن ئىسھاق، ئاندىن كېيىن يەئقۇب ئىسىملىك بالىسى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇشخەۋەر كەلگەندە لۇت قەۋمىدىن ئازابنى كېچىكتۈرۈپ، لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ھەققىدە ئەلچىلىرىمىز بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى.
(75) ئىبراھىم ھەقىقەتەن ئازابنىڭ كېچىكىشىنى ياخشى كۆرىدىغان، پەرۋەردىگارىغا كۆپ يالۋۇرىدىغان، كۆپ دۇئا قىلىدىغان ۋە تەۋبە قىلىدىغان مۇلايىم زاتتۇر.
(76) پەرىشتىلەر: ئەي ئىبراھىم! لۇت قەۋمى ھەققىدىكى بۇ مۇنازىرىنى قويغىن. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا ئالدىن بېكىتكەن ئازابنى چۈشۈرۈش ھەققىدىكى بۇيرۇقى كېلىپ بولدى، لۇت قەۋمىگە چوقۇم ئېغىر ئازاب كېلىدۇ، بۇنى نە مۇنازىرىلىشىش بىلەن، نە دۇئا قىلىش بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ.
(77) پەرىشتىلەر لۇتنىڭ يېنىغا ئىنسان شەكىلدە كەلگەن بولغاچقا، لۇت ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىئارام بولۇپ، ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەردىن شەھۋىتىنى قاندۇرىدىغان قەۋمىنىڭ ئۇلارغا بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكى سىقىلدى ھەمدە: بۇ قىيىن بىر كۈندۇر، دېدى. چۈنكى ئۇ قەۋمىنى مېھمانلىرىغا چېقىلىدۇ، دەپ ئويلايتتى.
(78) لۇت قەۋمى ئۇنىڭ مېھمانلىرى بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئالدىراپ-سالدىراپ كېلىشتى. بۇرۇندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر ئارقىلىق شەھۋەتلىرىنى قاندۇرىدىغان مۇشۇنداق ناچار ئادىتى بار ئىدى. لۇت قەۋمىنى جىنايەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېھمانلىرى ئالدىدا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ يۈزىنى قىلىشىنى ئېيتىپ: ئۆزۈڭلارنىڭ قىز-ئاياللىرىدىن چىققان بۇ قىزلىرىمنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ناچار ئىشلارنى قىلغاندىن ھالالدۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى نومۇسقا قويماڭلار. ئەي قەۋمىم! ئاراڭلاردا بۇ قەبىھ قىلمىشتىن توسىدىغان ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىرەر ئادەم يوقمۇ؟ دېدى.
(79) لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ھەي لۇت! سەنمۇ بىلىسەن، بىز سېنىڭ قىزلىرىڭ ۋە قەۋمىڭ ئىچىدىكى ئاياللارغا قىزىقمايمىز. سەن بىزنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئوبدان بىلىسەن. بىزنىڭ كۆڭلىمىز پەقەت ئەرلەرنىلا تارتىدۇ، دېيىشتى.
(80) لۇت: كاشكى مېنىڭ سىلەرگە قارشى تۇردىغان كۈچ -قۇۋۋىتىم ياكى مېنى ھىمايە قىلىدىغان جەمەتىم بولسا ئىدى، سىلەرنى مېھمانلىرىمغا چىقىلىشتىن توسۇپ قالغان بولاتتىم، دېدى.
(81) پەرىشتىلەر لۇتقا: ئەي لۇت! شۈبھىسىزكى بىز ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەردۇرمىز، قەۋمىڭ ساڭا ھەرگىزمۇ يامانلىق قىلالمايدۇ. سەن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ زۇلمەت ۋاقتىدا بۇ كەنتتىن چىقىپ كەتكىن. سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، پەقەت ئايالىڭلا چوقۇم بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ ئارقىسىغا قارايدۇ. چۈنكى ئۇمۇ قەۋمىڭگە ئوخشاش ئازابقا دۇچار بولىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار ھالاك قىلىنىدىغان ۋاقىت تاڭ ۋاقتى بولۇپ، بۇ يېقىن ۋاقىتتۇر، دېدى.
