(1) ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن زېمىندىكى ئەنجۈر بىلەن ھەمدە ئۇ ئۆسىدىغان جاي بىلەن، زەيتۇن بىلەن ھەمدە ئۇ ئۆسىدىغان جاي بىلەن قەسەم قىلدى.
(2) پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناجات قىلىشقان جاي سىنا تېغى بىلەن قەسەم قىلدى.
(3) كىرىۋالغان كىشى خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن ھۆرمەتلىك شەھەر مەككە بىلەن قەسەم قىلدى.
(4) ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەڭ مۇكەممەل قامەت ۋە ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق.
(5) ئاندىن ئۇنى مۇشۇ دۇنيادا قېرىلىق ۋە ئاجىزلىققا قايتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن گوياكى ئۇ تەبىئىتى بۇزۇۋېتىپ، دوزاخقا بارغاندا بەدىنى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمىغاندەك بەدىنىدىن پايدىلىنالمايدۇ.
(6) لېكىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا داۋاملىق ئۈزۈلمەيدىغان مۇكاپات بار بولۇپ، ئۇ مۇكاپات جەننەتتۇر. چۈنكى ئۇلار تەبىئىتىنى پاكلىغان كىشىلەر ئىدى.
(7) ئەي ئىنسان! سەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالامەتلىرىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە سېنى جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلىشقا نېمە قىستىدى؟
(8) ئاللاھ تائالا -قىيامەت كۈنىنى جازا - مۇكاپات كۈنى قىلىش ئارقىلىق- ئەڭ توغرا ھەم ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا ياخشى مۇكاپات، يامانلىق قىلغۇچىغا جازا بەرمەي تاشلاپ قويۇشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