27 - سۈرە نەمل ()

|

(1) سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى. ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدۇر، (قۇرئان) روشەن كىتابتۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. ئازراق ئويلانغان كىشى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

(2) ھەقكە يېتەكلەپ، توغرىنى كۆرسىتىدىغان بۇ ئايەتلەر ئاللاھقا ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە خۇشبېشارەتتۇر.

(3) ئۇلار نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، ئاخىرەتتىكى جازا - مۇكاپاتلارغا چىن پۈتىدۇ.

(4) شەكسىزكى ئاخىرەتكە ھەم ئاخىرەتتىكى جازا - مۇكاپاتقا ئىشەنمەيدىغان كاپىرلارغا ناچار ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى، تېڭىرقىغان ھالدا توغرا يولنى تاپالمىدى.

(5) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈپەتتىكى ئىنسانلار بۇ دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىنىش ئارقىلىق قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغانلاردۇر، چۈنكى ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا مەڭگۈلۈك مەھكۇم قىلىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھەم بالا - چاقىلىرىنى يوقىتىدۇ.

(6) ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاننى يارىتىشىدا، پىلانلىشىدا ۋە ئەھكاملارنى يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى زاتتىن تاپشۇرۇۋالىسەن. ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(7) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىگە: مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىزگە توغرا يول كۆرسىتىدىغان بىرەر خەۋەر ئېلىپ كېلەي ياكى سىلەرنىڭ سوغۇقتىن ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي، دېدى.

(8) مۇسا يىراقتىن كۆرۈنگەن ئوتنىڭ ئورنىغا كەلگەندە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەر ئۇلۇغ قىلىندى. بۇ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنى ئۇلۇغلاش ھەمدە ئۇنى ئازغۇنلار سۈپەتلىگەن نالايىق سۈپەتلەردىن پاكلاش ئۈچۈندۇر.

(9) ئاللاھ تائالا مۇساغا ئېيتتى: ئى مۇسا! شەكسىزكى مەن ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب، يارىتىش، تەقدىر قىلىش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.

(10) ھاساڭنى تاشلىغىن. مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. مۇسا ھاسىسىنىڭ خۇددى ئەجدىھادەك تەۋرىنىپ، ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە ئارقىسىغا بۇرۇلدى، (قورققىنىدىن) كەينىگە قارىيالمىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئېيتتى: قورقمىغىن. مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەجدىھا ۋە باشقا نەرسىلەردىن قورقمايدۇ.

(11) لېكىن كىمكى گۇناھ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىدىكەن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن.

(12) قولۇڭنى كۆڭلىكىڭنىڭ ياقىسىدىن قوينۇڭغا سالغىن، قولۇڭ قوينۇڭغا سالغاندىن كېيىن قاردەك ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، ئۇ ئاۋلاق كېسىلى ئەمەس. (بۇ ئىش بىز ساڭا ئاتا قىلغان) توققۇز مۆجىزە ئىچىدە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېننىڭ راستلىقىڭغا ئىسپات بولىدۇ، -قول بىلەن بېرىلگەن مۆجىزىلەر: ھاسا، قەھەتچىلىك يىللىرى، مېۋىلەرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، توپان بالاسى، چېكەتكە، پىت، تاشپاقا ۋە قان ئاپەتلىرى قاتارلىقلار بولۇپ- (بىز بۇ ئاپەتلەرنى) پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە ئاپرىدە قىلدۇق. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم ئىدى.

(13) ئۇلارغا بىز مۇسانى قوللاپ ئۇنىڭغا بەرگەن بۇ روشەن مۆجىزىلەر كەلگەن چاغدا ئۇلار: مۇسا مۆجىزە دەپ كەلتۈرگەن بۇ نەرسىلەر ئوپئوچۇق سېھىردۇر، دېيىشتى.

(14) ئۇلار ئىچىدە بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ، ھەقتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن بۇ روشەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئېتىراپ قىلمىدى. ئەي پەيغەمبەر! كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئارقىلىق يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلاپ باققىن. بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتۇق.

(15) بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا ۋە ئوغلى سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق، (ئۇلارنىڭ) قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلگەنلىكىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. داۋۇد بىلەن سۇلايمان ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىپ: جىمى ھەمدۇسانا بىزنى پەيغەمبەر قىلىپ، جىن - شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق كۆپلىگەن مۇئمىن بەندىلىرىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھ تائالا خاستۇر، دېدى.