(82) لۇت قەۋمىنى ھالاك قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىمىز كەلگەندە ئۇلارنىڭ كەنتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، دۈم كۆمتۈرۈۋەتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئارقىمۇئارقا ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
(83) بۇ تاشلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئالاھىدە بەلگە سېلىنغان بولۇپ، بۇ تاشلار قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا زالىملارغىمۇ يىراق ئەمەس، ئەكسىچە يېقىندۇر. ئاللاھ ئۇلارغىمۇ بۇ تاشلارنى قاچان چۈشۈرۈشنى تەقدىر قىلسا شۇ ھامانلا چۈشىدۇ.
(84) بىز مەديەن ئاھالىسىگە قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. شۇئەيب ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەبۇد يوق. باشقىلارغا كەمچىلەپ ۋە تارتىپ بەرگىنىڭلاردا جىڭ، تارازىنى كەم قىلماڭلار. شەكسىزكى مەن سىلەرنىڭ باي- باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاراڭلاردىكى ھېچكىم ئايرىلىپ قالمايدىغان كۈننىڭ ئازابى كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇ كۈندە سىلەر ئازابتىن قېچىپ، مۆكۈۋالىدىغان ھېچقانداق جاي تاپالمايسىلەر.
(85) ئەي قەۋمىم! ئەگەر باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرمەكچى بولساڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى ئادىللىق بىلەن تولۇق قىلىڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى كەم قىلىش، ئالداش ۋە ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقلىرىدىن ھېچ نەرسىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە قاتىللىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.
(86) باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادىللىق بىلەن بەرگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھنىڭ سىلەرگە قالدۇرغان ھالال رىزىق (ئۆلچەم ۋە تارازىدا) كەم بېرىپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئېشىنچا نەرسىدىن كۆپ مەنپەئەتلىك ۋە بەرىكەتلىكراقتۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي مۇئمىن بولساڭلار مۇشۇ قالدۇققا رازى بولۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىرمۇبىر ساناپ، ھېسابلاپ تۇرىدىغان نازارەتچى ئەمەس. پەقەت بۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان زات مەخپىينى، ھەتتا پىچىرلاشقاننىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.
(87) شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي شۇئەيب! سېنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئوقۇغان نامىزىڭ سېنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا، ماللىرىمىزنى خالىغانچە ئىشلىتىپ، خالىغانچە كۆپەيتىشنى تاشلىشىمىزغا بۇيرۇمدۇ؟ شۈبھىسىزكى سەن تولىمۇ كۆڭلى- كۆكسى كەڭ، ئەقىللىق ئادەمكەنسەن. ئەمەلىيەتتە سەن بىزمۇ بىلگىنىمىزدەك، مۇشۇ چاقىرىقنى قىلىشتىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەر بىرى ئىدىڭ، ساڭا زادى نېمە بولدى؟ دېيىشتى.
(88) شۇئەيب قەۋمىگە مۇنداق دېدى: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىل - پاكىت ئۈستىدە تۇرسام، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھالال رىزىق ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن يەنە شۇنداق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟). مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن توسۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزۈم ھەرگىز قىلمايمەن. مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت قولۇمدىن كېلىشىچە پەرۋەردىگارىڭلارنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. مېنىڭ بۇنى قىلالىشىم پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. مەن بارچە ئىشلىرىمىدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاخىرى ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن.
(89) ئەي قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا بولغان دۈشمەنلىكىڭلار مەن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىشىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇنكى، بۇ سەۋەبتىن سىلەرنىڭمۇ نۇھنىڭ، ياكى ھۇدنىڭ، ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار بولۇش خەۋپى بار. لۇتنىڭ قەۋمى سىلەردىن نە ۋاقىت، نە ئورۇن جەھەتتە يىراق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دۇچار بولغان ئازابنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر، شۇڭا ئىبرەت ئېلىڭلار.
