(1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى، ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئوغلى ئەبۇ لەھەب ئەمىلى بىكار بولۇش ئارقىلىق قۇرۇق قول قالسۇن! چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت بېرەتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىقتى.
(2) ئۇنىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى نېمىگە ئەسقاتتى؟ ئۇنىڭدىن نە ئازابنى قايتۇرالمىدى، نە ئۇنى رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشتۈرەلمىدى.
(3) ئۇ قىيامەت كۈنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىپ، ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ.
(4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تىكەن چېچىپ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىدىغان خوتۇنى ئۇممۇ جەمىلمۇ دوزاخقا كىرىدۇ.
(5) ئۇنىڭ بوينىدا پىششىق ئېشىلگە ئارغامچا بولۇپ، ئۇ شۇ ئارغامچا بىلەن دوزاخقا يالاپ ئېلىپ كېلىنىدۇ.