(16) سۇلايمان پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە ۋە پادىشاھلىقتا دادىسى داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ۋە ئاتىسىغا بەرگەن نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىپ: ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ بىزگە قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۆگەتتى، پەيغەمبەرلەرگە ۋە پادىشاھلارغا بېرىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى بەردى. ئاللاھ تائالا بىزگە بەرگەن بۇ نېئمەتلەر ھەقىقەتەن روشەن مەرھەمەتتۇر.

(17) سۇلايمانغا ئىنسانلار، جىنلار ۋە ئۇچار قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى، ئۇلار ناھايىتى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

(18) ئۇلار توختىماي يۈرۈش قىلىپ، شام زېمىنىدىكى بىر چۈمۈلە ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە چۈمۈلىلەردىن بىرى: ھەي چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىۋېلىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن. كاشكى ئۇلار سىلەرنىڭ بارلىقىڭلارنى ئۇققان بولسا، سىلەرنى ھەرگىز يەنچىۋەتمىگەن بولاتتى، دېدى.

(19) سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگىن، ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا بەرگەن نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر ئېيتىشنى ئىلھام قىلغىن، مېنى ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغىن، شۇنداقلا رەھمىتىڭ بىلەن سالىھ بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن، دېدى.

(20) سۇلايمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ، ھۆپۈپنى كۆرمىگەندىن كېيىن ئېيتتى: ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۈپنى كۆرمەيمەنغۇ! ئۇنى بىرەر نەرسە توسۇۋېلىپ كۆرەلمەي قالدىممۇ ياكى ئۇ زادى يوقمۇ؟

(21) سۇلايمان ئۇنىڭ يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن: مەن ئۇنى قاتتىق جازالايمەن، يەنى يا يوقاپ كەتكەنلىكىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئۇنى بوغۇزلايمەن ياكى يوقاپ كەتكەنلىكىگە سەۋەب بولالايدىغان ئېنىق پاكىت كەلتۈرىدۇ، دېدى.

(22) ھۆپۈپ يوقاپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كېلىپ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى: مەن سەن بىلمىگەن بىر ئىشنى بىلىپ كەلدىم، ساڭا سەبە ئاھالىسىدىن شەكسىز، ئىشەنچلىك مەلۇمات ئېلىپ كەلدىم.

(23) شەكسىزكى مەن بىر ئايالنىڭ ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئايالغا كۈچ - قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىقنىڭ ھەر قانداق ۋاسىتىسى بېرىلىپتۇ. ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر تەختى بار بولۇپ، ئۇ خەلقىنى شۇ تەختىدە ئولتۇرۇپ ئىدارە قىلىدىكەن.

(24) مەن بۇ ئايالنىڭمۇ، قەۋمىنىڭمۇ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتقۇانلىقىنى كۆردۈم، شەيتان ئۇلارغا شېرىك ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت ناچار ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەق يولىدىن بۇرۇۋەتكەنلىكتىن، ئۇلار ھىدايەت تاپالماپتۇ.

(25) شەيتان ئۇلارنىڭ ئاسماندا يوشۇرۇنغان يامغۇرنى ۋە زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىدىغان، بەندىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان، بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلمىسۇن، دەپ ئۇلارغا شېرىك ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت ناچار ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى.

(26) ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇركى، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.

(27) سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھۆپۈپكە ئېيتتى: سەن دېگەنلىرىڭدە راست ئېيتتىڭمۇ ياكى يالغان ئېيتتىڭمۇ؟ قاراپ باقىمىز.

(28) سۇلايمان بىر پارچە مەكتۇب يېزىپ، ئۇنى ھۆپۈپكە بەردى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: بۇ مەكتۇبنى سەبە ئاھالىسىگە ئاپىرىپ تاشلىغىن، مەكتۇب ئۇلارنىڭ قولىغا تەگكەندىن كېيىن بىر چەتتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا قۇلاق سالغىن.

(29) ئايال پادىشاھ مەكتۇبنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئېيتتى: ئەي كاتتىلار! ماڭا بىر پارچە قىممەتلىك مەكتۇب كەلدى.

(30) سۇلايماندىن ئەۋەتىلگەن ھەمدە «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن» دەپ باشلانغان بۇ مەكتۇبنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

(31) ھاكاۋۇرلۇق قىلماي، ماڭا بويسۇنغان ھالدا ئالدىمغا كېلىڭلار. مەن سىلەرنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە، ئۇنىڭغا قوشۇپ قۇياشقا چوقۇنۇش ئارقىلىق سىلەر ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان شېرىكنى تاشلاشقا چاقىرىمەن.