(90) پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا گۇناھىڭلاردىن تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم تەۋبە قىلغۇچىلارغا كۆيۈمچاندۇر ۋە بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلىغۇچىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.
(91) شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي شۇئەيب! بىز سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەيمىز، چوقۇمكى بىز كۆزۈڭ ئاجىز ياكى قارغۇ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز. ناۋادا سېنىڭ قەۋم - قېرىنداشلىرىڭ بولمىسا ئىدى، بىز سېنى تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتۇق، سەن بىزگە نىسبەتەن ئۆلتۈرۈۋېتىشكە قىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن. بىز پەقەت قەۋم - قېرىنداشلىرىڭنىڭ يۈزىنى قىلىپ سېنى ئۆلتۈرمىدۇق، دېدى.
(92) شۇئەيب قەۋمىگە ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم - قېرىنداشلىرىم سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتماي ئاللاھنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار. سۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرنى شۇ قىلمىشلىرىڭلارغا قارىتا دۇنيادا ھالاك قىلىش ، ئاخىرەتتە ئازابلاش ئارقىلىق جازالايدۇ.
(93) ئەي قەۋمىم! سىلەرمۇ قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئۆزۈڭلار تاللىغان ئۇسۇل بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئۆزۈم تاللىغان ئۇسۇل بويىچە ئەمەل قىلاي. ئۇزۇنغا قالماي ئارىمىزدىن كىمنىڭ خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر. سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن كۈتىمەن، دېدى.
(94) شۇئەيبنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز كەلگەن چاغدا بىز شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى ئۆز رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىن زالىملارغا ھالاك قىلغۇچى ئېغىر ئازاب كەلدى - دە، ئۇلار شۇ ھامان ئۆلدى، يۈزلىرى توپىغا مىلەنگەن پېتى دۈم چۈشتى.
(95) گوياكى ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى ئۇ يەردە ياشاپ باقمىغاندەك بوپكەتتى. بىلىپ قېلىڭلاركى، سەمۇد قەمىگە ئاللاھنىڭ غەزىپى چۈشۈش بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىنغاندەك، مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئاللاھنىڭ غەزىپى چۈشۈش بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىنسۇن!
(96) ھەقىقەتەن بىز مۇسانى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانلىكىنى بىلدۈرىدىغان مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەمدە ئۇ ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن پاكىتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق.
(97) بىز مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىنىڭ يېنىغا ئەۋەتتۇق، بۇ كاتتىلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭدى. ئەمەلىيەتتە پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى ئەگەشكۈدەك دەرىجىدە توغرا بۇيرۇق ئەمەس ئىدى.
(98) پىرئەۋن قىيامەت كۈنى قەۋمىنى باشلاپ، ئۆزىنى ۋە ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ كىرىدۇ. پىرئەۋن ئۇلارنى باشلاپ كەلگەن جاي نېمىدېگەن يامان - ھە!.
(99) ئاللاھ تائالا ئۇلارنى غەرق قىلىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ لەنىتىگە قالدۇردى ھەمدە ئۆز رەھمىتىدىن تامامەن مەھرۇم قىلدى، قىيامەت كۈنىمۇ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قوش لەنەت ۋە ئازابنىڭ ئۈستى - ئۈستىلەپ كېلىشى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق - ھە!.
(100) بۇ سۈرىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرى (ئىلگىرىكى) قەۋملەر ھەققىدىكى بىر قىسىم خەۋەرلەر بولۇپ، ئەي پەيغەمبەر، بىز ساڭا ئۇنى ئېيتىپ بېرىمىز. ئۇ قەۋملەردىن ئالامەتلەر قالغانلىرىمۇ بار، ئالامەتلەر تامامەن ئۆچۈرۈلۈپ، ھېچقانداق ئىز قالمىغانلىرىمۇ بار.
