(1) ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك شەھەر بولغان مەككە مۇكەررەمە بىلەن قەسەم قىلدى.
(2) ئەي پەيغەمبەر! ئۆلۈمگە لايىق بولغانلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىشقا لايىق بولغانلارنى ئەسىر ئېلىشتىن ئىبارەت سەن بۇ شەھەردە قىلغان ئىشلار ساڭا ھالالدۇر.
(3) ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بىلەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەۋلادلار بىلەن قەسەم قىلدى.
(4) بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىگە ياراتتۇق. چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيادا جاپا چېكىدۇ.
(5) ئىنسان گۇناھ - مەئسىيەت قىلسا ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىمۇ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
(6) ئۇ: مەن ئۈستى - ئۈستىلەپ ئىنتايىن كۆپ مال سەرپ قىلدىم، دەيدۇ.
(7) بۇ ماختانچاق ئۆزى سەرپ قىلغان ماللارنى ئاللاھ كۆرمەي قالىدۇ، ئۆزىدىن مال - مۈلكلىرىنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نەگە سەرپ قىلغانلىقى ھەققىدە ھېساب ئالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
(8) بىز ئۇنىڭغا كۆرىدىغان ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟
(9) گەپ قىلىدىغان بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟
(10) بىز ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى تونۇتمۇدۇقمۇ؟
(11) ئۇ ئۆزى بىلەن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان داۋاندىن ئېشىپ، ئۇنى بېسىپ ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغۇچىدۇر.
(12) ئەي پەيغەمبەر! جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان داۋاننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟
(13) داۋان ئېشىش ئەر ياكى ئايال قۇللارنى ئازاد قىلىشتۇر.
(14) ياكى يېمەكلىك كەمدىن - كەم تېپىلىدىغان ئاچارچىلىق كۈنلىرىدە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان يېتىمگە تاماق بېرىشتۇر.
(15) يەنى دادىسى يوق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان سەبىي بالىلارغا تاماق بېرىشتۇر.
(16) ياكى ھېچ نەرسىسى يوق كەمبەغەلگە تاماق بېرىشتۇر.
(17) شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئۆزئارا تائەت - ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرۇشقا، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە بالا - قازالارغا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن بولۇشتۇر.
(18) يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر.
(19) پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلار نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر.
(20) ئۇلار قىيامەت كۈنى ئىشىكلىرى تاقاق ھالەتتىكى دوزاخقا سولىنىپ، شۇ جايدا ئازابلىنىدۇ.