(32) ئايال پادىشاھ مۇنداق دېدى: ئەي ئۇلۇغلار، كاتتىلار! بۇ ئىشتا ماڭا توغرا مەسلىھەت بېرىڭلار، مەن مۇشۇ چاغقىچىمۇ سىلەرنى يىغىپ، مەسلىھەتىڭلارنى ئالماي تۇرۇپ ھېچ ئىشتا قارار چىقارغىنىم يوق.

(33) ئۇنىڭغا قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: بىز تولىمۇ كۈچلۈك، ئۇرۇشتا ئىنتايىن جەڭگىۋار خەلقمىز، سېنىڭ پىكىرىڭگە ھۆرمەت قىلىمىز، شۇڭا ئۆزۈڭ بىر نەرسە دېگىن. بىزنى نېمىگە بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى قىلىشقا تەييار، دېيىشتى.

(34) ئايال پادىشاھ ئېيتتى: پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ئارقىلىق شەھەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، شەھەرنىڭ ئىززەت - شەرەپ بىلەن ياشاپ كەلگەن ئاقساقاللىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى خورلايدۇ. پادىشاھلار بىرەر شەھەرنى بېسىۋالسا، (شەھەر پۇقرالىرىنىڭ) كۆڭۈللىرىگە قورقۇنچ ۋە ئەندىشە سېلىش ئۈچۈن بۇرۇندىن شۇنداق قىلىپ كەلگەن.

(35) مەن بۇ مەكتۇبنىڭ ئىگىسىگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە سوۋغات ئەۋەتىمەن ھەمدە سوۋغات ئەۋەتكەندىن كېيىن ئەلچىلەرنىڭ قانداق جاۋاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن.

(36) بىلقىسنىڭ ئەلچىسى ھەمراھلىرى بىلەن سوۋغاتلارنى كۆتۈرۈپ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە سۇلايمان ئۇنىڭ سوۋغات ئەۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: سىلەر ماڭا مال - دۇنيا بېرىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلاردىن دىققىتىمنى بۇرىماقچىمۇ؟ ئاللاھ تائالا ماڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىك، پادىشاھلىق ۋە مال - دۇنيالار سىلەرنىڭ بەرگىنىڭلاردىن كۆپ ياخشىدۇر. بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن دۇنيانىڭ ئەرزىمەس ماتالىرىدىن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر.

(37) سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بىلقىسنىڭ ئەلچىسىگە: ئەكەلگەن سوۋغىتىڭنى ئېلىپ كەتكىن. بىز بىلقىس ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان لەشكەر تارتىپ بېرىپ، ئەگەر ئۇلار ماڭا بويسۇنمىسا، ئىلگىرى شان - شەرەپ بىلەن ياشاپ كەلگەن سەبەدىن خارلانغان ھالدا قوغلاپ چىقىرىمىز، دېدى.

(38) سۇلايمان ئەلەيھىسسالام يېنىدىكى ئوردا ئەركانلىرىغا خىتاب قىلىپ: ئەي كاتتىلار! ئۇلار بويسۇنغان ھالدا ئالدىمغا كېلىشتىن بۇرۇن قايسىڭلار بىلقىسنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىسىلەر؟ دېدى.

(39) باشتۇڭ بىر جىن ئۇنىڭغا جاۋابەن: مەن ئۇنىڭ تەختىنى سەن مۇشۇ ئۇرنۇڭدىن تۇرۇپ بولغۇچە ئەكېلىپ بولىمەن، مېنىڭ ئۇنى ئەكېلىشكە ئەلۋەتتە كۈچۈم يېتىدۇ، مەن بۇ ئىشتا ئىشەنچلىكمەن، بۇيرۇقۇڭدىن ھېچنېمىنى چالا قويمايمەن، دېدى.