(101) بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىق تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھالاك قىلىش بۇيرۇقى كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا كەلگەن ئازابنى تۇسۇپ قالالمىدى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا پەقەت زىيانكارلىق ۋە ھالاكەتنىڭ زىيادە بولىشىغا سەۋەب بولدى.
(102) ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا (ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاللاھ تائالا ئەنە شۇنداق جازالاپ، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاھالىسى زالىم بولغان يۇرتلارنى ئاللاھنىڭ جازالىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە قاتتىقتۇر.
(103) قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ زالىم يۇرت ئاھالىسىنى ئېغىر جازالىشىدا ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار. ئاشۇ كۈندە ئاللاھ پۈتۈن خالايىقنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلايدۇ. ئۇ ھەممەيلەن ھازىر بولىدىغان بىر كۈندۇركى، ئۇ كۈندە پۈتۈن مەھشەر ئەھلى يىغىلىدۇ.
(104) بىز ئۇ كۈننى، يەنى قىيامەت كۈنىنى پەقەت مەلۇم مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىمىز.
(105) قىيامەت كۈنى بولغاندا ھەركىم گەپ قىلماقچى بولسا، پەقەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولغاندىلا دەلىل - پاكىت ياكى شاپائەت ھوقۇقى بىلەن گەپ قىلالايدۇ. ئۇ كۈندە كىشىلەر ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، بىر بۆلۈكى دوزاخقا كىرىدىغان بەدبەختلەردۇر، يەنە بىر بۆلۈكى بولسا جەننەتكە كىرىدىغان سائادەتمەنلەردۇر.
(106) كاپىر بولغانلىقى ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بەدبەخت بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇلارنى كۆيدۈرگەن ئوت يالقۇنىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئاۋازلىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
(107) ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىنلا بولىدىكەن(دوزاخنىڭ)، ئۇلار دوزاختىن چىقالمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۆزىنى بىر دەپ بىلگەن گۇناھكارلار ئىچىدىن چىقىرىشنى خالىغان كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ خالىغىنىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىدۇر، ئۇنى مەجبۇرلىغۇچى ھېچبىر كۈچ يوق.
(108) ئەمما ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەر قىلغانلىقى ئۈچۈن بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاسمانلار ۋە زېمىن يوقالمايلا تۇرىدىكەن (جەننەتنىڭ)، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. لېكىن ئاسىي مۇئمىنلەر ئىچىدىن ئاللاھ جەننەتتىن بۇرۇن دوزاخقا كىرگۈزۈشنى خالىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى جەننەت ئەھلىدىن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
(109) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنىڭ گۇمراھلىق ئىكەنلىكىدىن قەتئىي گۇمان قىلمىغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نە ئەقلىي، نە شەرئىي دەلىل يوق. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا چوقۇنۇشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىنى دورىغانلىقىدۇر. شەكسىزكى بىز ئۇلارغا تېگىشلىك ئازابنى كەم قويماي بېرىمىز.
(110) شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، كىشىلەر تەۋراتقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولدى، يەنى ئۇنىڭغا بىر قىسمى ئىمان ئېيتقان بولسا، يەنە بىر قىسمى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئالدىراپ جازالىماسلىق، بەلكى مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلىدىن ئازابنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈش قارارى بولمىسا ئىدى، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا تېگىشلىك ئازاب چۈشكەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى يەھۇدى ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلار قۇرئاندىن زور گۇماندىدۇر.
(111) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇخالىپەتچىلەردىن ھەر بىرىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جازا - مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. يەنى ئەمىلى ياخشى بولسا مۇكاپاتمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئەمىلى يامان بولسا جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
(112) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ سېنى بۇيرۇغىنىدەك داۋاملىق توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرغىن. مۇئمىنلەردىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرمۇ سەن بىلەن بىرگە توغرا يولدا بولسۇن. گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىملىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ.