(40) سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا سالىھ بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ كىتابتىن ئىلمى بار، شۇنىڭ ئىچىدە دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىغا ۋەسىيلە بولىدىغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئىسمىنىمۇ بىلىدىغان كىشى ئىدى. شۇ كىشى سۇلايمانغا: مەن ئاللاھقا بىلقىسنىڭ تەختىنى ئەكېلىپ بېرىشى ھەققىدە دۇئا قىلىپ، سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنى ئەكېلىپ بولىمەن، دېدى - دە، ئاللاھقا دۇئا قىلىۋېدى، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى شۇئانلا ئىجابەت قىلدى. سۇلايمان بىلقىسنىڭ تەختىنىڭ ئۆز يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىدىندۇركى، ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلامدىم - يوق؟ سىنىماقچى. كىمكى ئاللاھقا شۈكرى قىلىدىكەن، شۈكرىسىنىڭ پايدىسى ئۆزىگە. ئاللاھ ھەر نەرسىدىن بىھاجەت زاتتۇركى، بەندىلەرنىڭ شۈكرى قىلغانلىقى ئۇنىڭ بايلىقىنى كۆپەيتەلمەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكرى قىلمايدىكەن، شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭ شۈكرىسىدىن بىھاجەتتۇر، سېخىيدۇر. ئۇنىڭ ئۆز نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغانلارغىمۇ ئېھسان قىلىشى ئۇنىڭ سېخىيلىقىدىندۇر.

(41) سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: بىلقىسنىڭ تەختىنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئۆزگەرتىۋېتىڭلار. ئۇ ئۆز تەختىنى تونۇيالامدۇ - يوق؟ قاراپ باقايلى، دېدى.

(42) سەبە مەلىكىسى سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا سىناش ئۈچۈن: مۇشۇ سېنىڭ تەختىڭگە ئوخشامدۇ؟ دېيىلدى. ئۇ جاۋابەن: شۇدەك قىلىدۇ، دېدى. ئارقىدىنلا سۇلايمان: ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق ئىشلارغا قادىر بولغاچقا، بىلقىستىن ئىلگىرى بىزگە ئىلىم بەرگەن ئىدى. بىزمۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغان ئىدۇق، دېدى.

(43) ئۇنى قەۋمىگە ئەگىشىپ، قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن توسۇپ قويدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا كاپىر بولغان قەۋمدىن بولۇپ، ئۇمۇ قەۋمىگە ئوخشاش كاپىرلاردىن بولغان ئىدى.

(44) بىلقىسقا: سىرتقى كۆرۈنۈشى تۈپتۈز سارايغا كىرگىن، دېيىلگەندە بىلقىس ئۇنى كۆرۈپلا سۇ دەپ ئويلاپ قالدى - دە، كىچىپ ئۆتۈشكە تەمشەلگەندەك پاچىقىنى ئاچتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: بۇ ئەينەكتىن ياسالغان سىلىق سارايدۇر، دەپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋېدى، بىلقىس سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا شۇئانلا ئاۋاز قوشۇپ: ئەي رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ساڭا باشقىلارنى قوشۇپ چوقۇنۇپ ئۆزۈمگە زۇلۇق قىپتىمەن، مەن سۇلايمان بىلەن بىرگە پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېدى.

(45) ھەقىقەتەن بىز سەمۇدقا ئۇلارنىڭ نەسەب قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. سالىھ ئۇلارغا: يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدى. سالىھ ئۇلارنى تەۋھىدكە چاقىرغاندىن كېيىن ئۇلار بىردىنلا بىرى مۇئمىن، يەنە بىر كاپىر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، قايسى تەرەپنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە دەتالاش قىلىشقا باشلىدى.

(46) سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازاب كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن گۇناھلىرىڭلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭلار بولمامدۇ؟ دېدى.

(47) سالىھنىڭ قەۋمى ھەقتىن چوڭچىلىق قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا: سەن ۋە سەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن (بىزگە قەھەتچىلىك كەلدى) دېدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىقلارنى باشقىلارنىڭ شۇملۇقىدىن دەپ قاراشتىن چەكلەنگەن ئىدىڭلار. بۇنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇ ئىشلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئەسلىدە سىلەر بەزىدە كەڭرى نېئمەتلەر بېرىلىش ئارقىلىق، بەزىدە خاپىلىققا دۇچار بولۇش ئارقىلىق سىنىلىۋاتىسىلەر.

(48) ھىجر شەھىرىدە توققۇز نەپەر كىشى بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدۇ.

(49) ئۇلار بىر - بىرىگە مۇنداق دېيىشتى: ئاراڭلاردىن ھەر كىم ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن، كېچىدە سالىھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا: بىز سالىھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلگەندە يوق ئىدۇق، شەكسىزكى بىز راست دەۋاتىمىز، دەيمىز.

(50) ئۇلار سالىھنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن خۇپىيانە سۇيىقەست پىلانلاشتى. بىزمۇ سالىھقا ياردەم بېرىپ، ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزدۇق. ئۇلار بۇنى بىلمەيتتى.

(51) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى ۋە ھىيلە - مىكرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باققىن. بىز ئۆز دەرگاھىمىزدىن ئازاب ئەۋەتىپ ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتتۇق. نەتىجىدە ئۇلار تامامەن ھالاك بولدى.

(52) ئەنە ئاشۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئىدى، ئۇ ئۆيلەرنىڭ تام - تورۇسلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئادىمىزاتتىن خالىي بوپقالدى. شەكسىزكى ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا كەلگەن ئازاب ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەتتۇر. مۇئمىنلەر (ئاللاھنىڭ) ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ.

(53) سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغان ئىدى.

(54) ئەي پەيغەمبەر! لۇتنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا لۇت قەۋمىگە كايىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەيىبلەپ ئىپلاس قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ ئېيتتى: سىلەر بىر يەرگە توپلىشىدىغان سورۇنلىرىڭلاردا بىر - بىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا قەبىھ قىلمىشنى قىلامسىلەر؟

(55) سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىپىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ئىپپىتىڭلارنى ساقلاپ، پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمامسىلەر؟ بۇ قىلغىنىڭلار پەقەت چاھارىپايلاردەك شەھۋەتنى قاندۇرۇشتۇر. بەلكى سىلەر ئىمان ئېيتىش، پاك بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆزۈڭلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنىمۇ بىلمەيدىغان نادان كىشىلەر سىلەر.

(56) ئۇلارنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار نىجاسەتتىن ۋە مەينەتچىلىكتىن پاك كىشلەردۇر» دېيىش بولدى. ئۇلار بۇ گەپلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ناچار قىلمىلشىرىغا شېرىك بولماي، ئەكسىچە ئىنكار قىلغان لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن دېيىشتى.

(57) بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتۇلدۇردۇق، خوتۇنىنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇشى ئۈچۈن ئازابتا قېلىشىغا ھۆكۈم قىلدۇق.

(58) بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن تاش ياغدۇردۇق. بۇ يامغۇر ئازاب بىلەن قورقۇتۇلسىمۇ قوبۇل قىلمىغانلارنى ھالاك قىلغۇچى ئاپەت بولدى.

(59) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، جىمى ھەمدۇسانا نېئمەتلەر ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، لۇت ۋە سالىھلارنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابتىن مېنىڭ ساھابىلىرىمنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىشىمۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر. ھەممە نەرسە ئىلكىدە بولغان، ھەقىقىي مەبۇد ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، مۇشرىكلار چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار ياخشىمۇ؟

(60) ئەي ئىنسانلار! ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ھەم كۆركەم باغلارنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئاجىز بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇنچىۋالا باغلارنى يېتىشتۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيتتى. ئۇنى ئاللاھ ئۆستۈرۈپ بەردى. ئاللاھقا بۇ ئىشلارنى قىلىشىپ بەرگەن بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ يوق! بەلكى ئۇلار ھەقتىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بولغاچقا، ناھەق رەۋىشتە ياراتقۇچىغا يارالغۇچىلارنى تەڭ قىلىدۇ.

(61) زېمىننى ئۈستىدىكى مەخلۇقلارنى پاراكەندە قىلمايدىغان شەكىلدە تەۋرىمەس، مۇستەھكەم قىلغان كىم؟ ئۇنىڭ ئىچىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، تاغلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قوزۇق قىلغان كىم؟ تۇزلۇق دېڭىز بىلەن تاتلىق دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسۇق پەيدا قىلغان كىم؟ ئۇ توسۇق ئىككى دېڭىزنىڭ بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىپ، ئىچكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھقا بۇلارنى قىلىشىپ بەرگەن بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ يوق! ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلگەن بولسا ئىدى، ئاللاھقا مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولاتتى.

(62) بېشىغا كۈن چۈشۈپ، خاپىلىقتا قالغان ئادەم دۇئا قىلسا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن كېسەللىك، كەمبەغەللىك ۋە باشقا تۈرلۈك خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان زات كىم؟ ئۇ زات سىلەرنى ئەۋلادمۇئەۋلاد بىر - بىرىڭلارغا ئىزباسار بولىدىغان ھالەتتە يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدى. ئاللاھقا بۇلارنى قىلىشىپ بەرگەن بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ يوق! سىلەر ئىنتايىن ئاز پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىسىلەر، ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر.