(113) خۇشامەت قىلىش ياكى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق زالىم كاپىرلارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا شۇ مايىللىقىڭلار سەۋەبلىك دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. سىلەرنى دوزاختىن قۇتقۇزالايدىغان ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلار بولمايدۇ، ئاندىن ئۆزۈڭلارغا ياردەم بېرىدىغان بىرىنى تاپالمايسىلەر.
(114) ئەي پەيغەمبەر! ئەتىگەن - كەچلەردە ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ناماز ئوقۇغىن. شۈبھىسىزكى ياخشى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىشلار ۋەز - نەسىھەت قوبۇل قىلغۇچىلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر، ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەتتۇر.
(115) توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە باشقا ئۆزۈڭ بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىشتا ھەمدە ھەددىدىن ئېشىش ۋە زالىملارغا يانتاياق بولۇشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن ئىشلارنى تاشلاشتا چىدامچان بولغىن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئەڭ ياخشى ئەمەل شەكلىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرى بەدىلىگە ئەڭ ياخشى ئەمەل قىلغاننىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.
(116) سىلەردىن ئىلگىرى ئازابقا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئىچىدىن نېمىشقا ئۇلارنى كۇپۇرلۇق ۋە يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن چەكلەيدىغان پەزىلەتلىك، سالىھ كىشىلەر مەيدانغا چىقمىدى. ئۇلاردىن ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھالاك بولغانلارنى بۇزۇقچىلىقتىن چەكلەيتتى. شۇڭا بىز ئۇلارنى زالىملارنى ھالاك قىلغان ۋاقتىمىزدا قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زالىملاردىن بولغان ئىدى.
(117) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ يەر يۈزىدە ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى ھالاك قىلغىنى يوق. پەقەتلا ئاھالىسى كۇپۇرلۇق، زۇلۇم ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان يۇرتلارنى ھالاك قىلىدۇ.
(118) ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىق تۈپەيلىدىن داۋاملىق ئىختىلاپ ئىچىدىدۇر.
(119) پەقەت پەرۋەردىگارىڭ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق رەھىم قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى بۇلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەككە - يېگانىلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇشۇنداق ئىختىلاپلار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ياراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەدبەخت بولىدىغانلارمۇ ۋە بەختكە ئېرىشىدىغانلارمۇ بار. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ جەھەننەمنى جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن توشقۇزىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكمى ئىلمى ئەزەلىيدە پۈتۈلۈپ بولغاندۇر.
(120) ئەي پەيغەمبەر! قەلبىڭنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىش ۋە تېخىمۇ چىدامچان قىلىش ئۈچۈن ساڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بېرىمىز. بۇ سۈرىدە ساڭا شەكسىز ھەقىقەت، كاپىرلارغا ئىبرەت ھەمدە ۋەز - نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان مۇئمىنلەرگە ۋەز - نەسىھەت كەلدى.
(121) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغان ۋە ئۇنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئېيتقىنكى، باشقىلارنى ھەقتىن قاچۇرۇش ۋە توسۇش ئۇسۇلۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار. بىزمۇ ئۆز يولىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇش، ئۇنىڭغا چاقىرىش ھەمدە شۇ يولدا چىدامچان بولۇشتىن ئىبارەت ئۇسۇلىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلىمىز.
(122) سىلەرمۇ بىزگە بىرەر پالاكەت كېلىشىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەرگە كېلىدىغان ئازابنى كۈتىمىز.
(123) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە غەيىبلەرنى بىلىش يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭغا غەيىبلەردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن ئىشلار پەقەت ئۇنىڭغىلا قايتۇرۇلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! يەككە - يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن، پۈتۈن ئىشلىرىڭدا شۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس، بەلكى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنداقلا ھەر كىمگە قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.