(63) قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا نىشان قىلىپ بەرگەن ئالامەتلەر ۋە يۇلتۇزلار ئارقىلىق سىلەرگە يول كۆرسىتىدىغان، بەندىلىرىگە رەھمەت بولىدىغان يامغۇرنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن خۇشبېشارەت بېرىدىغان شاماللارنى ئەۋەتىدىغان زات كىم؟ ئاللاھقا بۇ ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىغان بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ ئاللاھ (بۇلاردىن) پاكتۇر، مۇشرىكلار ئۇنىڭغا شېرىك قىلىۋاتقان مەخلۇقاتلىرىنىڭ (شېرىك بولۇشىدىن) مۇقەددەستۇر.

(64) ئىنساننى دەسلەپتە بەچچىدانلاردا باسقۇچمۇ-باسقۇچ ياراتقان، ئاندىن ۋاپات تاپقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئۇنى تىرىلدۈرىدىغىنى كىم؟ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سىلەرگە رىزىق .بېرىۋاتقان كىم؟ ئاللاھقا بۇ ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىغان بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا: ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، شېرىك كەلتۈرگىنىڭلارغىمۇ دەلىل - پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، دېگىن.

(65) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەرمۇ، زېمىندىكى ئىنسانلارمۇ غەيبنى بىلمەيدۇ. لېكىن ئۇنى يەككە - يېگانە ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

(66) ئۇلارنىڭ ئاخىرەت ھەققىدىكى ئىلمى (ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد) ئۇدۇم قالغان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار ئاخىرەت ھەققىدە داۋاملىق گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئىچىدىدۇر. بەلكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئاخىرەتتىن كوردۇر.

(67) كاپىرلار ئىنكار قىلىپ ئېيتتى: بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان تۇرساق، قايتىدىن تىرىكلىك ھالەتكە قايتىشىمىز مۇمكىنمۇ؟

(68) ھەقىقەتەن بىزگە ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا بىردەك قايتا تىرىلىدىغانلىقىمىز ۋەدە قىلىنغان ئىدى. ئەمما بىز بۇ ۋەدىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بىزنىڭ ھەممىمىزگە قىلىنغان بۇ ۋەدە ئىلگىرىكىلەر كىتابلىرىدا توپلىغان ئەپسانىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس.

(69) ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كىشىلەرگە ئېيتقىنكى، زېمىننىڭ ھەر قانداق يېرىگە بېرىپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق.

(70) مۇشرىكلارنىڭ دەۋىتىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن ئىچىڭ سىقىلمىسۇن. ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ.

(71) قەۋمىڭدىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار ئېيتىدۇكى، سەن ۋە مۇئمىنلەر بىزگە ۋەدە قىلىۋاتقان ئازاب قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر ئاشۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار (قېنى دەپ بېقىڭلار).

(72) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئالدىراتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن.

(73) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر، ئۇلار شۇنچىۋالا كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلغان تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلمايدۇ.

(74) شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىدە يوشۇرغانلىرىنىمۇ، ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(75) ئاسماندا ۋە زېمىندا ھەر قانداق بىر سىر بولسا، ئۇ چوقۇم لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەندۇر.

(76) شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلار دەتالاش قىلىشقان كۆپ نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇرمىلاشلىرىنىمۇ پاش قىلىدۇ.

(77) قۇرئان ھەقىقەتەن ئىچىدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغۇچى مۇئمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.

(78) ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى مۇئمىن ۋە كاپىر بارلىق ئىنسانلار ئارسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاندىن مۇئمىننى رەھمىتىگە ئالىدۇ، كاپىرنى جازالايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، توغرا ئىش قىلغۇچىنى خاتا ئىش قىلغۇچىغا ئارىلاشتۇرۇۋەتمەيدۇ.

(79) شۇڭا پۈتۈن ئىشلىرىڭدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن ھەم ئۇنىڭغا تايانغىن، شۈبھىسىزكى سەن روشەن ھەقىقەت ئۈستىدىسەن.

(80) ئەي پەيغەمبەر! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن قەلبلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلۈكلەر ۋە پاڭلارغا، ئۇلار سەندىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا دەۋىتىڭنى ئاڭلىتالمايسەن.

(81) سەن كۆزلىرى ھەقىقەتتىن كور بولغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلالمايسەن، شۇڭا ئۇلارغا قايغۇرمىغىن ھەم قۇرۇق ئاۋارە بولمىغىن، دەۋىتىڭنى پەقەت ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.

(82) كۇپرىسى ۋە ئاسىيلىقلىرىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئازابلاشقا تېگىشلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئازابلانسا ۋە ناچار كىشىلەر قېپقالسا، قىيامەت يېقىنلاشقان چاغدا زېمىندىن قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرنى مەيدانغا چىقىرىمىز. ئۇ ئالامەت زېمىندىن چىقىدىغان بىر ھايۋان بولۇپ، ئۇ ئۇلار چۈشىنىدىغان تىلدا ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

(83) ئەي پەيغەمبەر! ھەر ئۈممەتتىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان بىر توپ كاتتىباشلىرىنى توپلايدىغان ھەمدە ئۇلار باشتىن - ئاخىرى يىغىلىپ، ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلىدىغان كۈننى سۆزلەپ بەرگىن.

(84) ئۇلار توختىماي ھەيدىلىپ، ھېساب مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە ئاللاھ ئۇلارغا كايىپ: سىلەر مېنىڭ يەككە - يېگانىلىكىمنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ھەمدە مېنىڭ شەرىئىتىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ باتىل ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتىڭلار يوق. (ئەگەر ئۇنىڭ باتىللىقى ھەققىدە مەلۇماتىڭلار بولغان بولسا) ئاندىن ئۇنى ئىنكار قىلساڭلارمۇ بولار ئىدى. ياكى سىلەرنىڭ ئايەتلىرىمنى تەستىقلاش ياكى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت قىلمىشىڭلار نېمە؟

(85) ئاللاھقا كاپىر بولۇش ھەم ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئاجىز، دەلىل - پاكىتلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بولغاچقا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.

(86) ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە كېچىنى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت قىلىپ بەرگەنلىكىمىزگە، كۈندۈزنى كۆرۈپ، تىرىكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن يورۇق قىلىپ بەرگەنلىكىمىزگە قاراپ باقمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن ئاشۇ قايتا - قايتا ئۆلۈم ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشتە ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن ئالامەتلەر بار.

(87) ئەي پەيغەمبەر! سۈر چىلىشقا مۇئەككەل پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈر چالىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، ئۇ چاغدا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئالاقىزادە بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئاللاھ مەرھەمەت قىلىپ بۇ ئالاقىزادىلىكتىن ساقلاپ قالغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرى ئاللاھقا بويسۇنۇپ، باش ئەگكەن ھالدا كېلىدۇ.

(88) بۇ كۈندە تاغلارنى مىدىرلىماي، جىم تۇرىدۇ، دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى تاغلار ئەمەلىيەتتە بۇلۇتتەك ناھايىتى تېز مېڭىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىشىدۇركى، ئۇ تاغلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى ئۇ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەم شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەرگە جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(89) قىيامەت كۈنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن كەلگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكىگە ئېرىشىپ خاتىرجەم بولىدۇ.

(90) كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن كەلگەنلەر دوزاخقا دۇم تاشلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تېخىمۇ يەرگە قارىتىش ئۈچۈن كايىلغان ھالەتتە دېيىلىدۇكى: سىلەر پەقەت دۇنيادا كاپىر بولغانلىقىڭلار ھەم ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر.

(91) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان شەھەر مەككىنىڭ پەرۋەردىگارىغىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇ جايدا قان تۆكۈشكە بولمايدۇ، ھېچكىم زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ، ئوۋلىرى ئوۋلانمايدۇ، دەرەخلىرى كېسىلمەيدۇ. ھەممە نەرسنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. مەن پەقەت ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم.

(92) مەن كىشىلەرگە قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم، كىمكى قۇرئان بىلەن ھىدايەت تېپىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۆزىگە. كىمكى ئېزىپ، قۇرئاندىكى بەلگىلىمىلەردىن چەتنەپ، ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلمايدىكەن: مەن پەقەت سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن، سىلەرنى ھىدايەت قىلىش مېنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ، دېگىن.

(93) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، جىمى ھەمدۇسانا ساناقسىز نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردا، ئاسماندا، زېمىندا ۋە رىزىق بېرىشتە ئۆزىنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. سىلەر ئۇ مۆجىزىلەرنى ھەقكە بويسۇنۇشقا يېتەكلەيدىغان رەۋىشتە تونۇيسىلەر. پەرۋەردىگارىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىخەۋەر قالمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۇنىڭدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.